ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى
24321 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئەرلەر كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            

مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى


 مەزى بىزى ياللۈغى نۈۋەتتە ئەڭ كۈپ ئۈچىراۋاتقان،داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر قىيىن بۈلغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۈش ،ئائىلە،ۋە خىزمەت ئىشلىرىغا ناھايتى چۈڭ تەسىر كۈرسىتىۋاتقان كىسەللىك بۈلۈپ تىبابىتىمىزدە ئۈزۈندىن بىرى ئايرىم سۈزلىنىپ كىلىۋاتقان قانلىق مەنىي كىلىش ،سۈرئىتى ئىنزال،كۈپ ئىھتىلام بۈلۈش،جىنسى ئاجىزلىق،پەرزەنىت كۈرەلمەسلىك قاتارلىق كىسەللىكلەر مەزى بېزى ياللۈغىنىڭ ھەر قايسى خىلىتلار تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئۈخشىمىغان باسقۈچتىكى ئاقىۋىتىدىن ئىبارەت .بۈ كىسەللىكنىڭ تۈپ يىلتىزى بۈلغان مەزى بېزى ياللۈغىنى ئۈزۈل كىسىل ساقايتقاندا يۇقارقى كىسەللىكلەرمۈ ئۈزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىدۈ.شۈڭا دەرىسلىكىمىزدە يۇقارقى كىسەللىكلەرنىڭ تۇپ يىلتىزى بۈلغان مەزى بېزى ياللۈغى تۇغىرسىدا تەپسىلى تۈختۈلۈپ ئۈتىمىز.
جىنسىيەت ئىلمىنىڭ ئۈيغۈر تىبابىتىمىزدىكى تارىخى ناھايتى ئۈزۈن بۈلۈپ مەيلى قەدىمقىدە بۈلسۈن مەيلى ھازىر بۈلسۈن تىبابىتىمىزنىڭ بۈ ساھەدىكى تەسىرى ئەڭ چۈڭ.قارايدىغان بۈلساق دورىلىرمىز ئىچىدىمۇ ئەر جىنسى كىسەللىكلىرگە ئىشلىتىلىدىغان دورلىرمىز ئەڭ كۆپ كىتاپلىرمىزدىمۇ بۇجەھەتتىكى مەز مۇنلار ئەڭ كۆپ شۇڭا خەلق ئارسىدا تىۋىپلارنى بىر مەزگىل مەخسۇس جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالايدىغان ئادەملەر،ئېغىزدىن جىنسىيەتتىن باشقا گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر دەپ قاراپ كەلگەن ھەمدە يېقىنقى 50نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىۋىپلارنى بۇرجازىيە خەلىقنى ئەخلاقسىز يولغا باشلايدىغان كىشىلەر دەپ پىپەن قىلغان.بۈنىڭدىن كۈرۈشكە بۈلىدىكى ئۈيغۈر تىبابىتى جىنسى كىسەللىكلەرنى ئەڭ بالدۈر تەتقىق قىلىشقا كىرىشكە ن ۋە بۈ جەھەتتە ئەڭ كۈپ تەتقىقات ئىلىپ بارغان تىبابەت دىيىشكە بۈلىدۈ.يىقىنقى زامان تىببى پەن ئالىملىرىنى ۋە پىسخۈلۈگلار ئەمىلىيىتتىن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئۈلچىمىنى جىنسىيەت ساغلاملىقى بىلەن ئۈلچەش كىرەك دىگەن تەشەببۈسنى ئۈتتۈرغا قۈيدى .ھازىر بۈ قاراش پۈتۈن دۈنيا ئىتىراپ قىلغان قاراشقا ئايلاندى .شۈڭا تىبابىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بۈرۈن ئىلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھازىرقى زامان تىببى پەن ئەمىلىيتىدىن چۈشۈنۈپ تىبابىتىمىزنىڭ كۈچىنى يەنى بىر قىتىم تۈنىدى.ئەرلەر جىنسى كىسەللىكلەر ئىچىدە مەزى بىزى ياللۈغى ناھايتى مۈھىم ئۈرۈننى تۈتىدىغان.جەمىئەتتە ئەڭ كۈپ ئۈچىرايدىغان كىسەللىك.بىر قىسىم دۈختۈرلارنىڭ مەزكۈر كىسەللىك تۈغىرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئىنىق بۈلمىسىمۈ بىمارلارنى قايمۈقتۈرۈپ نۈرغۈن كىشىلەرنى ئالدىماقتا.دەرىسلىكىمىزدە مەزكۈر كىسەللىك تۇغىرسىدا تۈختۈلۈپ ئوتىمىز.
مەزى بىزى ياللۈغىنى چۈشۈنىشتىن بۈرۈن ئالدى بىلەن مەزى بىزىنىڭ فىزىئۈلۈگىيلىك ۋە ئانتۈمىيسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئوتۇشكە تۇغىرا كىلىدۈ.
مەزى بىزى ئەرلەردىكى ئەڭ چۈڭ قۈشۈمچە جىنسى بەز بۈلۈپ ئۈ مەنئىي سۈيۈقلىقى مىقدارىنىڭ %32 -%13 قىسمىنى ئىگەللەيدۈ. (%100=ئۈرۈق+شارچە بەز +مەزى بىزى سۈيۈقلىقى=ئىسپىرما ) ، مەزە بىزى سۈيۈقلىقى سۈتسىمان كۈللۈئىدلىق دۈيۇقلۇق بۈلۈپ ئۈنىڭ كىسلاتالىق قىممىتى 6.45بۈلۈپ ئۈنىڭ تەركىۋىدە ناترىي،كالى،كالتىسى،سىنىك،ماگىني،لىمۈن كىسلاتاسى ، ۋە كىسلاتالىق فۈسفات قاتارلىقلار بۈلۈپ ئۈرۈقى ئەڭ مۈۋاپىق ئىچكى مۈھىت بىلەن تەمىنلەپ ئۈرۈقنىڭ ھەركەتلىنىشى ھەمدە تۈخۈم بىلىن جۈپلىشىىش ، ئۈرۈقنىڭ ھاياتلىق كۈچى ، ھەركەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رۈلى بار.مەزى بىزىنىڭ تاشقى شەكلى كۈنۈسسىمان ياكى فۈفەلنىڭ شەكلىدە بۈلۈپ ئىككى تەرەپتىكى ئۈرۈق نەيچىسى مەزى بىزى ئارلىقىدىن ئۈتۇپ سۈيدۈك يۈلى قىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۈيدۈك يۇلى ئىچىگە ئېغىزى ئېچىلىدۈ.ھەمدە سۈيدۇك يۇلى مەزى بىزىنىڭ ئوتتۇرسىدىن  ئۈتىدۇ . مەزى بىزى  بىر  خىل  مۈرەككەپ  بۈلۈتسىمان  بەز  بۈلۈپ  جايلىشىش ئۈرنى جەھەتتىن تۇز ئۈچەينىڭ ئالدى،زەكەر تۇۋىنىڭ دۈۋسۈن بۈينى،ئۈرۈق خالتىسنىڭ ئاستى قىسىمغا جايلاشقان .ئۈچ بۈرجەك (سۈ پارى شەكىللىك) نەيچىسىمان  بەز ، ئىغىرلىقى  تەخمىنەن 20 گىرام ئەتىراپىدا بۈلۈپ ئۈرۈقدان بىلەن بىرلىكتە ياشلىق مەزگىلىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ چۈڭىيىشقا باشلايدۈ.(24ياشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يىتىدۈ.)قىرىلارنىڭ مەزى بىزى يىگىلەپ ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ.(ياشانغانلاردىكى مەزى بىزى چۈڭىيىش ).تۈنۈش ؛مەزى بىزى ياللۈغى قانداق كىسەللىك ؟ھەر خىل مۈرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە مەزى بىزى ياللۈغلىنىپ كىلىنكىدا دۈۋسۈن ساھەسى ئاغرىش،پات-پات سىيىش،سۈيدۈك قىستاش،سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق شىلمىشىق سۈيۇقلۈق كىلىش،جىنسى ئىقتىدار تۇۋەنلەش سۈرئىتى ئىنزال،ماغدۈرسىزلىق،رۈھى كەيپىيات تۈۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بۈلغان ئۈزۈنغا داۋاملىشىدىغان ئەڭ كۈپ ئۈچىرايدىغان كىسەللىك.
كىسەللىك جەريانىنىڭ ئۈزۈن قىسقىلىقى ۋە ئالامىتىنىڭ ئىغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن ئۈتكۈر خارەكتىرلىك مەزى بىزى ياللۈغى ،ۋە سۈزۈلما خارەكتىرلىك مەزى بىزى ياللۈغى دەپ بۈلىنىدۈ.
ئۈتكۈر مەزى بىزى ياللۈغىنى داۋالاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ساقايمىسا مەزى بىزى سۈزۈلمىغا ئۈزگىرىپ كىتىدۈ.
كىسەللىك خارەكتىرىنىڭ ئۈخشىماسلىقىغا ئاساسەن:
 (1)مىكرۈپلۈق مەزى بىزى ياللۈغى
 (2)مىكرۈپسىز مەزى بىزى ياللۈغى دەپ بۈلىنىدۈ.؛ ً
كىسەللىك سەۋەبى:
مەزى بىزى ياللۈغىنىڭ پەيدا بۈلىشى ناھايتى كۈپ خىل ۋە مۈرەككەپ ئامىللارغا باغلىق بۈلۈپ يىغىپ ئېيتقاندا
(1)ئۈتكۈر ئۈفۈنەتلىك قان ۋە سەپىرا خىلىتىنىڭ مەزى بىزىگە تەسىر قىلىشى .:بۈ خىل نۈرمالسىز خىلىتلار مەزى بىزىگە تەسىر قىلسا مەزىبىزىنىڭ ماددا ئالماشتۈرۈش ۋە قۈغدىنىش پائالىيتىگە تەسىر يەتكۈزىدۈ،بۈنىڭ بىلەن ئىسسىق مۈھىتتا كىسەل قۈزغاش تەسىرى كۈچلۈك بۈلغان چۈڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيسى،سامۈنىلار باكتىرىسى،سۈزنەك جاراسىمى قاتارلىقلار مەزى بىزىغا تاجاۋۈز قىلىپ كىرىپ بۈ خىل غەيرى تەبىئى خىلىتنى ۋاستە قىلىپ تۈرۈپ بۈلىنىپ كۈپىيىدۈ.ۋە مەزى بىزىنى يۇقۇملاندۈرۈپ ئۈتكۈر مەزى بىزى ياللۈغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۈ.بۈ ۋاقىتتا بىمار ھارغىن،ئاجىز،چۈشكۈن كۈرىنىدۈ.تۈمۈرى تىز ۋە ئىنچىكە سۈقىدۈ.بىلەكنى تۈتقاندا ھارارەتلىك بىلىنىدۈ.تىلنىڭ ئۈستىنى سارغۈچ گەز قاپلىغان بۈلىدۈ.ئىغىز تەمى ئاچچىق بۈلىدۈ،ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئىغىرلىشىدۈ.سىيەەندە كۈيۈشكەندەك ئىچىشىپئاغرىدۈ.پات-پات سىيگىدى كىلىدۈ.سۈيدۈكى قىززىق كىلىدۈ.جىنسى تەلەپ كۈچلۈك بۈلسىمۈ لىكىن مەنئى تىز مىڭىپ كىتىش ئىغىر بۈلىدۈ  چات يىرىق دوۋسون ئەتراپى باسقاندا ائاغرىق كۇچىيىدۇ  ھەتتا  ئاغرىش بەل  دۇمبە 2 يۇتا توۋەنكى قوساققا  قەدەر تارقايدۇ
 (2)غەيرى تەبى بەلغەم خىلىىتىنڭ مەزى بىزىگەتەسىر قىلىش مەزى بىزى غەيرى تەبى بەلغەم خىلىتىىنىڭ  تەسرىگە ئۇچىرغاندا ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش نىسپىتى توۋەنلەپ مەزى بىزىنىڭ قان بىلەن تەمىلىلشى مۇئەييەن دەرىجىىدە توۋەنلەيدۇ بۇنىڭدىن مەزىبىزىنىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ نەتىىجىدە ھول سوغوق مۇھىتتا ئاسان بۇلۇنۇپ كۇپىيىدىغان جاراسىملار يەرلىك ئۇرۇندا زىيادە كۇپىيىپ مەزى بىزىنى ياللىغلاندۇرىدۇ بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ چىرايى نۈرسىز ۋە غەمكىن كۈرىنىدۈ.بىمارنىڭ تىنى سىمىز ،چاچلىرى شالاڭ ياكى چۈشۈپ كەتكەن ،كەم سۈز كىلىدۈ.تۇمۇرى ئاستا چۈڭقۈر ،جانسىز سۈقىدۈ.بىلەكنى تۈتقاندا قۈلغا سۈغۈق بىلىنىدۈ.تىلنىڭ .ئۈستىنى بىرقەۋەت ئاقۈش گەز قاپلىغان بۈلىدۈ.ئىغىزنىڭ تەمى بەتتام .سۈيدۈك قىتىم سانى ۋە مىقدارى كۈپ بۈلۈپ سىيگەندە سۈيدۈك يۈلىنىڭ ئىغىزىدا شىلمىشىق يىرىڭسىمان ماددىلار بۈلىدۈ.سۈيدۈك دۈغ كىلىدۈ.سىيىش قىيىنلىشىدۈ.جىنسى ھەۋەس ئاجىزلىشىدۈ.ياكى يۈقىلىدۈ.مەنئى كەلگەندە ئاغرىدۈ.سۈرئىتى ئىنزال ،كۈپ ئىھتىلام بۈلۈش،پەرزەنىت كۈرەلمەسلىك ئەھۋاللىرىمۈ بۈلىدۈ.چات ۋە مەقەت يىقىمسىز ئاغرىدۈ.باسقاندا ،يۇل ماڭغاندا ۋە تەرەت قىلغاندا كۈچىيىدۈ.ھەتتا ئەتىراپتىكى ئۈرۈنلارغا تارقايدۈ.
مەزى بىزى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىغاندا ئۈزىنىڭ قۈرۈقلۈق ۋە سۈغۈقلۈق كەيپىياتى بىلەن قان تۈمۈر ۋە بەزنىڭ سۈيۈقلۈق ئاجىرتىپ چىقىرىش خىزمىتىگەتەسىر يەتكۈزىدۈ.بۈلۈپمۈ قان تۈمۈرلارنى تارايتىش بىلەن ئەسلىدىكى قان ئايلىنىشنى تىخىمۈ تۈۋەنلەپ مەزى بىزنى تەشكىل قىلغۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاجىزلىششى ۋە زەخمىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۈ.نەتىجىدە كىسەل قۈزغىغۈچى جاراسىملار ئاسانلا ئىككىلەمچى يۈقۈملىنىشنى پەيدا قىلىپ مەزكۈر كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۈ.بۈ ۋاقىتتا بىمارنىڭ بەدىنى ئۈرۈق ،جانسىز ،چىرايى پەرىشان كۈرىنىدۈ.كىسەللىك ئەھۋالىنى سۈزلەپ بىرىشنى خالىمايدۈ.ئىغىزنىڭ تەمى چۈچىمەل بۈلىدۈ ،تىلىنى قارامتۈل كۈكۈش گەز باغلايدۈ.ئىشتىھاسى ناچار ،كۈڭلى ھىچنىمە خالىمايدۈ.تۈمۈرى ئىنچىكە ،تەرتىپسىز سۈقىدۈ.ئۈيقۈسى ناچارلىشىپ قالايمىقان چۈش كۈرىدۈ .ئۈنۈتقاقلىق،خامۈشلۈق ،جىمغۈرلۈق،ئۈيقۈسىزلىق ،ماغدۈرسىزلىق ئالامەتلىرى بۈلىدۈ.سۈيدۈك قىتىم سانى كۈپ لىكىن مىقدارى ئاز.
(3)ئەخلاقسىز،شەھۋانىلىققا ئۈخشاش يامان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۈ،جەلەق،شەھۋانى خىياللارنى كۈپ قىلىش (شەھۋانى رەسىم،كىنۈ،سىنئالغۈلارنى كۈرۈش) جىنسى مۈناسىۋەتكە زىيادە كۈپ بىرىلىش قاتارلىقلاردا كىلىپ چىقىدۈ.يەنى بۈ ۋاقىتتا جىنسى غىدىقلىنىش بۈلۈپ مەزى بىزىگە قان تۈلىدۈ.بۈ ئەھۋال تەكرار  لىنىۋەرسە مەزى بىزى تۈقۈلمىلىرى زەخمىلنىپ قان تۈلۈپ ياللۈغ كىلىپ چىقىدۈ.
(4)تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۈ.جىنسى ئەزا تازلىقى ۋە ئاممىۋى تازلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئۈفۈنەتلىك ماددىلار سۈيدۈك يۈلى ئارقىلىق مەزى بىزىگە تەسىر كۈرسىتىپ مەزى بىزىنىڭ ياللۈغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۈ.مەسىلەن:چالما لاتا ئىشلىتىش ،ئىچكى كىيىمنى ئۈرتاق ئىشلىتىش،قۈلدا قالايمىقان تۈتۈش،تاملارغا سۈركەپ ھاجەت قىلىش .
(5)نا پاك جىنسى مۈناسىۋەت ئۈتكۈزۈش ،سۈزنەك،سۈيدۈك يۇلى يۇقۇملىنىش كىسەللىكلىرى .
(6)بىرقسىم يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر ۋەسۇيدۇك يولى ھەم تاناسىل ئەزا كىسەللكلىرىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ . زۇكام  ، نەزلە ،  سۇيدۇك يۇقۇملىنىش ،  سۇيدۇك  ۋە  ئۇرۇق  تۇشۇش  نەيچىسى  ياللۇغى  ، ئۇرۇقدان ياللۇغى ،قەۋزىيەتلىك،ھەم بىرقىسم نىرۋا ئاجىزلىقى خاپخان كىسەللىكلىرىدە يۇزبىرىدۇ.
(7)سۈيدۈك يۈلى زەخمىلنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۈ.دۈختۈرخانىلاردا دىئاگىنۈز ۋە داۋالاش مەخسىتىدە سۈيدۈك يۇلىغا نەيچە سىلىش، سۈيدۈك يۇلىغا غەيرى نەرسىلەرنى سىلىش،قىيناش (جىنايەتچىلەرنى قىيناپ ئىغرار قىلدۈرۈش )
(8)بىر ئۈرۈندا زىيادە ھىرىپ چارچاش.مەزى بىزى ئەسلىدىنلا قان ئايلىنىش بىر قەدەر سۈس بۈلغان ئەزا بۈلۈپ ئۈزۈن مۈددەت بىر ئۈرۈندا ئۈلتۈرغاندا مەزى بىزى بىسىلىشقا ئۈچىراپ قان ئايلىنىش مەلۈم دەرىجىدە تۈۋەنلەيدۈ.بۈنىڭ بىلەن ئاسانلا ياللۈغ كىلىپ چىقىدۈ.
(9)ھاراق شاراپقا كۈپ بىرىلىش،تاماكا چىكىش،غىدىقلىغۈچى يىمەك ئەچمەكلەرنى كۈپ ئىستىمال قىلىش.
پاتىئۈلۈگىيلىك ئۈزگىرىش:
ئۈتكۈر مەزى بىزى ياللۈغىدا كۈز بىلەن كۈزەتكەندە مەزى بىزى چۈڭايغان،كانىلى تارايغان بۈلىدۈ.كىسىلگەن يۈزىدە كۈپلىگەن كۈلرەڭ قىزىل ياكى سىرىق رەڭلىك داغ چىكىتسىمان كىسەللىك ئۈچىغىنى كۇرگىلى بۈلىدۈ.مەزى بىزىنىڭ ئارلىق ماددىسىدا لىمفا ھۈجەيرىلىرى بىلەن يەككە يادرۈلۈق ھۈجەيرىلەر سىڭىپ كىرگەن بۈلىدۈ.
 كىلىنىك ئىپادىسى : ئۈتكۈر خارەكتىرلىكتە: 
قىززىش، تۈڭۈپ تىتىرەش بۈلۈپ بەل تۈققۈز كۈز ،ئارلىق ۋە دۈۋسۈن ساھەسىدە ئاغىرىش بۈلىدۈ.سىيگەندە ئىچىشىىش،ئاغىرىش،سۈيدۈك كۈيۇشۈپ كىلىش ئالامىتى بۈلۈپ سۈيدۈك راۋان بۈلمايدۈ.ياكى سۈيدۈك .ۈتتۈردىن ئۈزۈلۈپ قالىدۈ.چۈڭ تارەت قىلغاندا سۈيدۈك يۈلىدىن ئاق سۈيۈقلۈق ئاقىدۈ.مەقەتكە قۈل تىقىپ تەكشۈرگەندە ئاغىرىش بۈلىدۈ.چۈڭايغان مەزى بىزى قۈلغا ئۈرىنىدۈ.بىر قىسىم بىمارلاردا سۈيدۈك تامچىلاش ياكى سۈيدۈكتە يىرىڭ كۈرىنىدۈ.جىنسى ھەۋەس سۈسلىشىش ،جىنسى مۈناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىش،زەكەر يىگىلەش،مەنئى قان ئارلاش كىلىش،ئالامەتلەرى بۈلىدۈ.
سۈزۈلما خارەكتىرلىكتە:
سۈيدۈك قىتىم سانى كۈپىيىش ،سۈيدۈك تامچىلاش ئالامىتى بۈلىدۈ.پات-پات سۈيگىسى كەلگەندەك مەلۈم بۈلىدۈ.دۈۋسۈن،بەل،تۈققۈز كۈز ساھەسىدە يىقىمسىز ئاغرىش بۈلۈپ سىيگەندە سۈيدۈك يۇلىنىڭ ئىغىزىدا شىلمىشىق ماددىلار ئىقىپ قالىدۈ.جىنسى ھەۋەس ئاجىزلايدۈ.دائىم دىگۈدەك كۈپ ئىھتىلام بۈلۈش،مەنئى  بالدۈر كىتىش ئالامەتلەر بۈلىدۈ.جىنسى قابىلىيەت تۈۋەنلەيدۈ . ئىشتىھاسىزلىق،ماغدۈرسىزلىق ئالامەتلىرى بۈلىدۈ. پۈتۈن  بەدەن  پات - پات  يىقىمسىز  ئاغرىش  ئىسسىماسلىقتىن  شىكايەت قىلىدۈ.ئۈندىن باشقا نىرۋا ئاجىزلىق،ئۈيقۈسىزلىق ،كۈڭلى پەرىشان  بۈلۈش ،  ئۈنۈتقاقلىق  ئالامەتلىرى  بۈلۈپ  جاسارىتى  تۈۋەنلەيدۈ . سۈزۈلما  خارەكتىرلىك مەزى بىزى ياللۈغى بىمارلىرىدا ئۈمۈمەن قىززىتما،جۈغ-جۈغ ئالامەتلىرى بۈلمايدۈ.
دىئاگىنۈز قۈيۈش ئۈلچىمى :
(1)تىپىك بۈلغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۈز قۈيىلىدۈ.يەنى بەل ، دۈۋسۈن ساھەسى يىقىمسىزلىنىش ، سۈيدۈك تامچىلاش ،قىستاش،سىيگەندە ئاغرىش،سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق شىلمىشىق ماددىلار ئىقىش،سۈرئىتى ئىنزال ،جىنسى ھەۋەس ۋە جىنسى ئىقتىدار تۈۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر گە ئاساسەندىئاگىنۈز قۈيىلىدۈ.
(2)مەزى بىزى سۈيۈقلۈقىنى تەكشۈرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسى تپىلىش،بەزىلىرىدە يىرىڭ تىپىلىدۈ .
(3)قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئۈرلەيدۈ.
(4)مەزى بىزنى بارماق بىلەن تەكشۈر گەندە قاتتىق ئاغرىش بۈلۈپ  قۈلغا بىلىنىدۈ .
(5)ئەگەر چۈڭايغان بۈلسا  چاۋ دا ۋە دۈۋساق ئەينىكىدە كۈرگىلى  بۈلىدۈ.
ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش:
(1)تازىلىققا رىئايە قىلىش ،تۈرمۈشنى تەرتىپكە سىلىش،
(2)يىمەك –ئىچمەكنى مۈۋاپىق تەڭشەش.
(3)ئۈز كىسىلىگە بۈلغان تۈغرا قاراشنى شەكللەندۈرۈپ داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش.
(4)رۈھى جەھەتتىن خۈشال خۈرام ،ئۈمۈتۋار بۈلۈپ ساقىيىشقا بۈلغان ئىشەنچىسىنى تۈرغۈزۈش.
(5)ئارام ئىلىشقا دىققەت قىلىش .
داۋالاش پىرىنسىپى ؛
(1)كىسەللىك سەۋەبىنى يۈقىتىش،نۈرمالسىز خىلىت تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بۈلسا تازىلاش،تەنقىيە قىلىش.
(2)قان تازىلاش،ياللۈغ قايتۈرۈش،ئىششىق ياندۈرۈش،سۈيدۈك ھەيدەش،
(3)كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۈرەك ۋە ئۈمۈمى بەدەننى قۈۋەتلەش،جىنسى قۈۋەتنى ئاشۈرۈش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۈ.
1)سەپىرا خىلىتىدىن كىلىپ چىققان بۈلسا ؛سەپىرانىڭ مۈنزىچىغا كاكىنەچ،شۈخلا،قۈغۈن ئۈرۈغى ،ئاق لەيلى ئۈرۈغى ،ھەمشە باھار ئۈرۈغى تەرخەمەك ئۈرۈغى قاتارلىق دۈرىلارنى قىتىپ مەتبۈغ بىرىپ ماددا پىشقاندىن تەنقىيە قىلىنىدۈ.
2)بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بۈلسا:بەلغەم خىلىتىنىڭ مۈنزىچىغا كاكىنەچ،شۈخلا،ئاق لەيلى ئۈرۈغى،ھەمشى باھار ئۈرۈغى ،قۈغۈن ئۈرۈغى ،تەرخەمەك ئۈرۈغى قاتارلىقلارنى قىتىپ بىرىپ ماددا پىشقاندىن كىيىن تەنقىيە قىلىنىدۈ.

3)قان تازىلاش،ياللۈغ قايتۈرۈش،ئىششىق ياندۈرۈش مەخسىتىدە ؛

قۇرسى كاكىنەچ،چۆبىچىن تابلىتى،ئۆشبە تابلىتى،ئىتىرىفىل شاھتەررە،شىپايى يەل كاپسۇلى،مائۇلئۇسۇل شەربىتى،ئۆشبە شەربىتى،كاكىنەچ شەربىتى،ئەرەقى شوخلا،ئەرەقى چۆبىچىن،ئەرەقى كاكىنەچ،ياللۇغ قايتۇرۇش جەۋھىرى،جاۋارىش زەرئۇنى كەبىر كومولىچى،بانادۇق كومولىچى قاتارلىق دۈرىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۈ.

ياكى تۈۋەندىكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۈ.

تۇخۇمى خەربۈزا 30 گىرام،تۇخۇمى كۈشۈش 10 گىرام،بادىيان 6 گىرام،تۇخۈمى تەررە 30 گىرام،ئۈغرى تىكەن 10 گىرام،تۇخۈمى كاسىنە 6گىرام،مىغىزى تەربۈزە 30 گىرام،شۈخلا 10گىرام،تۇخۈمى كىرەپشە 6 گىرام،قەنىت 200 گىرام ،قىزىل گۈل 10 گىرام.قاتارلىق دۈرىلاردىن 500 گىرام شەربەت تەييارلىنىدۈ.

ياللۈغ قايتۈرۈش ھەم دۈرىلارنىڭ تەسىرىنى ئاشۈرۈش مەخسىتىدە:

تۈۋەندىكى دۈرىلاردا ئابىزەن ياكى كىلىزما قىلدۈرلىدۈ. يەنى بابۈنە 30 گىرام،تۇخۈمى خىتمى 10 گىرام،نىلۈپەر 10 گىرام،ئىككىلىمىلىك 30 گىرام،تۇخۈمى خۈببازى 10 گىرام،شۈخلا 30 گىرام،بىنەبشە 10 گىرام،گۈل يىغى ياكى بادام يىغى 15 گىرام،قاتارلىقلاردا كىلىزما قىلدۈرلىدۈ

ئۈزۈن مۈددەت ئىشلىتىلىدىغان شەربەت :

كاكىنەچ 10 گىرام،قۈغۈن ئۈرىغى 10 گىرام،بابۈنە 10 گىرام،تەرخەمەك ئۈرىغى 10 گىرام،تاۋۈز ئۈرىغى 10 گىرام،ئىككىلمىلىك 15 گىرام،ئۈسۈڭ ئۈرىغى،كاسىنە ئۈرىغى،شۈمشا ئۈرىغى،قاپاق ئۈرىغى 10 گىرامدىن،قىزىل گۈل ،بادىيان،نىلۈپەر،بىنەپشە 8 گىرامدىن،گاۋزىبان 7 گىرام،ئۈستى قۈددۈس 15 گىرام،بىغ سەۋسەن 15 گىرام،شىكەر 200 گىرام،قاتارلىق دۈرىلاردا شەربەت تەييارلىنىدۈ.


4)كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۈرەك ۋە ئۈمۈمى بەدەننى قۈۋەتلەش،جىنسى قۈۋەتنى كۈچەيتىش مەخسىتىدە:

جاۋارىش زەرئۇنى كەبىر كومولىچى،لوبوبى كەبىر،ماتىدىل ھايات كەبىر كومولىچى،مەجۈنى سۆئلەپ،ئالى ئىمساك،شىپايى قۇۋۋەت شەربىتى،داۋائىل مىشكى،مۇپەررى ياقۇت قاتارلىق دورىلار كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.


 

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
34693 ئۇرۇقدان خالتىسى ۋەرىد تۇمۇرلىر
32634 ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكى
24321 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
17813 سۇرئىتى ئىنزال (مەنى ئېقىپ كېتىش
17585 بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى داۋ
16631 باھ زەئىپلىشىش كېسەللىكى
14155 ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى «ئەڭ ئېسى
10962 ئىھتىلام بۇلۇش كېسەللىكى سەۋەبل
9466 ئەرلەردىكى تۇغماسلىق كېسەللىكى
9308 ئۇرۇقدان ياللۇغى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .