ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى
17585 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئەرلەر كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
بۆرەك  زەئىپلىشىش 
تۇنۇش:
تۈرلۈك بۆرەك  كىسەللىكى تەسىرىدە بۆرەك  ئىقتىدارى تۈسقۈنلۈققا ئۇچىراش بىلەن كىلنىكىدا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش ،سۈلۈق ئىششىق،ئاقسىللىق سۈيدۈك،قان بېسىم يۈقىرلاش،ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش،قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئاقىۋىتى ناھايتى ئىغىر بۈلغان كىسەللىك.
كىسەللىكنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن
(1)ئوتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش.
(2)سۈزۈلما بۆرەك  زەئىپلىشىش دەپ2تۇرگە بۈلىنىدۈ.
 كىسەللىك سەۋەبى:
تۇرلۇك بۆرەك  كىسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىقىدۈ.يەنى بۆرەك  ياللۈغى،بۆرەك  سىلى، بۆرەك جامى بۆرەك  ياللۈغى قاتارلىق كىسەللىكلەردىن پەيدا بۈلىدۈ.بۈلۈپمۇبۆرەك  ياللۈغى(% 50 -%60 ) نى ئىگەللەيدۈ.يەنى بۈنىڭدا بۆرەك  بىرلىكلىرى، بۆرەك شارچىلىرى زەخمىلنىپ بۆرەك نىڭ سۈزۈپ ئۈتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ تەدىرىجى بۆرەك  ياللۈغى كېلىپ چىقىدۈ.
(2)زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۈ. ھەرخىل خىمىيلىك بۈيۈملار ،ئېغىر مىتال ۋە بىر قىسىم دۈرىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۈ.پۈسفۈر، ئارسىنىك،كۈمۈش،سىماپ، قۈغۈشۈن، ئاليۇمىن، قۇرۇت ئولتۇرگۇچى ،ھاشارەت ئولتۇرگۈچى دۈرىلار، زەھەرلىك ھايۋانلار چېقىۋىلىش .
(3)بىر قىسىم ئۈمۈمى بەدەن خارەكتىرلىك كىسەللكلەر ۋە ئوتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش مەسلەن : دىئابىت . ( كىتۈندىن زەھەرلەنگەندە بۆرەك  شارچىلىرى ،بۆرەك  بىرلىكلىرى زەخمىلنىدۈ ).يۇقىرى قان بېسىم (يۇقىرى قان بىسىم سەۋەبىدىن بۆرەك  شارچىلىرى زەخمىلنىپ سۈزۈش ئىقتىدارى قاژيمىقانلىشىدۈ). تارقىلىشچان قاناش قىززىتمىسى،بۇرمىسىمان تەنچە كىسىلى،قىزىل داغلىق بۈرە چاقىسى قاتارلىق ئوتكۇر يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىنمۈ كېلىپ چىقىدۈ.
(4)باشقا سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدۈ. يەنى قان بىرىش رىئاكسىيسى، زەخمىلنىش، بېسىلىش (يەر تەۋرەش، ئۈرۈلۈش، سۈقۈلۈش) قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۈلىدۈ.
(5)سۈيدۈك يۈلى كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بۈلىدۈ.سۈيدۈك يۈلىدىكى ئوسمە،تاش،تارىيىش،مەزى بېزى چۈڭىيىش،قاتارلىقلاردا سۈيدۈكنىڭ نۈرمال ئېقىشى تۇسقۈنلۈققا ئۈچىراپ يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۈ.
پاتوفىزىئولوگىيلىك ئۈزگىرىشى:
بۆرەكنىڭ ئۈرۈن تۈلدۈرۈپ ئىشلەش ئىقتىدارى ناھايتى ياخشى بۈلۈپ ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر تەرەپ بۆرەك نى ئىلىپ تاشلىغاندىمۈ يەنىلا نۈرمال خىزمەت ئىلىپ بارالايدۈ ،ھايۋانات تەجىرىبىسىدە بۆرەك نىڭ% 75 نى كىسىپ ئىلىۋەتكەندە ئاندىن بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى تۇلۇق بۈلماسلىق كۈرىلىدۈ. سۈزۈلما بۆرەك زەخمىلەنگەنلەرنىڭ سۈزۈپ ئوتكۈزۈش نىسبىتى % 30  تۈۋەنلىگەندە ئۈرگانىزىمنىڭ ئىچكى مۈھىتىنى ساقلاش ئىقتىدارى كۈرنەرلىك ئاجىزلايدۈ. بۆرەك نىڭ سۈزۈش خىزمىتى ئاجىزلايدۈ.قان تەركىبىدە ئازۈتلۈق ماددىلار يېغىلپ ئاخىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش دەۋىرىگەئاپىرىدۈ.ئوتكۈر بۆرەك  زەئىپلەشكەندە بۆرەك  ئىششىپ ئېغىرلىقى ئاشىدۈ.تاتىرىپ قالغاندەك كۈرىنىدۈ.كەسمە يۇزى كۈلرەڭ ياكى رەڭدە كۈرىنىدۇ.نۈر ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بۆرەك  كىچىك شارچە ئۇستۇنكى تىرە ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكلى ئوزگىرىپ تۇكىلىدۈ،ھەتتا نىكرۈزلىنىدۈ.ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك  قان تۈمۈرلىرى قىسقىراپ بۆرەك كە قان قايىدۈ.
كىلىنىك ئىپادىسى:
مەخسۈس ئالامەتلەر:
بىماردا سۈيدۈك ئازلاش، سۈلۈق ئىششىق، ئاقسىللىق سۈيدۈك، يۇقىرى قان بىسىم ئىپادىلىرى بۈلىدۈ.سۇ، ئىلىكتىرۈلىتلار تەڭپۈڭسىزلىقى كۈرۈلۈپ بۆرەك نىڭ سۈنى تەڭشەش خىزمىتى تۇۋەنلەش بىلەن سۈلۈق ئىششىق كۈرىلىدۈ. ناترى، خىلۈر، كالىي قاتارلىقلارنىڭ ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ ماغدۈرسىزلىق،تاماقتىن سەسكىنىش،كوڭلى ئېلىشىش ، قۈسۈش، ھەركەت سۈسلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بۈلىدۈ.
ئاخىرقى دەۋىرىدە كالى يۇقىرلاپ (چۈنكى كالىينىڭ% 90 بۆرەك تىن چىقىرلىدۈ.) كۈپ ئۈخلاش، يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش،يۇرەك رىتىمسىزلىقى ھەتتا يۇرەك تۇختاش يۈز بىرىدۈ .
 ھەزىم سىستىما ئالامەتلىرى:
ئورىيا ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قۈيۈقلىقى داۋاملىق ئېشىپ ھەزىم سىستىمىسنى غىدىقلاش بىلەن بىماردا كۈڭۈل ئېلىشىش،قۈسۈش،تاماقتىن سەسكىنىش،ئىچى سۈرۈش،قۈرساق ئاغرىش،بەزىلەردە قانلىق تەرەت،ئاشقازان قاناش ئالامەتلەر كۈرىلىدۈ.
يۇرەك قان تۇمۇر ۋە نەپەس سىستىمىسىدىكى ئالامەتلەر:
بۆرەك  زەئىپلەشكەندە كۇپۈنچە قان تۇمۇرلارنىڭ قېتىشى بىرگە كەلگەچكە يۇقىرى قان بىسىم،يۇرەك مۈسكۈل كىسەللىكى،يۇرەك قېپى ياللۈغى،يۇرەك ئىقتىدارى تۇلۇق بۈلماسلىق كېلىپ چىقىدۈ.يۇرەك قېپى ياللۈغى % 15.3 ،يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى%80 گە يىتىدۈ.قان بىسىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى (قىسقىراش بىسىمىنى ئاساس قىلىدۈ.)بىرسى بەدەندە سۈ ناتىرى يىغىلىپ قېلىپ قان سىغىمچانلىق ئىشىش بىلەن ئەتىراپ قارشىلىق ئېشىپ قان بىسىمىنى يۇقىرلاتسا يەنە بىر تەرەپتىن بۆرەك  ئاجىرىتىپ چىقارغان ھۈرمۈننىڭ تەسىرىدىن بۈلىدۈ.ھاسىراش، يۈرۈك سېلىش، ئولتۈرۈپ نەپەس ئېلىش، بۈيۈن ۋىناسى كۈپۈش، تال، جىگەر چۈڭىيىش، يۈتۈلۈش، بەلغەم تۇكۇرۇش، كۈكرەككە سۇ چۈشۈش، نەپەس پۇرىقىدىن ئاممۈنىي پۈرىقى كىلىش.
نىرۋا سىستىمىسىدىكى ئالامەتلەر:
بىمارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۇۋەنلەش،خامۈشلۈق،تەپەككۈر قىلىش،ھۈكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش،خىيال قىلىش،ئەس ھۈشى ئۇچۇق بۈلماسلىق بۈلىدۈ.ھەركەت ئىقتىدارى يۈقىلىدۈ.يەڭگىللىرىدە موچىلەر ئاغرىش،كۈيۈشۈش،بۈغۈملار ئىششىش بۈلىدۈ.باش ئاغرىيىدۈ.ئۇيقۈ قاچىدۈ. باش ئىچكى بىسىم ئىشىشنىڭ ئالامەتلىرى كۈرىلىدۈ.
ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر:
بىماردا ئۇرۇقلاش، ماغدۈرسىزلىنىش، چىرايى تاتىرىش، نۈرسىزلىنىش، قان ئازلىق،تىرىلەر كۈكىرىش ، سوسون داغ،قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرىلىدۈ.
دىئاگىنۈز قۈيۈش ئۈلچىمى :
بۆرەك نىڭ ناھايتى كۈچلۈك بۈلغان ئۈرۈن تۈلدۈرۈپ ئىشلەش ئىقتىدارى بۈلۈپ دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك ئالامەت كۈرۈلمەيدۈ.پەقەت ئاخىرقى دەۋىرگە كەلگەندە كىلنىكىدا سەۋەبى ئىنىق بۈلمىغان قان ئازلىق،كۈڭلى ئىلىشىپ قۈسۈش،تاماقتىن سەسكىنىش،تىرىلەر تاتىرىش،قان بىسىم ئۈرلەش،سۈيدۈك ئازلاش،سۈلۈق ئىششىق ئالامەتلىرى كۈرۈلگەندە ئاندىن مەزكۈر كىسەللىكنىڭ ئىھتىماللىقى كۈرىلىدۈ
 كىسەللىك تارىخى ۋە تىپىك بۈلغان كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۈز قۈيۇلىدۈ.
 بىمارنىڭ دۈرا ئىشلىتىش تارىخى،قان بىسىم ۋە باشقا كىسەللىكلەر جۈملىدىن بۆرەك  كىسەللىكى بىلەن ئاغرىش تارىخىنىڭ بار يۈقلىقى ،ئۈندىن باشقا مەخسۈس سىستما ئالامەتلىرى ۋەباشقا سېتما ئالامەتلىرىگە ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنۈز قۈيىلىدۈ .يەنى ھەزىم سىستىما،يۇرەك قان  تۇمۇر نىرۋا سىستىما ئالامەتلىرىگە ئاساسلىنىدۇ .
لابىراتۇرىيەلىك تەكشۇرىش نەتىجىسگە ئاساسلىنىدۇ.
سۇيدۇك تەكشۇرگەندە سۇيدۇكنىڭ سېلىشتۇر ما ئىغىرلىقى  1.018 دىن تۇۋەنلەيدۇ  سۇيدۇكتە ئاقسىل،  قىزىل قان ھۈجەيرىسى،قاتارلىقلار كۈرىلىدۈ.سىلىندىر بۈلىدۈ،سۈيدۈك چۈكمىسىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى چىقىدۈ.
بۆرەك  ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەندە قاندىكى ئاقسىلسىز ئازۈت 43 مىللىمۈلدىن يۇقىرلايدۈ.كىرىياتنىڭ چىقىرلىش نىسبىتى،تازلىنىش نىسبىتى تۈۋەنلەپ %25 گە چۈشۈپ قالىدۈ.
قاننى بىئوخىمىيەلىك تەكشۈرگەندە ؛قان پىلازمىسىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تۇۋەنلەيدۇ.قان تەركىبىدە كالىي ،پۈسپۈر،ماگىنى،قاتارلىقلاردا كۈپىيىدۈ،كالتىسى تۇۋەنلەيدۈ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنۈزى:
1)يۇقىرى قان بىسىمنىڭ مىڭە كىسىلىدىن پەرىقلەندۈرىمىز.
2)دىئابىت كىسىلىدىكى كىتۇندىن زەھەرلىنىش بىلەن پەرىقلەندۈرۈش .يەنى دىئابىت تارىخى بۈلىدۈ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
ياتقۈزۈپ ئارام ئالدۈرۈش كىرەك.قەرەرلىك تەكشۈرتۈش،بىرلەمچى كىسەللىك بۈلسا ۋاختىدا داۋالاش .
يىمەكلىكنى تەڭشەش: تۇگە سۈتى، كالا پاچىقى،سۈت ئېشى ئارپا ،بۈغداي تالقىنى. داۋالاش پىرىنسىپى:كىسەللىك سەۋەبىنى يۇقىتىش ئاساسىدا سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، بۆرەك  ئىقتىدارىنى ياخشىلاش پىرىنسىپى ئاساسىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۈ.
داۋالاش ئۈسۈلى:
دۈرا بىلەن داۋالاش،قان تازىلاش (قاننى سۈزۈش)،بۆرەك  ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت3خىل داۋالاش ئۈسۈلى بار .
دورا بىلەن داۋالاشتا :
سۈيدۇك ھەيدەش، قان بىسىمنى چۈشۈرۈش مەخسىتىدە: بۈزۈرى شەربىتى،مىۋە شەربەتلىرى،ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بادىيان، ئەرقى سەندەل،خىمىرى سەندەل، خىمىرى مەرۋايىت قاتارلىق دۈرىلار بىرىلىدۈ. ئەگەر مىزاجنىڭ سۈغۈقتىن بۈزۈلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بۈلسا قىززىتىش ئۈسۈلىنى قۈللىنىش كىرەك.ئارپائۈنى 10 گىرام، سىرىق چىچەك 10 گىرام،ئانار پۈستى 10 گىرام،شاھى بەللۈت 10 گىرام ،قىزىل گۈل 10 گىرام،ئامۈت يۇپۇرمىقى 10 گىرام ،ئاق سەندەل 10 گىرام،قاتارلىق دۈرىلارنى سىمىز ئۈت سۈيىدە بۆرەك  ساھەسىگە زىمات قىلىپ چېپىش كىرەك .
بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش ، كۈچەيتىش مەخسىتىدە:
جاۋارىش زەرئۈنى،مەجۈنى سۈلەپ،لۈبۈبى كەبىر قاتارلىق دۈرىلار بىرىلىدۈ.ئەگەر كىسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك بۈلۈپ سۈيدۇكتىن زەھەرلىنىش ئىغىر بۈلسا ۋاختىدا قاننى سۈزۈش كىرەك


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
34691 ئۇرۇقدان خالتىسى ۋەرىد تۇمۇرلىر
32634 ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكى
24320 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
17813 سۇرئىتى ئىنزال (مەنى ئېقىپ كېتىش
17585 بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى داۋ
16631 باھ زەئىپلىشىش كېسەللىكى
14155 ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى «ئەڭ ئېسى
10962 ئىھتىلام بۇلۇش كېسەللىكى سەۋەبل
9466 ئەرلەردىكى تۇغماسلىق كېسەللىكى
9308 ئۇرۇقدان ياللۇغى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .