ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئەرلەردىكى تۇغماسلىق كېسەللىكى
9467 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئەرلەر كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
ئەرلەردىكى تۇغماسلىق
ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيسى ۋە فىزولوگىيەسى جخنسى ھورمۇنلار نىڭ سەۋىيسى ۋە نېرۋا سىستىمىسى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
 خاراكتىرىنىڭ ئوخسشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىنىدۇ.
1.   ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە پىشىپ يىتىلىشى توسقۇنللۇققا ئۇچراش (ئۇرۇقنىڭ سانى ،ھايات قىلىش نىسبىتى، ھاياتى كۇچى،شەكلى قاتارلىقلاردىكى نۇرمالسىزلىق) بۇ ئۇرۇقداننىڭ يىتىلىشى  ۋەھىپوپىز تەنچىسى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2.  ئۇرۇقنىڭ چىقىرىش يوللىرى تۇسۇلۇش تۇغما ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قىلىش (ئۇرۇقدان يالۇغى ،سىلى ،ئۆسمە)
3.  ئۇرۇقنىڭ ئورۇنلىششى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ( مەنىى چىقىرالماسلىق، سىرىتقى جخنسى ئەزا غەيرىلىكى،جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ۋە بىرقىسىم روھى ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىق )
4.      قوشۇمچە جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىق مەزى بىزى ياللۇغى .
ئەرلەر جىنسى ئەزا كىسەللىكى
1.      زەكەرنىڭ نۇرمالسىز قايىم بولىشى
2.  جىنسى ئەزا،جىنسى بەز،ۋە قوشۇمچە جخنسى بەزلەرنىڭ ياللۇغى (مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتا ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۆسمە
3.     ئەرلىك جىنسى ئەزالارنىڭ تۇغما ۋە تۇغۇلغاندىن كىينكى ھەرخىل زەخمىلنىشلىرى...
 ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ يۇقارقى كىسەللىكلەرنى  تونۇش ۋە داۋالاشتىكى ئالاھىدىلكى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ،  نەچچە ئەسىرداۋاملىشىپ كەلگەن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن قەدىمى مىراسلار تا بۇگۇنگە قەدەر ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئەرلىك كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۇزىلىشى :
ئەرلەر كۆپىيش سىستىما ئەزالىرى ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى ۋە سىرىتقى كۆپىيش ئەزالىرى(تاش خالتىسى ۋە زەكەر ) دەپ 2تۇرگە بولىنىدۇ.
ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى –ئۇرۇقدان، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە قوشۇمچە جىنسى بەز( ئۇرۇق خالتا بىزى، مەزى بىزى، سۇيدۇك يولى شارچە بىزى) قاتارلىقلاردىن تۇزۇلگەن.ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا. ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇق ئالدى بىلەن قوشۇمچە ئۇرۇق بىزىدە ساقلىنىپ مەنى ئىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە سۇيدۇك يولىدىن سىرىتقا چىقىرلىدۇ.ئۇرۇقدانغا ناھايتى كۆپ نېرۋىلار تارقالغان ،ئۇندىن باشقا مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى تۆۋەنكى دوڭچە مىڭە قويۇپ بەرگەن مىڭە ھىپوپىز تەنچىسى ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى ھورمۇننىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىر سۇرگۇچى ھورمۇننىڭ كونتىروللىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.    ئۇرۇق خالتا بىزى ،مەزى بىزى ۋە سۇيدۇك يولى شارچە بىزى ئاجىرتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلار مەنى سۇيۇقلىقىنى شەكىللەندۇرۇشكە قاتنىشپ ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ھاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. . مەزى بىزى بولسا بەزتوقۇلمىسى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىسىدىن تۇزۇلگەن مەنئى سۇيۇقلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان مەزى بىزى سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا بولۇپ، دوۋسۇن ئاستغا جايلاشقان .سۇيدۇك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نۇرمال ئەھۋالدا بىرقىتىمدا ئىتىپ چىقارغان مەنئى  سۇيۇقلىقى 2.5م ل بولۇپ ھەر 1م ل مەنئى تەركىۋىدە 10مىلىيوندىن 200مىلىيون غىچە ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۆگۇن قوساق قىسمىغا يىتىپ بارالايدىغىنى 200دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ. ئۇرۇقنىڭ سانى 5مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلىقچە ھامىلدار بولمايدۇ.2مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئەرلىك تۇغماسلىق كىسىلى ئىپادىلىنىدۇ.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
34693 ئۇرۇقدان خالتىسى ۋەرىد تۇمۇرلىر
32634 ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكى
24321 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
17814 سۇرئىتى ئىنزال (مەنى ئېقىپ كېتىش
17585 بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى داۋ
16631 باھ زەئىپلىشىش كېسەللىكى
14155 ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى «ئەڭ ئېسى
10962 ئىھتىلام بۇلۇش كېسەللىكى سەۋەبل
9467 ئەرلەردىكى تۇغماسلىق كېسەللىكى
9309 ئۇرۇقدان ياللۇغى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .