ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرەھمى)
12597 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئاياللار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            
بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرەھمى)
           كىسەللىك تونۇشى :
بالياتقۇ بوينى زىدىسى بولسا ئاستاخاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىداكۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل پاتولوگىيلىك كىسەللىك ئۆزگىرشى ،سىرتتىن كۈزەتكەندە ئۈستۈنكى تىرە ئاستىدىكى ئۇششاق قان تۇمۇرلارئاشكارلىنىپ توق دانچىسىمان قىزىل رەڭگە كىرىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال بالىياتقۇ بوينى زىدىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
بالىياتقۇ بوينى زىدىلىنىشى بالىياتقۇ بوينى ئاجىرالمىلىرى كۆپەيگەندە تەڭگسىمان ئۇستۇنكى تېرە ناھايتى تېزلا ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ .نەتىجىدە شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى غەيرى تەبىئى ئۆزگەرگەن خىلىتلار يەرلىك ئۇرۇن توقۇلمىسنى چىرىتىپ تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تىرىنىڭ تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇندىن باشقا تۇغۇت ،بويىدىن ئاجراش، ھاملىنى سۈنىئى ئۇسۇلدا قىرىپ چۈشۈرۈش،بالياتقۇ چىقۇقى قاتارلىقلاردا زەخمىلىنىشتىنمۇ زىدىلىنىش پەيدا بولىدۇ.
ئالامەتلىرى :
ئاق خۇن كۆپىيىدۇ .رەڭگى سۈت رەڭ ،شىلمىشق ،قويۇق بولىدۇ بەزىدە يرىڭلىق ۋە قان ئارلاش كىلىدۇ.ئاق خۇننىڭ كۆپيىشى بىلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەل، توققۇزكۆز قىسمى سىقىراپ ئاغىرىدۇ. قوساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ بۇ خىل ئەھۋال ھەر قىتىملىق ھىېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ .بەزىدە تىگىش خاراكتىرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ ،يەڭگىللىرىدە ھېچقانداق يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ.
كىلىنكىدا شەلۋەرەش كۆلىمىنڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بالياتقۇ بوينى زىدىسى ئۈچ دەرجىگە بۆلىنىدۇ .
يىنىك دەرىجسى : شەلۋەرەش بالياتقۇ بوينى كۆلىمنىڭ ئۈچتىن بىر  قىسمىدىن كىچىك بولىدۇ .
ئوتتۇرا دەرىجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۈتۈن بالياتقۇ بويى كۆلىمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن چوڭ بولىدۇ ياكى ئۈچتېن ئىككى قىسمىغا تەڭ بولىدۇ .
ئېغىر دەرجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۇتۇن بالياتقۇ بوينى كۆلىمنىڭ ئۈچتېن ئىككى قىسمىدىن كۆپ قىسمنى ئىگەللگەن بولىدۇ.
شەلۋەرەشنىڭ چوڭقۇر ئۈزەكى دەرىجىسىگە قاراپ يەككە خاراكتىرلىك تەنچىسىمان خاراكتىرلىك ،ئۆسۈكچىسىمان خاراكتىرلىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش :
جىددى خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالااش،ئاياللار بۆلىمىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،پىلانلىق تۇغۇش،ھېيىز،ھامىلدارلىق،تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش. تۇغۇت جەريانىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالياتقۇ بوينىنڭ يېرىلىپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش،يېرىلىپ زەخمىلەنگەن بولسا ئۆز ۋاختىدا تىكىش لازىم .
داۋالااش :
 بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى داۋالاشتىن  ئىلگىرى بالياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ دەسلەپكى دەۋىردىكى بالياتقۇ بوينى راكىنى ئىنكار قىلىش لاازىم. زىدىلىنىشنى داۋالاشتا دەسلەپكى قەدەمدە سەۋەپچى بولغان  خىلىتنىڭ يەنى سەۋدا ياكى سەپرا خىلىتنىڭ مۇنزىچ ئاندىن مۇسھىلى بېرىلىدۇ.شۇنىڭدەك جاراسىملارنى ئۆلتۈرىدىغان،قاننى جانلاندۇرىدىغان،چىرىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە گۆش ئۈندۈرىدىغان دورىلاارنى ئىشلىتىش پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىرپىل چۆبىچىن،ئەرقى چۆبىچىن،شەربىتى ئۆشبە،مەجۈنى ئۆشبە،ئەرقى شوخلا،مەجۇنى چۆبىجىن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
22240 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
17542 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
16355 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
12597 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
11708 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
11383 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
10724 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
8504 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
8184 تۇغماسلىق (ئوقرە)
7987 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
7550 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
7295 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .