• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى
11107 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئاياللار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            
تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى
كېسەلللىك سەۋەبى :
تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى ئاياللار جىنسى ئەزا ياللۇغلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. جىنسى يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
يۇقۇش يولى:
)بىۋاستە يۇقۇش :جىنسى ئالاقە ئارقىلىق  يۇقىدۇ.
)ۋاستىلىق يۇقۇش :جىنسى يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملاانغان كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش ھەم كوللىكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇخىل كىسەل بىلەن ئاغىرىغان بىمارنى تەكشۇرگەن سايماننى ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلماي باشقىلارغا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇشنى كۆرسىتدۇ.
كىلنىك ئالامەتلىرى :
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىش بولۇپ تىپىك ئاق خۇن كۈلرەڭ سېرىق ياكى كۈلرەڭ كۆك رەڭلىك كۆپۈك شەكىللىك سۇيۇق سېسىق پۇراقلىق بولۇپ بەزىدە قىزغۇچ كىلىدۇ، ئارلااشما يۇقۇملاانغاندا يېرىڭلىق بولىدۇ. ئاق خۇن كۆپەيگەندە تاشقى جىنسى ئەزاغا ئېقىپ چىقىپ تىرىنى غىدىقلاپ تاشقى جىنسى ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چۈمۈلە ماڭغاندەك سىزىمنى پەيدا قىلدۇ.تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشدۇ ۋە كۆيىشىدۇ.
يەرلىك ئورۇننى تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندا قان تولغان ،قىززارغان،شەلۋەرىگەن ،ئىششىغان ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.ھەمدە جىنسى يول گۈمبىزىدە ئۇششاق ئەسۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تۇغماسلىق : تامچە قۇرۇت ئۇرۇقنى يۇتۇپ كەتكەنلىكتىن بەزىلەردە ھامىلدار بولماسلىق كىلىپ چىقىدۇ.
دىئاگىنوز قويۇش :
كىلنىك ئىپادىلىرى، بەدەن بەلگىلىرى، ئاياللار بۆلۈملىك تەكشۈرۈش جىنسى يولدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
تازىلق،تەشۋىقات تەربىيىسنى ياخشى ئشلەش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ داۋالااش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، يۇقۇملىىش مەنبىينى يوقىتىش كىرەك .
كوللىكتىپ ياتاقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمنى كۈچەيتىش ،كىسەللەرنى ۋە قۇرۇت ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى پائال داۋالاش،  ئايرش تۈزۈمنى ئورنىتىش لاازىم .
يۇقۇش يولىنى ئۈزۈپ تاشلااش: (ۋاستىلىق يۇقۇش يولىنى كۆرسىتدۇ) ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،داۋالاش سايمانلىرنى ياخشى دىزىنفىكسيە قىلىش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
ئىچ داۋالاش پىرىنسىپى : جىنسى يولنىڭ مۇھىتىنى ئاشۇرۇش،قۇرۇت ئۆلتۈرۇش،ياللۈغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىمىز. 
كىيىملەرنى، يۇيۇنۇش لۆڭگىسىنى قايناق سۇدا يۇيۇش ۋە ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم .
داۋالاش :  
جىنسى يولنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئاچچىقسۇ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان سىركە ۋە ئەرقى شاھتەررە بىلەن يۇيۇش كىرەك . ئىچىدىن ئىچىشكە ئەرقى شاھتەررە،قۇرسى شاھتتەررە،شەربىتى ئوشبە،مەجۇنى سۇپارى،مۇنزىچ قاتارلىق دورىلار بىرىلدى.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
22805 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
18198 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
17018 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
13140 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
12270 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
11841 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
11107 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
9007 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
8568 تۇغماسلىق (ئوقرە)
8288 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
7886 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
7650 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .