• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


سوزۇلما خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى. ( ۋەرمى رەھمى).
4668 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئاياللار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            
سوزۇلما خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى. ( ۋەرمى رەھمى).
تونوش :
سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۇتكۇر خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغۇنى ۋاختىدا ئۇزۈل كىسىەل داۋالانمىغانىلقتىن كىسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملەر بالياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى ئىچىگە يۇشۇرنىۋىلىپ ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەۋەبى:
ئۆتكۈر خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ۋاختىدا داۋالىمغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ بالياتقۇ بوينىغا تەسر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
داس بوشلۇقىدىكى ياللۇغنى ۋاختىداداۋالىماسلىق،داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار يەنى بالياتقۇ بوينى،بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغلىنىش بولغاندا ئاجرالما ماددلارغا بالياتقۇ بوينى ئۇزۇن مۇددەت چىلىنىش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.
تۇغۇت،بويىدىن ئاجراش،ھېيىز ۋە چىللە دەۋردىكى تازىلىق ۋە دىزىنفىكسيەگە دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش نەتىجىسىدە سوزۇلما خاراكترلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.
ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
بالياتقۇ چىقۇقى تەسرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
جىنسى تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە قوپال بولۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
كىلنىك ئالامەتلرى :
ئاستا خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلرى جىنسى يول ئاجرالمىلرى كۆپىيدۇ.كىسەل قوزغاتقۇچى مىكروپ،ياللۇغلىنىشنىڭ دائرسى ۋە دەرىجىسنىڭ ئوخشىماسلقىغا قاراپ جىنسى يول ئاجرالملرنىڭ مىقدارى،خاراكتىرى ۋە رەڭگى پۇرۇغىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،جىنسى يول ئاجرالملىرنىڭ رەڭگى سۇترەڭ شىلمىشلىق بولىدۇ،بەزىدە سارغۇچ يېرىڭلىق كىلىدۇ،بەل توققۇز كۆز قىسمى سىقىراپ ئاغىرىدۇ،قورساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ،بۇ ھەرقىتىملىق ھېيىز مەزگىلىدە ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشدۇ،بەزىدە تىگشىش خاراكتىرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ.
دىئاگنوز قويۇش :
كىلنىك ئىپادىلرى ۋە ئاياللار بۆلىمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس ئەگر بالياتقۇ بوينى زىدىسى Ⅱ-دەرىجىگە يەتكەن بولسا  بالياتقۇ بوينىدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۇرۇپ راك ھۈجەيرنىڭ بار يوقلۇغىنى ئىنىقلايمىز.
سېلىلشتۇرما دىئاگوز:
بالياتقۇ بوينى راكى (دەسلەپكى دەۋېردىكى )راكقا گرىپتار بولغان بىمارلاردا بالياتقۇ بوينىدا شەلۋەرەش بولۇپ ئېغىر بولغاندا تىگش خاراكترلىك قاناش بولىدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرشتە يەرلىك ئورۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلايمىز.
بالياتقۇ بوينى ئۆرۈلۈپ قىلىشتىن: بالياتقۇ بوينى ئۆرۈلۈپ قىلىشتا ئاياللار بولىمىدە تەكشۈرگەندە قىزىرىپ شەلۋەرگەن ھالەتتە بولىدۇ.شۇڭا بۇنى بالياتقۇ بويىنى ياللۇغۇدى پەرىقلەندۇرۇش كىرەك.
ئالدىنى ئېلىش:
ۋاختىدا ئاكتىپلىق بىلەن جىددى خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى داۋالاش.ئاياللار بۇلۇمدە قەرەرلك ھالدا تەكشۇرتۇپ تۇرۇش.بالىياتقۇ بوينى ياللۇغۇى بايقالغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش،پىلانلىق تۇغۇش،ھېيىز،ھامىلدارلىق تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تاازىلىققا دىققەت قىلىش.تۇغۇت جەرياننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالىياتقۇ بويننىنىڭ يىرىلىپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش،يىرىلىپ زەخمىلەنەنگەن بولسا ئوز ۋاختىدا تىكىش لازىم .
داۋالاش:
بالياتقۇ بوينى ياللۇغۇنى داۋالاشتىن ئىلگرى بالياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈرۈپ دەسلەپكى دەۋردىكى بالياتقۇ بوينى راكىنى ئنىكار قىلىش لازىم .
داۋالاشتا:
دەسلەپكى قەدەمدە سەۋەپچى بولغا خلىتنىڭ يەنى سەۋدا ياكى سەپرا خلىتىنىڭ مۇنزىچ ئاندىن مۇسسھىلى برلىدۇ،شۇنىڭدەك جاراسىملەرنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى جانلاندۇرىدىغان،ۋە گۆش ئۈندۈرىدىغان دورىلارنى ئشلىتىش پرىنسىپ قىلنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتترپىل چۆبىچىن،ئەرقى چۆبىچىن،شەربىتى ئۆشبە،مەجۇنى ئۆشبە، ئەرقى كاكىنەچ،ئەرقى شوخلا،مەجۇنى چۆبىچىن قاتارلىقلار دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بىرېىلىدۇ.
سىرتتىن ئىشلىتىشكە ئارپا ئۇنى،باقىلا،نوقۇت،بىنەپشىلەرنى ئىزىپ ھۆل يۇمغاقسۇت ياكى ھۆل كاسىنى سۇلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ خىمىر قىلىپ ئۈستىگە بىر ئاز كافور قوشۇپ دوۋسۇن ئۇستىگە تاڭىدۇ.
تۆۋەندىكى ۋاننا بىرىلىدۇ. تەركىبى: بابۇنە،ئىككىلمىلىك،سېمىز ئوت ئۇرۇغى،مامۇران چىنى،سېرىق چىچەك قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە ئولتۇرغىزىلىدۇ ياكى يۇيلىدۇ.
ئەگەر بالياتقۇ بوينىدا ئىششىق بولسا (يەنى شەلۋەرەش بىلەن بىرگە )
بولسا بىر ھەپتە ئتراپىدا ۋاننىدا ئولتۇرغۇزىلىدۇ.ھەم بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يەرلىك ئۇرۇننى يۇسا بولىدۇ. 
ئەگەر بالياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى بولغان بولسا مۇنچاق گۆش قىسقۇچى بىلەن مۇنچاق گۆش قىسمىنى قىسىپ تولغاپ ئۈزۇپ ئورنىغا قان توختاتقۇچى دورىلارنى سېپىش كىرەك. 
ئەگەر بالياتقۇ بوينى خالتىلىق ئششىق بولۇپ ئېغىز ئالمىسا بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەشكە ئوخشاش داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.
بالياتقۇ بوينى چوڭيىش داۋالاش جەرياندا ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىدۇ.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
22804 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
18193 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
17018 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
13139 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
12270 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
11840 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
11105 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
9006 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
8566 تۇغماسلىق (ئوقرە)
8287 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
7885 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
7649 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .