• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


تۇغماسلىق (ئوقرە)
8567 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئاياللار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            
تۇغماسلىق  (ئوقرە)
 تۇغماسلىق-تۇغۇت ىيېشىدىكى ئەر-ئاياللار بىرگە ئۆتىۋىتىپ2يىلغىچە ھامىلدار  بولماسلىق تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
توي قىلىغاندىن تارتىپ2يىلىغىچە تۇغمىسا بىرلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ.ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ2يىلغىچە ھامىلدار بولمىسا ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ..
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:
بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ئەر تەرەپتىن،ئايال تەرەپتىن ۋە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.
ئايال تەرەپتكى سەۋەپلەر:
⑴ئومۇمى بەدەن ياكى بالياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشلىرى قان،سەپرا،سەۋدا،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ ياكى ئىسقلىق سوغۇقلۇق،ھوللىۈك ،قۇرۇقلۇقلاردىن بىرەرسىنىڭ زىيادە غالىپ بولۇشى.
⑵ تۇخۇمنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش:
①مەركەز خاراكتىرلك ئامىللار:دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمى ھىپوپىز تۇخۇمدان ئوقى خىزمىتى قالايمقانلىشىش،ھېيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
②ئومۇمى  بەدەنلىك  كىسەللىكلەر: ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،زىيادە سېمىزلىك،قالقانسىمان بەز خىزمىتىى كۈچىيىپ كىتىش ياكى ئازىيىپ كىتىشمۇ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىددۇ.
③ تۇخۇمداندىكى ئامىللار : تۇغما ئالدى تۇخۇمدان خىزمىتى تولۇق بولماسلىق،تۇخۇمدان خىزمىتى بالدۇر چىكىنىش،تۇخۇم ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان،تۇخۇمدان ياللۇغى،بالياتۇ ئىچكى پەردىسنىك غەيرى ئورۇنلىشىشدىن بولىدۇ.
⑶ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ئامىللار:
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى،تۇخۇم نەيچىسى سىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قېلىش بۇندىن باشقا تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى غەيرى شەكىلدە بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
⑷بالياتقۇدىكى ئامىللار :
بالياتقۇ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق،بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە سىلى، بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى،بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
ئەرلەردىكى سەۋەپلەر:
⑴ مەنىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش .
⑵ مەنىنىڭ يەتكۈزۈلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش.
⑶  جىنسى مۇناسىۋەتكە تەسر يەتكۈزىدىغان ئامىللار .
⑷ پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئامىللار .
ئەر- ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەر:
⑴ ئەر-ئايالدا جىنسى تۇرمۇش بىلىمى كەمچىل بولۇش،جىنسى تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك شالاڭ بولۇپ قېلىشى ياكى تۇخۇم چىقىرىش ۋاختىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىش،ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسۋەت قىلىشس سەۋەبىدىن ياللۇغ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
⑵ئىككى تەرەپنىڭ نېرۋا جىدديلكى:نېرۋا جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىندىكى بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نېرۋا جىددىيلىكى سەۋەبىدىن جىمانىڭ مەغلۇپ بولۇشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑶ ئىممۇنىت ئامىلى:  ئەرلەرنىڭ بەدىندە تەبىئى ئىممۇنىتلىق راكسىيە بوزۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەركتىنى تۇرمۇزلاش بىلەن ھامىلدار بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ  .
ئايال تەرەپنى تەكشۇرۈش  :
⑴ كېسەل تارىخنى سوراش.
⑵ ئاياللار بولىمىدە تەكشۇرۇش :
ئىككىلەمچى جىنسى بەلگۈلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،كۆپيىش سېستىمىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،ياللۇغلىنش،غەيرىلىشىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقىنى،ئۆپكە سىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى ،قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىش ياكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى،بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ئەھۋالى،ھېپوپېز تىنىدىكى كىسەللىكلەر تەكشۈرلىدۇ.
⑶ قوشۇمچە تەكشۈرۈش :① تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەكشۈرۈش.
② تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە ھۋا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۇش  .
③ جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن مەنى سۇيۇقلۇقى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىنىغى ئىشلىنىدۇ.
④زۆرۈر تېپىلغاندا بالياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈپ بالياتقۇ،تۇخۇم نەيچىسى،تۇخۇمداننىڭ چاپلىشىشى ياكى كىسەللىك ئۆزگىرشنىڭ بار-يوقلۇقى بىۋاستە تەكشۈرلىدۇ.
داۋالاش:
ئادەتتىكىچە داۋالاش: ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش،پۇتۇن
بەدەن خاراكتىرلىك سوزۇلما كىسەللىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش،روھى جەھەتتىكى غەم-قايغۇنى تۈگىتىش،بىمارغا جىنسى تۇرمۇش ھەققىدىكى تۇرمۇش بىلملىرنى تەشۋىق قىلىش،تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالدىن مولچەرلەپ جىنسى تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.
كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش:
ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولسا مۇۋاپىق تەدبر قوللىنىش يەنى تەڭشەش لاازىم.ئىسسىقتىن بۇزۇلغاندا ئومۇمى ئالامەتلىرى بىلەن بىللە ھېيىز قارامتۇل ۋە قويۇق كىلىدۇ.دوۋسۇندا تۈك كوپ بەدىنى ئۇرۇق بولىدۇ.بۇنىڭغاقارىتابىنەپشە،نىلوپەر،خەشخەش،ئالماسۇيى،ئاق-سەندەل،
لىموندىن تەركىپ تاپقان شەربەت برلىدۇ.بالياتقۇ مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆردەك يېغىي ياكى توخۇ يېغى،بىنەپشە يېغى بىلەن قوشۇپ يۇيۇپ تازىلاپ ھورلانغان يۇڭدا پىلتە ياساپ جىنسى يولغا سېلنىدۇ.
سوغۇقتىن بولغاندا ھېيىز ئاز ۋە ئۇزۇن مۇددەتتكىچە كىلىدۇ،رەڭگى سۇيۇق ۋە ئاقۇش بولىدۇ،دوۋسۇندا تۇك شالاڭشىپ كىتىدۇ.بۇنىڭغا قارىتا ئىزغىر،ئۇستىقۇددۇس،پەتەرئاسالىيۇن،مەستىكى،پىلپىل،قۇندۇزقەھرى،جاۋشىر،ئۇد بىلسان، قۇستە شىرىن، تاغ پىننىسى ،ئوشەق، ئىگىر، سەكبوزەج ھەربىرى8مىسقالدىن،سەلىخە،ئاقمۇچ،قارامۇچ،سورۇنجانمىسىرى،جوئدە،ئۇستىقۇددۇس،دۇفۇ،ئككىلمىلىك ھەر بىرى7مىسقالدىن
قەدىرمانە،ئەفىيۇن،ھەربىرى5مىسقالدىن،روم بادىيان،ئاسارۇن ھەر بىرى3مىسقالدىن،ئاقاقىيا4مىسقال،سەقەنقۇر1مىسقال،غارىقۇن4.5مىسقال ،سوزاپ2مىسقال،نارجىل،سەمىغى ئەرەبى5مىسقال،ھەسەلkg1لاردىن مەجۇن تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
قۇرۇقلۇقتىن بولغانلىرىدا ھېيىز بوغۇلۇش،قەۋزىيەتلىك،جىنسى يول تاملىرى دائىم قۇرۇق بۇلۇش،بەدىنى ئۇرۇق بۇلۇش كۇرۇلىدۇ،بۇنىڭغا دائىم سۇت ئېچىپ بىرىپ،شەربىتى نىلۇپەر،شەربىتى بىنەپشە بىرىلىدۇ.نىلۇپەر،بىنەپشە،ھول قاپاق، توخۇ،ئۆردەك ياغلىرىدىن دوۋسۇن جىنسى ئەزا ۋە ساغرىغا سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.
ھۆللۈكتىن بۇزۇلغانلىرىدا ئومۇمى بەدەندىكى ھۆللۈك ئالامەتلىرىدىن باشقا بالاياتقۇنىڭ تۇتقۇچى (ماسىكە) قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەچكە ئاق خۇن كۆپىيىدۇ،جىنسى يول دائىم نەملىشىپ تۇرىدۇ. شاھمەنزەل،ئەنزىرۇت،سوماق،ئود ھىندى،زەپە،مۇرمەككىلەر تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئالاشتۇرۇپ پۇچۇلانغان قوي يۇڭى بىلەن جىنسى يولىغا قويۇلىدۇ.
ماددىلىق مىزاج بۇزۇلىشتىن بولسا ئۇمۇم بەدەننى تازىلاش كىرەك .
قان خىلىتىنىڭ ئالامىتى بولسا ئاياق تەرەپكە ھېجامەت قويۇش كىرەك ھەمدە  نوقۇئى تەمرى ھىندى بېرىش لازىم. بەلغەمدىن بولسا قەي قىلدۇرۇش ھەمدە ھەببى ئايارەج،ئايارەنجى پەيقىيابېرلىدۇ.
سەۋدادىن بولسا مەتبۇخى ئەفتىمۇن بېرلىدۇ.
سەپرادىن بولسا مەتبۇخى تەمرى ھىندى بېرلىدۇ
تۇغماسلىق زىيادە سېمىزلىكتىن بولسا ئۇرۇقلىتىش تەدبىرلىرنى قوللىنىش لازىم،ئتتىرفىل سەغىر،جاۋارىش كومۇنى،داۋائى لوك بېرىلىدۇ.ھېيىز توختاپ قېلىشتىن بولسا ھېيىز ماڭدۇرۇش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەن بولسا بالياتقۇنى قىززىتىش ئۇچۇن ئوتلۇق ھىجامەت قويۇش ئىسسىق پەرىزجە،ھەمەلچەقىلش ،ياغلاش لازىم .



شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
22804 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
18198 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
17018 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
13139 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
12270 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
11840 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
11105 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
9007 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
8567 تۇغماسلىق (ئوقرە)
8288 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
7885 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
7650 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .