• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش رېتسىپلىرى
6964 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
شىپالىق رېتسىپلار تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-27 يوللانغان ۋاقتى :

                            
قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش
1.كۆكنار يېغىنى چىقىرىپ‹يېغىنى چىقىرىش 2خىل بۇلۇپ،بىرى كۆكنارسۇيىنى كۇنجۇت يېغىغا چىلاپ ئاپتاپتا تۇرغۇزۇش ياكى كۆكنار گۈلىنى سىقىپ،چىقىرىلغان سۇيىنى كۇنجۇت يېغى بىلەن قاينىتىش،يەنە بىرى كۆكنار ئۇرۇقىنى جۇۋۋاز ياكى باشقا ياغ تارتىش ماشىنلىرىغا سېلىپ ياغ چىقىرىش›قۇلاققا تېمىتسا،ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىگە شىپا بۇلىدۇ.
2.پىيازدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى قۇلاققا تېمىتسا،قۇلاق ئىچىدىكى جاراھەتلەرگە،قۇلاق غۇڭۇلداشقا ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا شىپا بۇلىدۇ.
3.قۇلاققا ھاشارات كىرىپ كەتكەندە،ئازراق مايغا كاۋاۋىچىن پاراشۇكى سېلىپ قۇلاققا تېمىتسا،ھاشارات ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
4. 24 گرام بەدىياننى چالا سۇقۇپ 1 كىلۇگىرام سۇدا قاينىتىپ ئىسىسىق ھالدا قۇلاققا تېمىتسا،قۇلاق ئاغرىقى تۇختايدۇ.
5.بەدىياندىن 6 گرامنى چالا سۇقۇپ،250 گرام سۇدا قاينىتىپ 60 گرام قالغاندا 250 گرام كالا سۇتى،12 گرام كالا يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قۇشۇپ ئىسسىق پېتى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر نەچچە كۇن ئىستىمال قىلسا، مېڭىنى كۇچلەندۇرۇپ قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەر خىل بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
ئەگەر سول بۇرنىڭىز پۈتۈپ قالسا،ئوڭ تەرىپىڭىزنى بېسىپ يېتىپ،ئوڭ قۇلىڭىز بىلەن ئوڭ ئارقا بۇينىڭىزنى تۇتۇپ،ئالىقىنىڭىزنى قۇلاق يۇمشىقىغا يېقىن قىلىپ،بېشىڭىزنى تىرەپ،يۇزىڭىزنى ئوڭ تەرەپكە قىلىپ،جەينەك بۇغۇمىڭىزنى ئوڭدىن يۇقىرىغا سۇرۇپ‹قانچە يىراققا سۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى›،بۇھەرىكەتنى يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇرنىڭىز ئېچىلىپ كېتىدۇ.
30گرام يۇمغاقسۇتنى 10 گرام سولۇ‹ئۇندۇرمە ئارپا ۋە بۇغداي›شېكىرى بىلەن يېرىم قاچا گۇرۇچ سۇيىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قازانغا سېلىپ دۇملەپ،شېكىرى ئېرىگەندىن كىيىن ئىچسە،شامال تېگىپ زۇكامدىغان بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.
بۇغداي كېپىكىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ،مەلۇم مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئورۇنغا چاچسا بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.
سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ياكى مايسىنىڭ قاينىتىلغان سۇيىنى ئىستىمال قىلسا،بۇرۇن كېسەلللىكىگە شىپا بۇلىدۇ.
600 مىللىلىتىر سىركىگە ئۆلچەملىك تەييارلانغان پۇلات تالقىنىدىن 100 گرامنى 1 ئاي چىلاپ،سۇزۇپ ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،بۇرۇن قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خۇلىنجاننى سۇقۇپ تاسقاپ پۇرسا،ئاۋاز بۇغۇلۇش،ئاۋاز غاراڭ-غۇرۇڭ بۇلۇش،دىماغ پۇتۇش قاتارللقلارغا مەنپەئەت  قىلىدۇ.
سىياداننى قاينىتىپ ھۇرىدا بۇرۇن ئىچىنى ھۇردىسا ياكى ئۆمۇچۈكنى تۇتۇپ ئۇنى چۇغ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ ئىسى بىلەن بۇرۇن ئىچىنى ئىسلىسا،بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەمشىباھار ئۇرۇقى،كاسىنە ئۇرۇقى،ئىسپىغۇل،ئىت ئۇزۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۇزۇۋېتىپ،سۇيىدەيەرلىك ئورۇنىنى يۇسا،بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ ئىشىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇرۇن پۇتۇپ قالغاندا باش پىيازنىڭ 1 پارچە ياپىراقچىسىنى سىقىپ سۇيىنى بۇرنىغا تېمىتسا،دەرھال ئېچىلىدۇ.
ئىسىسىق سۇغا بىر نەچچە تېمىم تۇز سېلىپ بۇرنىنى چايقاپ بەرسە،بۇرۇن پۇتۇپ قېلىشنى ساقايتقىلى بۇلىدۇ.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن داكىنى ئىلمان سۇغا چىلاپ،داكا بىلەن قۇلاق قىسىمنى ئوراپ بېرىشنى ھەر كۇنى 2~3 قېتىمدىن 4~5 كۇن داۋاملاشتۇرسا،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ساقىيىدۇ.
پىيازنى پاكىز يۇيۇپ،تۇغراپ قىيما قىلىپ،بۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ،پاختىنى بۇرۇن تۇشۇكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بەرسە،تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
قۇغۇن شاپىقىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ،سۇقۇپ ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۇرۇپ،ھەركۇنى 3قېتىم جاراھەت ئۇرنىغا سۇرتۇپ بېرىلسە،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئانار گۇلى،ئانار پۇستى،مۇزا،گۈل يېغى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،گۈل يېغىدىن باشقا دۇرىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ،ھەممە دۇرىلارنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سىركە بىلەن زىماد تەييارلاپ،يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا بۇ ئۇرۇندىكى ھەر خىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.



شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى

تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23




تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
14258 چىراينى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13948 چاچنى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13461 يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار
10384 بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى
9370 ئەر-ئاياللارئۈچۈن ئائىلىدىكى ئا
8939 كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رېت
7283 يۈز تېرىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ
6964 قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش رېتسىپل
4703 يەلدىن بولغان بوغۇم ياللۇغىنى د
4124 يۆتەل توختىتىشقا قارتا چاي دورى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .