• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


چاچنى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13948 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
شىپالىق رېتسىپلار تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-26 يوللانغان ۋاقتى :

                            
1. زەنجىۋىلدىن 10گىرام ،چۆبىچىندىن 12گىرام ،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئادىراسمان ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 30گرامدىن ئېلىپ،باش يۇيۇلسا،چاچ كىپەكلىشىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
2.چاچ كېپەكلىشىشنى داۋالاشتا مەلھىمى سىماپ سۈرتۈلىدۇ.كۇيدۇرۇلگەن تاشپاقا قېپى،گۇگڭۇرتنىڭ ھەر بىرىدىن 30گرامدىن،كۆيدۇرۇلگەن كىرپە تىكىنى‹تېرىسى›20 گرام،كۇشتە قىلىنغان سىماپ،قۇستە يېغىنىڭ ھەر بىرىدىن 100 گرامدىن،چالا كۆيدۇرۇلگەن مۇزىدىن 50 گرام،زىغىر يېغىدىن 80 گرام، قۇينىڭ قۇيرۇق يېغىدىن150گرام ئېلىنىدۇ.سىماپ بىلەن ياخشى ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ياغلار مىس قازاندا چۇچۇتۇلگەندىن كىيىن،قۇي يېغى سېلىنىپ ئېرىتىلىدۇ.ئاندىن سىرلىق قاچىغا كۆكۇپ،سۇۋىغاندا،دۇرىلار ئاز-ئازدىن ئارلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ ۋە كۇندە بىر قېتىم باشقا سۇرتۇلىدۇ.قۇرۇق ئىسىق مىجەزدىكى كىشىلەر مىقدارىنى ۋە سۇرۇش قېتىم سانىنى ئازلاتسا بۇلىدۇ.
3.مەدەستان،ئۆچۇرۇلگەن ھاك،سۇلتان مېغىزى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سۇدا يۇمشاق ئېزىپ باشقا چېپىپ‹باشنى يۇيۇپ›،ئارقىدىن باشنى ئىلمەك پۇشتى يۇپۇرمىقى بىلەن تېڭىپ قۇيۇپ،ئۇچ سائەتتىن كىيىن يېشىۋېتىپ،ئىسىق سۇدا يۇيۇپ،ئارقىدىن ئامىلە يېغىنى چاپسا،چاچنى قارايتىدۇ.
4.بېشىڭىز كېپەكقىشىپ كەتسە،كاۋاۋىچىندىن 20گرام ئېلىپ چالا سۇقۇپ،3كىلۇگرام سۇدا قاينىتىپ،سۇنىڭ 32قىسمى قالغاندا دۇرا تىرپىنى سۇزۇۋېتىپ،ئۇنىڭغا 30 گرام ئاچچقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ،ئىلمان ھالەتتە بەشنى يۇسىڭىز‹بۇ ئۇۋسۇل ئۇچ قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ›ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
5.ئاچچىققسۇدىن 200مىللىلىتىر ئېلىپ 500مىللىلىتىر سۇ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ باشنى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ بەرسە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .باشنىڭ قىچىشىشىنى توختىتىپ باشتىكى كىپەكنى تۈگىتىدۇ.
6.جىگدە گۈلىنىڭ يېغىنى چىقىرىپ باشنى ياغلىسا چاچنى قارايتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ باشنىڭ قىچىشىشىنى پەسەيتىدۇ ئەگەر ئاقباش ئوت ئورۇقى ،ئوسما ئۇرۇقى ئەنجۈر قېقى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ جىگدە يېغىغا تەكشى ئارلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا كىسەللىككە بولغان تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
7.ھۆل پىننە بىلەن ھۆل ئوسمىنى ئېزىپ باشقا چېپىپ بەرسە باش كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ چاچنى ئۆستىرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
8.سېرىق ھېلىلىدىن 100گىرام ئېلىپ 300مىللىلىتىر سۇغا ئىككى سوتكا چىلاپ ئاندىن سۇس ئوت بىلەن قاينىتىپ تۇلۇق پىشقاندىن كېيىن 200گىرام شىكەر بىلەن مۇراببا تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 15گىرامدىن ئىستىمال قىلسا چاچنى ئۆستۇرگىلى ھىم قارايتقىلى بولىدۇ.
9.رەيھان ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ قاينىتىپ سۈزۇپ سۈيى سوۋۇغاندا باشنى يۇسا چاچنى تىز ئۆستۇرىدۇ باش قىچىشىشنى توختۇتۇپ باشتىكى مۇدۇرلارنى يوقۇتىدۇ.
10.لىمۇن سۇيى، ئاق قىچا يېغى، كۈنجۈت يېغى، ئامىلە يېغى، زەيتۇن يېغى، سىيادان يېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ تەڭ مىقداردا ئېلىپ،تەكشى ئارلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا،باشتىكى كېپەكنى يۇقىتىدۇ.چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،چاچنى پارقىرتىدۇ.
11.چاچنى ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن تۇخۇم يېغى بىلەن كۈندە باشنى ياغلاپ بەرسە تاقىر باشقا چاچ چىقىرىپ چاچنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ ۋە چاچ چۈشۇش چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
12.شاپتۇل مېغىزىنى كۆيدۇرۇپ،يېغىنى چىقىرىپ،باش قىسمىغا سۇرتسە،چاچنى ئۆستۇرۇپ،قارايتىدۇ.
13.لاچىندانىدىن 10 گرام،ناۋاتتىن 100 گرام ئېلىپ،سۇقۇپ تاسقاپ،سۇپۇپ تەييارلاپ،كۇندە ئۇچ قېتىم،ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،چاچ ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
14.سىيادان،شاپتۇل مېغىزى،كۆك ياڭاقنىڭ سىرتقى پۇستى،ئانار ئۇرۇقى،ئۇسما ئۇرۇقى قاتارلىق دۇرىلاردا ئورتاق ياغ چىقىرىپ،باشقا چاچسا،باش كېپەكلىشش،چاچ چۇشۇش،چاچ يېرىلىش،چاچ ئاقىرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.چاچنى قارايتىپ پارقىرىتىدۇ.
15.قارا ھېلىلە،ھېلىلە كابىلە،ئامىلە پۇستى،شاھتەرە قاتارلىق دۇرىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، بەدىياندىن 6 گرام،گۇگڭۇرتتىن 3 گرام ئېلىپ،ھەممە دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم سۇقۇپ،گۇگڭۇرتتىن باشقا دۇرىلارنى سۇس ئوت بىلەن بىر لىتىر سۇدا سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ،دۇرا تىرىپلىرىنى سۇزۇۋەتكەندىن كىيىن گۇڭگۇتنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،تەييارلانغان دۇرا سۇيى بىلەن باشنى كۇندە ئىككى قېتىم يۇيۇپ بەرسە،باش قىچىشش ۋە چاچ كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
16.چاچ يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تېمىم ئاچچىقسۇ قۇشۇۋەتسە،چاچنى پارقىرتىدۇ.
17.پىيازنىڭ ئەرقىگە ھەسەل قۇشۇپ چاچنى يۇسا،چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
18.ۋىتامىن 6Bنىڭ فېر مېنت تۇلۇقلاش ۋە ھۇرمۇنلۇق رۇلى بار بۇلۇپ،قان ئايلىنىش ئارقىلىق،چاچنىڭ ئۆسۇشىنى ئلگىرى سۇرۇپ،چاچ چۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،چاچنى قارا ۋەپارقىراق قىلىدۇ.
19.بىنەپشە،ھېلىلىلەرنىڭ ھەر قايسسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ،سۇزۇپ تەييارلانغان دۇرا سۇيىدە ھەر 2~3 كۇندە بىر قېتىم چاچنى يۇسا،چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ،چاچقا ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
20.نەركەسنىڭ يېلتىزىنى سۇقۇپ،سۇپۇپ قىلىپ،سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ھەر خىل مۇدۇر-چاقىلارغا،تەڭگىسىمان چاچ چۇشۇشكە چاپسا،ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
21.قىزىل لەيلىگۇل ئۇرۇقىدا ياغ چىقىرىپ،مۇۋاپىق مىقداردامۇزا پاراشۇكى ئارىلاشتۇرۇپ،تۇمۇز ئاپتاپتا 20~15 كۇن قۇيۇپ،چاچقا سۇرسە،چاچنى قارايتىدۇ.
22.كۆك خېنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇينى چاچقا چاچسا،چاچنىڭ كېپەكلىششىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ.
23.كۆك خېنە،كۆك ئوسما ھەر بىرىدىن 60گرام ئېلىپ،سۇقۇپ،سۇيىنى ئارلاشتۇرۇپ،باشنى پاكىز يۇيۇپ،ئاجىرتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇقنى چاچقا سەپسە،چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
24.خېنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇيىدىن 50 مىللىلىتىر،ئامىلە پۇستى،بادام مېغىزى،ھېلىلە كابىلە پۇستى ھەر قايسىدىن 10 گرامدىن،ناۋاتىن 100 گرام ئېلىپ،سۇقۇشقا تىگىشلىك دۇرىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ،تاسقاپ،تالقان تەييارلاپ ئاندىن خېنە سۇيىنى ئارىلاشتۇرۇپ،كۇندە چاچقا سۇرتسە،چاچ يىلتىزىنى كۇچەيتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ،چاچ چۇشۇشنى تۇختىتىدۇ.
25.سۆگەتگۇلنىڭ ھۆل گۇلنىڭ سۇيىنى سىقىپ سۇزۇپ تەييارلاپ يۇزگە چاچسا،يۇزنى پارقىرىتىدۇ.چاچقا چاپسا،چاچنى ياخشىلايدۇ.
26.شاتۇت دەرىخىنىڭ قۇۋزىقىنى سۇقۇپ قاينىتپ،سۇيىدە چاچنى يۇسا،چاچنى قارايتىدۇ ھەم چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
14258 چىراينى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13948 چاچنى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13461 يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار
10384 بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى
9370 ئەر-ئاياللارئۈچۈن ئائىلىدىكى ئا
8939 كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رېت
7283 يۈز تېرىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ
6963 قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش رېتسىپل
4703 يەلدىن بولغان بوغۇم ياللۇغىنى د
4124 يۆتەل توختىتىشقا قارتا چاي دورى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .