• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


چىراينى ئاسىراش رېتسىپلىرى
14258 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
شىپالىق رېتسىپلار تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-26 يوللانغان ۋاقتى :

                            
چىراينى ئاسىراش

1.تېشىلمىگەن مەۋايىت سۇپۇپى ، تۇخۇم ئېقى پاراشۇگى قاتارلىقلارنى ڭ ھەرقايسىسىدىن تەڭ مىقداردائېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، دانىخورەك يۈزى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىغا سۈرۈتسە دانىخورەك كىسىلىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ .
2 . شاھتەررە ، چۈچۈكبۇيا يۇپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلغان ئىلمغان سۈيىدە يەرلىك ئۇرۇننى يۇسا ، دانىخورەككە شىپا قىلىدۇ .
3.چىرايىدىكى دانىخۇرەكنى داۋالاشتا،كىبردىن 20 گرام ئېلىپ،5 پىرسەنتلىك ئسپىرتتا تۇلۇق ئېرىتىپ،سۇيىنى يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا بۇلىدۇ.
4.بىخ سەۋسەندىن بىر ھەسسە،ئاق خەربەقتىت ئىككى ھەسسە مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ،مۇۋاپىق مىداردىكى سىركە بىلەن زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا چېپىش ئارقىلىق دانىخۇرەكنى چۇشۇرۇپ چىرايىنى گۇزەللەشتۇرگىلى بۇلىدۇ.
5.چىرايىدىكى دانىخۇرەكنى داۋالاشتا،زىغىر،قىزىلگۇل،سىيادان قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سۇقۇپ تاسقاپ،ئۇزۇم ياغىچىنىڭ كۆيدۇرۇلگەن كۇلىگە ئارلاشتۇرۇپ سىركە بىلەن زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا چېپىش لازىم.
6.يۇمغاقسۇت ئۇرۇقىنى يۇمشاق سۇقۇپ،تاسقاپ،گۇل يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ دانىخۇرەك ئۇستىگە چاچسا،ئۇنۇمى ياخشى بۇلىدۇ.
7.كاۋاۋىچىنى سۇقۇپ،ئۇپا ھالەتكە كەلتۇرۇپ،دانىخۇرەك ئۇستىگە چاچسا،ئۇنۇمى ياخشى بۇلىدۇ.
8.قۇرۇتۇلغان تۇخۇم ئېقىنى سۇقۇپ،ئۇپا ھالىتىگە كەلتۇرۇپ،تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،دانخۇرەك ئۇستىگە باسسا،ئۇنۇمى ياخشى بۇلىدۇ.
9.شاھتەرە،چۇچۇكبۇيا يۇپۇرمىقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،سۇ بىلەن قاينىتىپ،سۇيىدە يەرلىك ئۇرۇننى يۇسا،دانىخۇرەكنى ساقايتقىلى بۇلىدۇ.
10.ئېزىپ سىقىپ چىقىرىلىغان 100 گرام پىياز سۇيىگە سىركىدىن 100 گرام،ئاچچىق بادام يېغىدىن 30 گرام ئارلاشتۇرۇپ،سۇس ئوتتا 150 گرام قالغۇچە قاينىتىپ،كۇندە ئىككى قېتىم يۇزگە سېپىپ بەرسە،ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن بۇلغان داغ ۋە دانىخۇرەككە شىپا بۇلىدۇ.
11.بادام مېغىزىنى كۆيدۇرۇپ كۇلىنى قاش ۋە كىرپىككە سۇرمە قىلىپ تارتسا،تۇك بەزلىرىگە قۇۋەت بېرىپ ، قاش كىرپىكلەرنى ، ئۆستۇرۇدۇ ۋە قارايتىدۇ .
12 . 100 مىللىلىتىر ئۈزۈم سىركىسى ياكى ئاچچىقسۇغا لىموندىن 15 گىرام سېلىپ ئېرىتىپ ، يەرلىك ئۇرۇنغا سىرىتقى تەرەپتىن كۈندە بىر قېتىم سۈرۈتسە ، پۈتۈن بەدەن تېرە يۇزىدىكى،بۇلۇپمۇ يۇز ساھەسىدىكى دانىخۇرەك ۋە باشقا مۇدۇر-چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
13.چامغۇر ئۇرۇقىنى سۇقۇپ،كۇنجۇت يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا،تېرىنى ياشارتىپ،تېرىدىكى قۇرۇقنى يۇقىتىدۇ ۋە داغلارنى چۇشۇرۇدۇ.
14.خۇلىنجاننى سۇقۇپ تاسقاپ،زەيتۇن يېغى بىلەن ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا،تېرىنى ياشارتىپ،تېرىدىكى قۇرۇقنى يۇقىتىدۇ ۋە داغلارنى چۇشۇرىدۇ.
15.يالپۇزدا سىركە بىلە ن زىماد تەييارلاپ يۇزگە چاپسا،يۇزدىكى داغنى چۇشۇرۇپ چىرايىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ.
16.سەندەل،سىماقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سۇقۇپ،تاسقاپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركىگە ئارلاشتۇرۇپ يۇزگە چاپسا،يۇزدىكى سەپكۇن،داغلارنى چۇشۇرىدۇ.
17.يۇز يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تېمىم ئاچچىقسۇ قۇشۇۋەتسە،يۇزنى سېلىقلاشتۇرىدۇ ۋە ئاقارتىدۇ.
18.ياڭاق مۇرابباسى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئستىمال قىلسا،ھۆسنىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ.ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلنسا،تېرىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
19.ئاياللارنىڭ يۇزىگە تۇغۇتىدا داغ چۇشۇپ قالغاندا ئالگىت دەپ ئاتىلىدىغان دۇرىنى زەپەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە،يۇزدىكى داغ يۇقاپ كېتىدۇ.
20.ئېزىپ چىقىرىلغان 100 گرام پياز سۇيىگە سىركىدىن 100 گرام،ئاچچىق بادام يېغىدىن 30 گرام ئارلاشتۇرۇپ،سۇس ئۇتتا 150 گرام قالغىچە قاينىتپ،كۇندە ئىككى قېتىم يۇزگە چېپىپ بەرسە،ھەيز قالايمىقانلىشش ۋە ھامىلدارلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بۇلغان داغ ۋە دانىخۇرەككە شىپا بۇلۇپ،چىراينى گۇزەللەشتۇرىدۇ.

شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى

تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
14258 چىراينى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13947 چاچنى ئاسىراش رېتسىپلىرى
13460 يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار
10383 بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى
9369 ئەر-ئاياللارئۈچۈن ئائىلىدىكى ئا
8938 كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رېت
7282 يۈز تېرىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ
6963 قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش رېتسىپل
4702 يەلدىن بولغان بوغۇم ياللۇغىنى د
4124 يۆتەل توختىتىشقا قارتا چاي دورى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .