ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئاچچىق ئەمەن (ئەفسەنتىن )نىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق رولى
6362 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
دورىگەرلىك ئىلمى تۈر تەۋەلىكى : 2014-09-22 يوللانغان ۋاقتى :

                            
ئاچچىق ئەمەن (ئەفسەنتىن )نىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق رولى

خەنزۇچە نامى: 苦艾- kuai
لاتىنچە نامى:Artemisia absinthium L
ئەرەبچە نامى:خترق
پارىسچە نامى:مردە
ئوردوچە نامى:افسنتين
ئىنگىلىزچە نامى:Common Worm Wood,Absinth

تونۇش
مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاچچىق ئەمەننىڭ پۈتۈن چۆپىدئىن ئىبارەت

چىقىش ئورنى:شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ

دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى:ئۆسۈملۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 70-40 سانتىمېتىر كېلىدۇ
غولى تىك بولۇپ،يۇقىرى تەرىپىدىن شاخلايدۇ،تېنى يېشىل رەڭلىك كېلىدۇ،يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق يېرىق ياپراقچە،باشسىمان گۈل رېتى يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ناھايتى كۆپ ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ
پۈتۈن ئۆسۈملۈكى خۇش پۇراقلىق ۋە ئاچچىق بولىدۇ


تەبئىتى:ئۈچىنىچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق


خۇسۇسىيتى:ئاشقازاننى قۇۋەتلەش،ئىششىق قايتۇرۇش،توسالغۇلارنى ئېچىش،سۈيدۈك ھەيدەش،ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرت ئۆلتۈرۈش

ئىشلىتىلىشى:ھەرخىل ياللۇغلىنىشلارغا ئىشتىھاسىزلىق،ھۆل تەمرەتكە،سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

ئىشلىتىش مىقدارى:2-5 گرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:باشنى ئاغرىتىدۇ
ئورۇنباسارى:ئەپسەنتىن رۇمى
تۈزەتكۈچىسى:ئانار

شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12981 ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىلىرى
12019 ئۇيغۇرتىبابىتى دورىگەرلىك ئىلم
8860 بابۇنە نىڭ تەبىئتى،خۇسۇسىيتى ۋە
8172 ئادىراسماننىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپ
6362 ئاچچىق ئەمەن (ئەفسەنتىن )نىڭ خۇس
5191 ئاسارۇننىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .