ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن مىزاج بوزۇلىشى
8801 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-08-10 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن مىزاج بوزۇلىشى
تۇنۇش


ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن بوزۇلىشى بۇ ئاساسلىقى ئاشقازان مىزاجىنىڭ غەيرى تەبىئى سەپرا تەسىرىدىن بولغان مىزاق بوزلۇشى بولۇپ كېلىنكىدا ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش،كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش،سېسىغان بېلىق پەرىقىدەك كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ماددىسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى ھەمدە بەدەن ئىچىدە يۇز بەرگەن ھەرخىل روھى ۋە جىسمانى سەۋەپلەر سەپرا خىلتىنىڭ غالىپ كېلىشىنى پەيدا قىلىپ سەپرا خىلتى سان جەھەتتىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاش ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ ھەزىم پائالىيتىنى بوزىدۇ.
ئالامىتى
ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز سېسىغان بېلىق پەرىقىدەك كېكىرىك كېلىدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، لېكىن ھەزىم پائالىيتى كۇچىدۇ. بەزىدە ئاشقازاندا غىدىقلاش كۇچىيىپ ئاشقازان ساھەسىدە ئېچىشىپ ئاغرىش سېزىمى شەكىللىنىدۇ. ئاچ ۋاقتىتا ياكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۆلگەي ئاجرالمىسى كۆپىيدۇ. تىلى ۋە كۆز ئېقىدا سەپرانىڭ غالىپ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
ماددا ئاشقازان ئۆزىدە گەۋدىلىك بولسا قۇستۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ ئۇمۇمى بەدەنلىك بولسا غەيرى سەپراغا قارىتا مۇنزىچ مۇسىھىل بېرىش ئارقىلىق ماددىنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
Www.tibbidastur.Com

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12886 قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋا
11830 ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـ
10831 ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا
9070 ئىچى سۇرۇش كېسەللىكى
8801 ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسس
8209 ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
8121 ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى كېسەللى
7469 ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنىڭ
7020 جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىك
6754 ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇ
6259 سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەلل
5106 ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .