ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك
6276 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-08-09 يوللانغان ۋاقتى :

                            

زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك


  بەدەننىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، بىراق بۇنداق ئىقتىدار چەكلىك بولۇپ، بەدەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلىگەن شارائىتتىلا، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.مۇۋاپىق بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، دورا ئىشلىتىش، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ قالايمىقانلىشىشى، كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلار توكسىنلارنىڭ مەلۇم خىل شەكىللەردە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

بەدەندىكى توكسىنلار ئادەتتە سۇدا ئېرىيدىغان توكسىن ۋە ياغدا ئېرىيدىغان توكسىن، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، بۆرەك، جىگەر، تېرە ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالار توكسىنلارنى تازىلىيالايدۇ، بۇ ئەزالار توكسىنلارنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىيالمىسا، سۇدا ئېرىيدىغان توكسىنلار قان ئارقىلىق كۆمۈرچەك، سىلىق پەردە ۋە پەي قاتارلىق ئورۇنلارغا يىغىلىپ قېلىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگەندەك بوغۇم يەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياغدا ئېرىيدىغان توكسىنلار قان ئارقىلىق لىمفا سىستېمىسى ياكى ئەزالارنىڭ شىللىق پەردىسىدە مونچاق گۆش، خالتىلىق ئىششىق ياكى ئۆسمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

توكسىن تازىلىغاندا بەدەندە بوغۇم، سۆڭەك، مۇسكۇللار ئاغرىش ياكى ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە مېۋە شىرنىسى ياكى سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك. بەزىدە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى كۆپرەك تولۇقلاپ، جىگەرنىڭ توكسىن تازىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، شارائىت يار بەرسە ئارىشاڭغا چۈشۈپ، توكسىنلارنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى




تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى

Www.tibbidastur.Com

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
27570 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16154 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8424 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
6901 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6741 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6432 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6343 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
6276 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
5269 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5187 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5093 كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش
4871 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .