• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


سۆزنەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟ بۇ ئالتە خىل ئەھۋال كۆرۈلسە ھوشيار بولۇش كېرەك
188 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
جىنسىيەت بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2020-01-04 يوللانغان ۋاقتى :

                            

 

 

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۆزنەك بىر خىل جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىنسىي كېسەللىكتۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ خىل كېسەللىك جىنسىي ئەزانىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا، ئۇ يەنە تۈز ئۈچەي، بوغۇم، گال ۋە كۆز قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ.

سۆزنەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

1. سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار

زەكەر ياكى جىنسىي يولدا سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار بولۇپ، كونكرېت شەكلى باكتېرىيەنىڭ تارقىلىش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. ئاجرالمىلار دۇغ ھالەتتە بولۇشى، ھەتتا قان دېغى بولۇشى مۇمكىن.

2. كىچىكى تەرەت قىلغاندا ئاغرىش
ئەگەر كىچىكى تەرەت قىلغاندا ئاغرىسا، يەنە كېلىپ ئىلگىرى پاكىز بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت بولغان بولسا، دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ سۆزنەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

3. ئۇرۇقدان ئاغرىش

ئۇرۇقدان ئاغرىقى سۆزنەك كېسىلىنىڭ ئېغىر ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بىمارلاردا ئاغرىقنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇ يېنىك ئاغرىق ياكى تىكەن سانجىلغاندەك ئازابقا ئوخشاپ كېتىشى، بەزى بىمارلار ھەتتا كۆيۈش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئاغرىش دەرىجىسى باكتېرىيەنىڭ تارقىلىش دەرىجىسىگە باغلىق. ئۇنى دورا ئارقىلىق پەسەيتكىلى ياكى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

4. ئازابلىق جىنسىي ھەرىكەت
ئاياللار جىنسىي ھەرىكەتتە ئاغرىق ھېس قىلسا، سۆزنەكتىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل كېسەللىك بالىياتقۇ ۋە داس سۆڭەڭ رايونىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، بۇ ئورۇنلارنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئىلگىرى قوغدىنىش بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت بولغان بولسا، تېخىمۇ ھوشيار بولۇپ، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈش كېرەك.

5. كۆزى قىزىرىپ كېتىش

سۆزنەك كۆزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاشلا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر كۆزنى سىلاشتىن پەيدا بولغان كۆز قىزىرىش كېسىلى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.

6. مەقئەت بىئارام بولۇش
سۆزنەك يەنە مەقئەت ئالاقىسى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ مەقئەت رايونىدا كۆرۈلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. تۈز ئۈچەي ئىچكى پەردە ياللۇغى ئاغرىش، قاناش، بەلكىم يەنە كۆيگەندەك ئېچىشىش تۇيغۇسى، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر مەقئەت بىئارام بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسا، كېسەللىك تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا دەرھال بېرىپ تەكشۈرتۈڭ.

بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان، بولۇپمۇ بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل كېسەللىك ئالامىتى تەڭلا كۆرۈلسە، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماي، چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بالدۇرراق داۋالىنىش كېرەك. ئەگەر سۆزنەك بولۇپ قالسا، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ھېچقانداق قوغدىنىش بولمىغان جىنسىي ھەرىكەتلەرنى قىلماي تۇرغىنى ياخشى.





تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
43807 ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە لەززەت
18292 ئەر - كىم ئايال - كىم
17653 خوتون قىلىشقا يارمايدىغان قىزلا
14403 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش
13455 ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كىچ
13130 ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
12356 شوخلا ئەرلەرنىڭ بالا تېپىش ئىقت
11025 ئەرلەر---جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم
8495 سۇزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ي
7017 ئەرلەر نەچچە ياشتا بالىلىق بولس
5456 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
188 سۆزنەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .