• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


بىر كۈندىكى كىچىك تەرەت قېتىم سانىڭىز نورمالمۇ؟
763 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2020-01-02 يوللانغان ۋاقتى :

                            


بىر كۈندىكى كىچىك تەرەت قېتىم سانىڭىز نورمالمۇ؟

تېڭشۈن تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىچىك تەرەتنى ھەممە ئادەم قىلىدۇ، كىچىك تەرەت قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىزدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتەلەيمىز، بۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندۈزى كىچىك تەرەت قېتىم سانى 4-6 قېتىم، كېچىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

لېكىن، بەزى ۋاقىتتا، بىز ئۆزىمىزنىڭ كىچىك تەرىتىمىزنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ ياكى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، مەسىلەن، بىر كۈندە كىچىك تەرەت 10 قېتىمدىن كۆپ ياكى تۆت قېتىمدىن ئاز بولسا، ئۇنداقتا قايسى خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ؟ بىز بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ باقايلى. 
1. بىر كۈندە كىچىك تەرەت تۆت قېتىمدىن ئاز بولۇش 

ئەگەر سىز ئىچكەن سۇ مىقدارى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ سۈيدۈك مىقدارى تۆت قېتىمدىن ئاز ياكى تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، بۇ بەلكىم كېسەلنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ سىز ئۆزىڭىزنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى ئاز بولغاندىن باشقا، يەنە سۈيدۈك مىقدارىمۇ ئاز ھەم بەدەن ئىششىش ئالامىتى بولغان ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز تېخىمۇ زۆرۈر، بۇ بەلكىم بۆرىكىڭىزدە مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، سۇنىڭ نورمال چىقىپ كېتەلمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
2. بىر كۈندە كىچىك تەرەت ئون قېتىمدىن ئارتۇق بولۇش

كىچىك تەرەتنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كىچىك تەرەتنىڭ ئازىيىشىدىنمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەگەر سۇ ئىچىش مىقدارى ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ دىئابېت كېسىلى، مەزى بېزى كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، دوۋساق زىيادە جانلىنىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ھوشيار بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا ھامىلدار بولۇپ قېلىشمۇ پات-پات كىچىك تەرەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا پەقەت كونكرېت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. 
3. ئەڭ ئېغىر بولغان كىچىك تەرەت ئەھۋالى 

كىچىك تەرەت ئەھۋالى ساغلاملىقنىڭ ئەينىكى. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىر قەدەر ئېغىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ؟ ئەگەر سىزدە ئاغرىتماي سۈيدۈكتىن قان كېلىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە

ئالىدۇ. بىر قېتىم كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، سىز تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك.




تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
28815 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16768 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8902 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
7346 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
7159 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6961 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6853 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
6794 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
5841 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
5737 باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەي
5732 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5625 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .