ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلمىغاندا يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟
3409 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
يىڭى تۈر تۈر تەۋەلىكى : 2018-03-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلمىغاندا ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە يىل ياشىيالايدۇ؟ ئەگەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا ئىزچىل چىڭ تۇرسا نەتىجىسى يەنە قانداق بولىدۇ؟

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەيدىز كېسىلى بايقالغان چاغدا، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار يوق ئىدى، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئىككى يىللا ئىدى، شۇڭا، ئەينى چاغدا HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىق دىئاگنوزى قويۇلغاننىڭ ئۆزىلا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىق ھېسابلىناتتى. ئەگەر HIVنىڭ بەدەنگە كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپ ھېسابلايدىغان بولساق، ئادەتتە سەككىز يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەيدىز كېسىلى باسقۇچىغا بېرىپ يېتىدۇ ۋە ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1996-يىلى ئامېرىكا روكفېللېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خې دايى دوكتۇر «كوكتېيل ھارىقى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»نى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىشنى كونترول قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق «ئەجەللىك كېسەل» دەپ ئاتالغان ئەيدىز كېسىلىنى يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندۇرغان. 2011-يىلى ئەنگىلىيەدىكى HIV بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بىر تەتقىقاتتا CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 200~350cells/μl بولغاندا بىمارنى داۋالاشنى باشلىغاندا ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 75 ياشقا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. شۇڭا HIV بىلەن يۇقۇملانغاندا ئۈمىدسىزلەنمەسلىك لازىم. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھاياتنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ، بۇ كېسەللىكنى ياخشى كونترول قىلغاندا ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
3409 ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .