ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

باھار پەسىلىدە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
2727 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2018-03-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            

 باھار پەسلى زىيادە سەزگۈرلۈك كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل. زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر زىيادە سەزگۈرلۈككە قانداق قىلىپ ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان ئازابتىن ساقلىنىشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش توغرىسىدا مۇنداق يەتتە تۈرلۈك ئىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.

    1. ئۆزىگە ئۆزى دىياگنوز قويماسلىق كېرەك. زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بەزىدە زۇكامغا ئوخشاش بولۇپ، زۇكامدەك دائىم قىزىتىش ۋە تىترەك ئولىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئۆزى دىياگنوز قويۇپ ھەم شۇنىڭغا ئاساسەن دورا ئىشلەتكەندە، بەلكىم خاتالىق چىقىشى، نەتىجىدە يىگەن دورىنىڭ ئۈنۈمى بولماي، ھەتتا ئەكس تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈكنى زۇكام دەپ بىر تەرەپ قىلغاندا، داۋالاش پۇرسىتى ئۆتۈپ كېتىپ، خەتەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

    يېمەكلىكلەر رېئاكسىيە قىلسىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. خاتا يەپ سالغان نەرسە بەلكىم ئەجەللىك ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا يېمەكلىكلەر رېئاكسىيە قىلغاندا، توغرا دىياگنوز قويۇش كېرەك. يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلغانلار ياكى ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىن كېيىن زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلگەنلەر بەلكىم زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسى بىلەن كۈتۈلمىگەن ئۇچرىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلا ۋاقتىدا بېرىپ ئادرېنالىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇزۇش ھەم دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

    2. ئۆز ئالدىغا رېئاكسىيەگە قارشى دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. دورا دۇكانلىرىدا نۇرغۇن رېئاكسىيەگە قارشى رېتسېپسىز دورىلار بار، لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە ئۆزى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس، بەزى دورىلار بولسا كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىرقىسىم كىشىلەر توپىغا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى ۋە مەزى بېزى راكى قاتارلىقلار. يەنە بىر مەسىلە بولسا، نۇرغۇن رېتسىپسىز دورا ياكى رېئاكسىيەگە قارشى دورا «ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ»، يەنى بىر تال دورىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئانتى كىستامىنلىق دورا تەركىبى، ئاغرىق توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، قان تولۇقلاش ۋە بەلغەم بوشىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن تەركىبلىرى بار بولۇپ، ئوڭايلا خاتا ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئەكس تەسىر خەۋپ - خەتىرى تېخمۇ چوڭ بولىدۇ.

    3. زىيادە سەزگۈرلۈكنى تەكشۈرتكەندە، سەۋرچان بولۇش كېرەك. زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتا چىقىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئادەتتە ئالدى بىلەن كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئاندىن تېرە سىنىقى ياكى قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. تېرە سىنىقىدا تېرە سىرتقى يۈز قىسمىغا رىئاكسىيە مەنبەسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە 15 ~ 20 مىنۇت قىچىشىشقا بەرداشلىق بېرىشقا توغرا كىلىدۇ. قان تەكشۈرۈشتە، ئورگانىزىمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ئالاھىدە ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش ئارقىلىق گۈل چېڭى، كۆكىرىك زەمبۇرۇغى، ھايۋانلارنىڭ تېرە كىرى، كانا، يېمەكلىك، دورىلار، ھاشارات زەھىرى، ھەتتا ئېمۇلسىيە قاتارلىقلار ئارقىلىق رىئاكسىيە مەنبەسىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ، ھەتتا بەلكىم نەچچە قېتىملىق سىناش ئارقىلىق، نېمىنىڭ رېئاكسىيە قىلىدىغان ھەقىقىي «قاتىل» ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    4. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكى ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر بەلكىم تۇغۇلۇشىدىنلا زىيادە سەزگۈرلۈكى بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بەزىلەردىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ئىككىلەمچى بولۇپ، كېيىن پەيدا بولغان بولىدۇ. ئۇچراشقان رېئاكسىيە مەنبەسى كۆپ بولغانسېرى، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزىلەردە 4 ~ 6 ياش ۋاقتىدا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىلەرنىڭ بولسا قۇرامىغا يەتكەندە پەيدا بولىدۇ. مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېھتىمال قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن رېئاكسىيە يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇلۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، يەنە بىر رايونغا كۆچۈپ بارغاندا. نۇرغۇن كىشىلەردە چوڭ بولۇپ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم پەسىل خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. %15 كىشىلەرگە يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىش 18 ياشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.

    5. زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ناتايىن. بەزى كىشىلەردە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامىتى يېنىكلىشى مۇمكىن. بالىلارغا سۈت ۋە تۇخۇم رېئاكسىيە قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رېئاكسىيە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلىدىغان بالىلار چوقۇم قەرەللىك قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى تەكشۈرتمەي تۇرۇپلا، ئەمدى رېئاكسىيە قىلمايدۇ دەپ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى تۆۋەنلەپ، بەلگىلىك سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغاندا، دوختۇر ئادەتتە بىرقىسىم رېئاكسىيە مەنبەسى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى پەيدا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. گۈل چېڭى قاتارلىق مۇھىتقا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى راستتىنلا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ياكى زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى ئوكۇل ئۇرغۇزۇش كېرەك.

    6. ھامىلىدار ۋاقىتتا يەر ياڭىقى (خاسىڭ) ئىستېمال قىلىشتىن قورقماسلىق كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەر ھامىلىدارلار يەر ياڭىقى ۋە يەر ياڭىقى قىيامىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا بالىلارغا يەر ياڭىقى رېئاكسىيە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. «يېڭى ئېنگىلاند تېببىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئانا ھامىلىدار بولغاندا يەر ياڭىقى ۋە يەر ياڭىقى قىيامىنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە يەر ياڭىقى رېئاكسىيە قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان. ئوخشاش بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، 4 ~ 11 ئايلىق بولغان بوۋاققا يەر ياڭىقىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغۇزغاندىن كېيىن، يەر ياڭىقى رېئاكسىيە قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان.

    7. زىيادە سەزگۈرلۈك كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىلىمات يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە زىيادە سەزگۈرلۈككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باش باھاردىكى قىرو ئۈششۈكى ۋە يامغۇردىن كېيىن گۈل چېڭى ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالغاچقا، زىيادە سەزگۈر كىشلەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىللەپ قالىدۇ. يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىلەن ئاتموسفېرادىكى كاربون(Ⅳ) ئوكسىدى مىقدارى كۆپىيىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ چاڭلىشىشى بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا تەبىئىي بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا ئىسسىغانسېرى ئامبروزىيە ئوتى پەيدا قىلغان گۈل چېڭىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەزگۈرلۈك خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
27604 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16175 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8446 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
6927 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6761 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6477 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6373 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
6350 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
5298 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5210 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5121 كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش
4901 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .