كۈنجۈت قىيامى: قارا كۈنجۈتنى پاكىز يۇيۇپ سايىدا قۇرۇتۇپ، ئازراق قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ ھەر قېتىمدا20گىرام ئېلىپ، 100گىرام گۈرۈچ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ رېتسېپ تېنى ئاجىز، بېشى، قايىدىغان، قۇلىقى غوڭۇلدايدىغان، قەۋزىيەت بولغان ياشانغان كىشىلەرگە تېخىمۇ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياڭاق قىيامى: ياڭاق مېغىزىدىن تۆت تالنى يۇمشاق ئېزىپ، 100گىرام گۈرۈچ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا، ئاجىز قەۋزىيەت بولغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

سېرىقماي قىيامى: گۈرۈچتىن 100گىرامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە سېرىقمايدىن30گىرام، ھەسەلدىن50گىرام سېلىپ يەنە ئازراق قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، ئاجىز، زورۇققان، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، قەۋزىيەت بولغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
ئەنجۈر قىيامى: گۈرۈچتىن100 گىرامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە ئەنجۈردىن 20گىرام سېلىپ، يەنە ئازراق قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، ئازراق ھەسەل بىلەن ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلسا،گېموروي كېسەللىكى بار قەۋزىيەت بولغان ياشانغان كىشىلەرگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزى قىيامى: پوستى ئېلىۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ،100گىرام گۈرۈچ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا، ئۆپكە كېسىلى، يۆتەل، دەم سىقىلىش كېسىلى بار بولغان ھەم قەۋزىيەت بولغانلارغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. |