ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بەش خاتا قاراش
7406 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئىچكى كېسەللىكلەر تۈر تەۋەلىكى : 2014-04-17 يوللانغان ۋاقتى :

                            

بىرىنچى خاتا قاراش: 

ئارقىچىلاپ مېڭىپ چېنىقىش پايدىلىق. ياشانغانلار مەيدان ياكى كوچىلاردا ئۈچ  –  تۆتتىن بولۇپ ئارقىچىلاپ مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەل ئاغرىقىنى داۋالاپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭ بۇنداق چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىشى مۇۋاپىق ئەمەس. سەۋەبى ياشانغانلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز، سەزگۈرلۈكى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئارقىچىلاپ ماڭغاندا ئاسانلا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈش ياكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يىقىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكى، داس سۆڭىكى، تىز، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ تاسادىپىي زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا سۈپىتى ياخشى ۋاقىتنى تاللاپ مېڭىپ بېرىشى، سەكرەپ بېرىشى، بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇشى، ئومۇرتقا، بوغۇملارنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.uuuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

     ئىككىنچى خاتا قاراش:

بىنانىڭ پەلەمپىيىدە چېنىقىش مۇۋاپىق، دەپ قاراش. پەلەمپەيدىن چىقىپ –  چۈشۈش مەشىقى قىلىش گەرچە ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەننى  ئورۇقلاتسىمۇ، لېكىن پەلەمپەيدىن چىقىپ –  چۈشۈش مەشىقىنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرغاندا بەدەنگە زىيانلىق تەسىر بېرىدۇ، چۈنكى پەلەمپەيدىن چىقىپ –  چۈشۈش مەشىقى جەريانىدا تىز بوغۇملىرىغا چۈشكەن بېسىم ئېشىپ بارىدۇ، ئىككى پۇت تىز بوغۇملىرى ئۈستىگە ئېلىش زۆرۈر بولغان بېسىم يەككە پۇت تىز بوغۇمىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، بۇنداق چېنىقىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن تىز بوغۇملىرىنىڭ سۈركىلىپ زەخىملىنىشى زورىيىدۇ، شۇنداقلا تىز بوغۇملىرى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار يانتۇلۇق دەرىجىسى سەككىز – ئون گرادۇس بولغان جاينى تاللاپ، 200 –  300 مېتىر مېڭىپ بەرسە، بۇنداق مېڭىشنى تەكرار ئۈچ – تۆت قېتىم داۋاملاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ ياشانغانلار پۇتىنىڭ كۈچىنى ۋە يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.uuuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

     ئۈچىنچى خاتا قاراش:

ئەتىگەندە چېنىقىش كەچتە چېنىققاندىن ياخشى، دەپ قاراش. سەھەردە ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىگەندە تېمپېراتۇرا تۆۋەن، نەملىك يۇقىرى، تۇمان ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا چېنىقىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قاش قارايغان چاغدا چېنىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەك، مېڭە قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمى تەڭپۇڭ، قان شېكىرى دەرىجىسى ۋە جىگەر گلىكوگېنىنىڭ زاپاس مىقدارى نورمال بولۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.uuuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

     تۆتىنچى خاتا قاراش:

مەشىق قانچە جاپالىق بولسا شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قاراش. ياشانغانلار چېنىقىش قانچە جاپالىق بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇنداق ‹‹جاپالىق مەشىق›› نىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ياشانغانلارغا نىسبەتەن خەتەرلىك. ياشانغانلار مەشىقلەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈلگەن بەزى بىنورمال ئەھۋاللارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ھەرىكەت جەريانىدا ئاغرىش، باش قېيىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، دەم سىقىلىش ياكى زىيادە چارچاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش كېرەك، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.uuuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بەشىنچى خاتا قاراش:

ھەرىكەتتە زەخىملەنگەندىن كېيىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. چېنىقىش ئىلمىي بولمىغاندا، ھەرىكەتتە زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ، قىسمەن ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بىر قىسىم ياشانغانلار دەرھال ‹‹ئىسسىق ئۆتكۈزۈش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسەك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، زەخىمنىڭ ساقىيىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەرىكەتتە زەخىملىنىش(مەسىلەن: ئوشۇق بوغۇملىرى تولغىنىپ زەخىملىنىش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە قاناش، ئىششىش سەۋەبلىك ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز دېسەك، ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ، توغرا ئۇسۇل 24 سائەتكىچە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش(مەسىلەن: مۇز پارچىلىرىنى قويۇش)، 24 سائەتتىن كېيىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالىسا ئاغرىشنى ۋە ئىششىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇuuuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
19378 قاندىكى ماينىڭ پەيدا بولۇش سەۋە
17114 قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ سەۋەبلى
16342 جىگەر سانجىقى (جىگەر ئۆت تاش كىس
12790 يۇرەك سانجىقى سەۋەبلىرى ۋە داۋا
9878 يۇرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى ۋە د
9645 ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى
7556 يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىك
7406 ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بە
7082 يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .