ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغدايدىغان ياخشى ھەمراھ ئىكەن
4827 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2018-03-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            

يۈرەك كېسىلى كىشىلەر ساغلاملىقىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان دۈشمەنگە ئايلاندى. كۆپلىگەن كىشىلەر يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدۇ، ۋاقتىدا كونتىرول قىلىش تەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قېنى تۆۋەندە يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ نېمىلەرنى يېسە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. 

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 1: قارا كۈنجۈت

قارا كۈنجۈت بولسا تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشتا رولى ئىنتايىن چوڭ. قارا كۈنجۈتتە يەنە لىنولىك كىسلاتا قاتارلىقلار مول بولۇپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېىسلى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، قارا كۈنجۈتنى ئىستېمال قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى سىرتقى قېپىنى ئېلىۋېتىش كېرەك. چۈنكى قارا كۈنجۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مېغىزدا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاۋال قورۇۋېلىش ياكى بىۋاستە ئېزىپ تالقان قىلىپ يېگەندە ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 2: يەر ياڭىقى

نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا يەر ياڭىقىنى يەپ بېرىش يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. دائىم يەر ياڭىقى يېيىش يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. پۇدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاللاپ سېلىشتۇرۇلغان كىشىلەر توپىدىكى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 42 گرام يەر ياڭىقى يېگۈچىلەرنىڭ قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمى يېمەيدىغانلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 3: قىزىل ھاراق

قىزىل ھاراقمۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇنىڭ ھەممىسى «ئاق خەربەك ھارىقى»غا تەۋە. ئاق خەربەك بولسا بىر خىل كۆپ فېنول تۈرىدىكى بىرىكمە ماددا بولۇپ، كۆپلىگەن ئالىملار ئاق خەربەكنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاق خەربەكنىڭ ياللۇغقا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك، قان تومۇرلارنى قوغدايدىغان رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بىراق كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى،  ئىسپىرتنى زىيادە ئىچىش بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ قىزىل ھاراقنى ئىچىش قېتىم سانى كۈنىگە بىر قېتىم، ئەرلەرنىڭ ئىككى قېتىمدىن ، مىقدارىنىڭ 150 مىللىلىتىردىن ئاشماسلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش كېرەك. ئىسپىرت بەلكىم ئاسپىرىن ۋە باشقا دورىنى ئىچكۈچىلەرگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 4: سالمۇن بېلىقى

سالمۇن بېلىقى يۈرەك كېسىلىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ω-3 ياغ كىسلاتاسى ۋە DHA مول بولىدۇ. ω-3 ياغ كىسلاتاسى بولسا يۈرەك رېتىمى تەكشىسىزلىك خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سالمۇن بېلىقى يەنە قاندىكى گلىتسېرىن ئۈچ ئېستېر ھەمدە ياللۇغنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئامېرىكا يۈرەك بىرلەشمىسى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم سالمۇن بېلىقى يېيىشنى، يۈرەككە پايدىلىق يەنە باشقا تۈردىكى بېلىقلارنىمۇ مەسىلەن، كۆك چىپار بېلىق ، تۇنا بېلىقى، ساردىنا بېلىقى قاتارلىقلارنىمۇ تاللىسا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 5: تۈكلۈك پۇرچاق

تۈكلۈك پۇرچاقنى سەل چاغلىماڭ، ئۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم قۇتقۇزىدۇ. كىچىككىنە بىر پۇرچاقتا ئوزۇقلۇق تالاسى، ماگنىي، كالىي ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنى قوغدايدۇ، يۈرەك كېسىلى خەۋىپىنى ئازايتىدۇ. لېدىس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تالانىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ھەر يەتتە گرام ئاشقاندا، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
27522 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16129 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8404 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
6883 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6721 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6398 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6324 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
6186 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
5244 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5165 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5071 كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش
4827 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .