ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بۇ ئۈچ خىل دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى ھەربىر قېتىم يېگەندە بەدەنگە بىر زىيان قىلىدىكەن
2907 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2018-03-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ئۈچ يۇقىرى بولسا كىشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەتراپىمىزدىكى ياكى ئائىلىمىزدىكى ياشقا چوڭىيىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئىككى كۆرسەتمىنىڭ يۇقىرىلىق ئەھۋالى مەۋجۇت، ھەتتا ئۈچ يۇقىرى بەدىنىدە بىرگە مەۋجۇتلارمۇ كۆپ. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى دىيابېت كېىسلى بىمارلىرى ھەمدە قاندىكى ماي يۇقىرى كىشىلەر توپى يۈز مىليوندىن ئاشىدىكەن، لېكىن يۇقىرى قان بېسىم كىشىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى سانى بىر مىليارد ئەتراپىدا ئىكەن.

ئۈچ يۇقىرىغا گىرىپتار بولۇش كىشىگە بىر ئۆمۈر ئەگىشىدۇ، ئېغىرراقلىرى ھەتتا بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل دائىم ئۇچرايدىغان ناچار ئوزۇقلىنىشنى قايتا سادىر قىلماڭ.


ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر توپى تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كېرەك.

تۇز تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئىستېمال قىلىۋاتقان يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تۇز مەۋجۇت، ھەتتا بەزى تاتلىق يېمەكلىكلەرگىمۇ ئاز مىقداردىكى تۇز قوشۇلۇپ، يېمەكلىككە تەم كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭدەك بەلگىلىك دائىرىدە يېمەكلىكنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ.

بىراق دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىشنىڭ پايدىلىق ھەم پايدىسىز تەرىپى بولغىنىدەك، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە تۇزنىڭمۇ ئەكس تەسىرى ئادەم بەدىنىگە زور خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقانقىنى قورۇما قورۇغاندا تۇزنى زىيادە ئىشلىتىشنى، ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەردىكى تۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەر كۈنى تۇزنى زىيادە قوبۇل قىلىش، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋىتىپ، بەدەندىكى ناترىي كالىينىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش، ھەتتا دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتەك خەۋپلىك ئامىللارنى ھەمدە ئاشقازان راكىدەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى كىشلەر توپى قەنتنى ئاز قوبۇل قىلىشى كېرەك

تۇرمۇشتا تۇزدىن ئايرىلغىلى بولمىغىنىدەك، قەنتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتە ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر، يەنە تاتلىق تەمنى ياقتۇرىدىغان ئائىلىلەر تاماق ئەتكەندە قەنتتىن ئايرىلالمايدۇ. قەنت سېمىزلىكنى قوزغىغۇچى ئامىل بولۇپ، ئېغىرراق بولغاندا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە يېسە، قان قەنتى سەۋىيەسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دىيابىت كېسىلى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۇنداقتا ھەر كۈنى قانچىلىك قەنت يېسە مۇۋاپىق. ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسى» شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ھەر كۈنى قۇبۇل قىلىنىدىغان قەنت مىقدارىنى 50 گرامدىن تۆۋەن ھالەتتە كونتىرول قىلىش، ئەڭ ياخشىسى 25 گرامدىنمۇ تۆۋەن بولۇش كېرەك. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ساخاروزا يوق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.

ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر توپى ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشى كېرەك

ياغمۇ ئۈچ يۇقىرىنىڭ خەۋپلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، قان تومۇرلاردا چوڭ-كىچىك داغلارنى شەكىللەندۈرۈپ، قان-تومۇرلارنى توسۇپ، قان-تومۇر قېتىشىشىنى، يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىپ، جاندىن ئايرىيدۇ. شۇڭا ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر بولسۇن ۋە ياكى ساغلام كىشىلەر توپى بولسۇن ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چوقۇم كونتىرول قىلىشى كېرەك.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
27522 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16129 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8404 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
6883 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6721 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6398 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6324 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
6186 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
5244 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5165 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5071 كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش
4826 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .