• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
3930 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2018-03-28 يوللانغان ۋاقتى :

                            

 ھەممە ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزرەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا بالىسى ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل ساغلاملىق دورىلىرىنى بېرىدۇ. لېكىن، بەزى بالىلارنىڭ بويى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆسمەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئامىللار بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 

      ئىرسىيەت


بوينىڭ ئېگىزلىكى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىرسىيەتنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى %70 نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىدە يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە قاراش كېرەك. ئادەتتە، ئىككىلا تەرەپ ئېگىز بولسا، بالىمۇ ئېگىز بولىدۇ.

    ئۇيقۇ


ئەگەر بالىنىڭ بويى ئېگىزرەك بولسۇن دېسەك، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا ھەر كۈنى كەچ سائەت 9 دا ئۇخلاپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇخلاۋاتقاندا بەدەن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ياكى دائىم بەك كەچ ئۇخلىسا، بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بويى ياخشى ئۆسەلمەيدۇ.

    ئوزۇقلۇق
    ئوزۇقلۇقمۇ بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئامال بار ئانا سۈتىدە بېقىش، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش بىلەن بىرگە، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
    ئۇنىڭدىن باشقا بالىدا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسىمۇ، بويىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۆسۈش مەزگىلىدە تۆمۈر، كالتسىينى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.

    ھەرىكەت

 ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىش بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، بالىغا كۆپرەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، سەكرەش، كېرىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەتكۈزۈش، يەنى سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، ئارغامچا سەكرەش، پۇت بېسىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئەگەر، بالا دائىم ھەرىكەت قىلمىسا ياكى ھەرىكىتى بەك ئاز بولسا، بەدەن ساپاسىغا، بوي ئېگىزلىكىگە زور تەسىر يېتىدۇ.

           «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» دىن ئېلىندى


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
28555 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16655 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8823 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
7279 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
7051 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6828 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6766 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
6711 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
5668 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
5628 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5553 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5531 باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەي
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .