• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىغان 12 ناچار ئادىتى
3461 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئۇنۋېرسال يازمىلار تۈر تەۋەلىكى : 2018-02-10 يوللانغان ۋاقتى :

                            


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 10-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. بالىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە بالىلار ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىغان ناچار ئادەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1. ئۆزىگە پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ. ئەمما بالىلارغا كەلگەندە بەكلا سېخىي بولۇپ كېتىدۇ.
زىيىنى: ئاتا-ئانىلار بۇنى بالىلارنى ياخشى كۆرگەنلىك دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇنداق قىلغاندا بالىلار ھەشەمەتچىلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ، جاۋاب قايتۇرۇش ھەم بەدەل تۆلەشنى بىلمەيدۇ، ياخشى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭى يېتىلدۈرەلمەيدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلارنى ياخشى كۆرۈش ئۇلارغا قىممەت باھا نەرسىلەرنى ئەمەس، بەلكى ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشتۇر. بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئىقتىساد باشقۇرۇش، مىننەتدار بولۇش، جاۋاب قايتۇرۇش، ئىقتىسادچىل بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. قائىدە بىلمەسلىك:
زىيىنى: مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسۇن، مەيلى ئۆگىنىش، كەسىپتە بولسۇن قائىدە بىلمەسلىك بالىلارغا پۇتلىشىپلا يۈرىدۇ.
ئۆزگەرتىش: ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك ئادەم بولۇش. ئېغىزدا دېيىش بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش.
3. بالىلار بىلەن كومپيوتېر ياكى تېلېۋىزوردىكى چوڭلار پىروگراممىسىنى كۆرۈش:
زىيىنى: چوڭلارنىڭ كۆپ قىسىم پىروگراممىلىرى بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ، ئۇلاردا خاتا تونۇش پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق پىروگراممىلارنى كۆرۈشى ئۇلارنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق. تېلېۋىزور ۋە كومپيوتېر رادىياتسىيەسى بالىلارنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلارغا ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان، ساغلام پىروگراممىلارنى كۆرسىتىش، كۆرۈش ۋاقتىغا قاتتىق چەك بېكىتىش.
4. باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش:
زىيىنى: ئاتا-ئانىلار بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىدا شەكىللىنىدىغان پەرق تۈپەيلى بالىلارغا بەك قاتتىق قول بولۇۋالىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بالىلار ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۆزگەرتىش: باشقا بالىلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىسىغا باھا بەرمەسلىك، بالىنى تەبىئىي تەرەققىي قىلىشقا قويۇۋېتىش، يېتىلىشى ئارقىدا، ئاستا بولمىسىلا ئارتۇقچە ئەندىشە قىلماسلىق.
5. بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش:
زىيىنى: بالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ھېچنېمە قىلدۇرماسلىق ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتىنى تارتىۋالغانلىق، ئۇلارغا ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىك. بالىلار چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلەلمىگەندىن باشقا، يەنە تايىنىۋېلىش خاراكتېرى شەكىللىنىپ «ھورۇن» بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ كوللېكتىپ تۇرمۇشقا ئاسان ماسلىشالمايدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلارغا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان پۇرسەت بېرىش، ئىقتىدارى يەتكەن دائىرىدە ئىش بۆلۈپ بېرىش، بەدەل تۆلىگەندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش.
6. بالىلارنىڭ ئالدىدا نارازىلىقلىرىنى سۆزلەش:
زىيىنى: بۇنداق قىلغاندا بالىلاردا پاسسىپ روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالغاندىن باشقا، يەنە باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرمەي ئىش بېجىرگەندە خاتا ئۇسۇل قوللىنىدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلارغا توغرا پوزىتسىيە بىلەن تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، ئامال بار ئۇلارغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش.
7. يالغان سۆزلەش:
زىيىنى: بالىلار يالغان گەپ قىلىشنى خاتا يېرى يوقكەن دەپ قاراپ يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇنداقلا، چوڭلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى غەلىتە ھېس قىلىپ چۈشىنەلمىگەنلىكتىن تونۇش خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلارنىڭ ئىشەنچىنى قەدىرلەش، ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئىشنى چوقۇم قىلىپ بېرىش، بالىلار بولسۇن، بولمىسۇن سەممىيلىك بىلەن راست گەپ قىلىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش.
8. ئىشنى ئارقىغا سۆرەش، ۋاقىت قارىشى يوق:
زىيىنى: بالىلاردىكى ۋاقىت قارىشى يوقىلىدۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان، كېچىكىدىغان ناچار ئادەتلەرنى توغرا تونۇمايدۇ ھەم كېيىنچە مۇشۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىدىغان بولۇۋالىدۇ.
ئۆزگەرتىش: كىچىكىدىنلا ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈش، ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ئىش قىلغاندا پىلان بولۇش.
9. قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق:
زىيىنى: بىخەتەرلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش قارىشى يوق بالىلار ئۆيدە ياكى سىرتتا ئاسانلا خەتەرگە يولۇقىدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلار ياندا بولسۇن، بولمىسۇن چوقۇم قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئادەتتىمۇ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
10. بالىلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا تەنقىدلەش:
بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ غورۇرىغا تەگكەنلىك، بۇنداق قىلغاندا بالىلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم ئانا-بالا، دادا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ، ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇتقىلىمۇ بولمايدۇ.
ئۆزگەرتىش: بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش، بىراق، پوزىتسىيەسى مۇلايىم بولۇش، خاتا قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش. چۈنكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارغا زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۆزگەرتىش.
11. ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق:
زىيىنى: ھەرىكەتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمەسلىك كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلاردىكى ئورتاق كېسەللىك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قالىدۇ.
ئۆزگەرتىش: كۆپ ھەرىكەت قىلىش بالىغىمۇ، ئاتا-ئانىلارغىمۇ پايدىلىق. كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن ھەرىكەت قىلىش ياكى ئويۇن ئويناش ئارقىلىق يەنە ھېسسىيات ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
12. ئاچچىقى يامان:
زىيىنى: ئاچچىقى يامان ئاتا-ئانىلار بالىلاردا قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىمۇ ئاسان ئاچچىقلايدىغان، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان، كەيپىياتىنى باشقۇرالمايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سوقۇشۇشى بالىلارغا ناچار ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ ھۇجۇم خاراكتېرلىك قىلىقلارنى، مەسىلەن سەت گەپ قىلىدىغان، قوپال گەپ قىلىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.
ئۆزگەرتىش: ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش، كونترول قىلىشقا ئامال بولمىغاندىمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا خالىغانچە ئاچچىقلانماسلىق، بالىلارغا ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش.



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
15877 تۇخۇم ئېستىمال قېلىپ بەرسە ، چاچ
9897 يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى ت
9601 ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە؟
9419 تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەن
9030 ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى
7926 دوختۇر-سېستىرالارنىڭ سالاھىيەت
7750 ئادەم بولماق تەس
7136 مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوق
6772 دۈم يېتىپ ئۇخلاش گلاۋكومانى كەل
6735 قورساق سىلىش مودىمۇ ؟
5673 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئادەمگە
5003 2018 - يىللىق دوختۇرلۇق سالاھىيەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .