ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

قىش پەسلىدە بۆرەك قۇۋۋەتلەيدىغان كۆكتاتلار
2934 ئاۋاتلىقى : يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2018-01-06 يوللانغان ۋاقتى :

                            
39 ساغلاملىق» تور بېكىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
قىش پەسلىدە بۆرەك قۇۋۋەتلەشتە ئادەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، كۆپ ساندىكى كىشىلەر گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمما پەقەت گۆش ئىستېمال قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆكتات ئىستېمال قىلىشقا سەل قارىسا ھەرگىز بولمايدۇ. يېمەكلىكتە ئۈچ ئۈلۈش گۆش، يەتتە ئۈلۈش كۆكتات بولسا، ئەڭ ساغلام بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا قىش پەسلىدە قايسى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلسا بۆرەك قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟              . پېچەكگۈل (山药)
پېچەكگۈلنىڭ «ئەۋلىيالار يېمەكلىكى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، قىش پەسلىدە بۆرەك قۇۋۋەتلەشتىكى ئەڭ ياخشى كۆكتاتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پېچەكگۈل تەركىبىدە مول يېپىشقاق ئاقسىل، كىراخمال فېرمېنتى قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى چوڭ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پېچەكگۈلنىڭ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار. تارو (芋头)
تارو ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ، تەملىك، يۇمشاق، خۇشپۇراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەرسىز، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە تارونىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنى كۈچەيتىش، ماغدۇر تولۇقلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار دېيىلگەن. تارو تەركىبىدىكى مول ۋىتامىنلار ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ. تارونى چوقۇم دۈملەپ پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك، پىشمىغان تارونى ئىستېمال قىلغاندا، گېلىنى قىچىشتۇرىدۇ. تارونى قوۋۇرغا گۆشى بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ئەڭ ياخشى بۆرەك قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
27570 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16154 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8424 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
6901 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6741 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6432 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6343 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
6275 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
5268 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5187 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5093 كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش
4871 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .