1. قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار. بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، كىسلېن، فېنېل، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
2. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار. بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز.
3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4. سېسترالار . بۇلار دائىم ھەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا، ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ. بەزى ۋىرۇسلار ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .
5. نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ھامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەھۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. دېھقان ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
غەيرەت جاسارەت تەييارلىغان