• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئەرلەر---جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىنىلا ئۆلچەم قىلىۋالماڭ
11610 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
جىنسىيەت بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2017-11-07 يوللانغان ۋاقتى :

                            
ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەلپكارلىقى ئاساسلىقى يېتىلگەن مىجەز-خاراكتېرى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان كەڭ قورساقلىقى ۋە ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇر، قىزغىنلىقىدا بولىدۇ بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيلىنىشىگە دىققەت قىلماي، ھە دېسىلا جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىغىلا كۆڭۈل بۆلسە ياكى لاپ ئۇرسا، ئەرلەر كۈيلەش مەزگىلىدىكى بەزى ھايۋانلارغىمۇ مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ بۇ ئۆزىنى پەسلەشتۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟---بوغدا دوختۇرخانىسى

  قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ئېتىز بېشىدا تاماق يەپ بولۇپ ئارام ئالغاندا دائىم ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، ھەمىشە ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى تېما قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن پو ئېتىشىپ قول باغلىشىدۇ. ھەربىر جۇڭگولۇق دېگۈدەك ھېچبولمىغاندىمۇ بىر قېتىم پالانچى، پوكۇنچى ئانداق يامانكەن، مۇنداق يامانكەن، بىر كۈندە مانچە قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلىدىكەن، دېگەننى ئاڭلىغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئەرلەر ئارىسىدا بىر خىل جامائەت پىكرى شەكىللىنىپ، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇ ئەرنىڭ شۇنچە لاياقەتلىك بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك سانالدى؛ ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ شۇنچە رازى، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ، دەپ قارالدى. ئەكسىچە، قېتىم سانى ئازراق ئەرلەر «خوتۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ» دېيىلدى، «ئەرلەرگە خاس جەسۇرلۇق يوق» دەپ قارالدى.




ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى خوتۇنلار بۇنداق قارىمايدۇ.

  ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنى سېلىشتۇرغاندا، چوڭ، ئوتتۇرا  شەھەردىكى 9721 نەپەر (نىكاھلانغانلارنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا) (تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەكشۈرۈشتىن كەلگەن87 (ئايال جىنسىي تۇرمۇشقا ئەمەس ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. نوقۇل جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى (خوتۇننىڭ ئۇنىڭدىن قانچىلىك جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ئېرىشىدىغانلىقى) نى سېلىشتۇرغاندا، 18 خوتۇن جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكىنى ئەمەس سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدىكەن.

  ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمۇ «قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى» بولىۋەرمەيدۇ، 35ياشتىن 45 ياشقىچە ئەرلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن ئارتۇقى ئۆزىنىڭ جىنسىي تەلىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاستا-ئاستا ئۆزگەرگەنلىكىنى، قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن سۈپەتلىك بولۇشىنى قوغلىشىشقا ئۆزگىرىپ، تېخىمۇ ھەقىقىي ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. يېڭى توي قىلغان شىرىن ئايدىمۇ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى گەرچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئوتتەك قىزغىن ھېسسىيات ۋە مۇھەببەت سىڭدۈرۈلمىسە، يەنىلا زېرىكىشلىك بولىدۇ.

  دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەر كۆزقاراش جەھەتتە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئەر-خوتۇنىڭ ماسلىشىشىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسىي ئۆلچەم ھەتتا بىردىنبىر ئۆلچەم دەپ قارايدىغان بولسا، ھەرىكەت جەھەتتە 2 سەۋەنلىك سادىر قىلىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.

  بىرى، ئۇ خوتۇننىڭ ھېسسىيات تەلىپىگە سەل قارىشى ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرقاتار بەدەن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا، ئۆزىنىڭ «جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى»نى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشنى مەجبۇرىي، قوپال ئۆتكۈزۈپ، نەتىجىدە خوتۇننىڭ قەدىر - قىممىتى ۋە كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ. قىسقىسى، ئۇنىڭدا <<جىنسىيەت>> كۆپ بولسىمۇ، مۇھەببىتى ئاز بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ پسىخىك يۈكنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. يېشى چوڭايغان ياكى تاسادىپىي ھالدا ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققان ھامان، ئۆزىنىڭ قارىشىدىكى كۆپ قېتىم سانىنى ساقلىيالمىسا، ئۆزىنىڭ «جىنسىي ئاجىزلىق»، «بالدۇر مەنىي كېتىش» تەك «كېسەل»گە گىرىپتار بولدۇممىكى دەپ گۇمان قىلىدۇ، «خوتۇنىغا يۈز كېلەلمەسلىك»تىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل قەدىر-قىممىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىدىن گۇمانلىنىدۇ ياكى ئۈمىدسىزلىنىدۇ. نەتىجىدە قانچە تىرىشقانسېرى تاسادىپىي ئەھۋالغا شۇنچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاساسەن فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال ۋە يېشى بەلگىلەيدۇ، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر ئەرنىڭ ھاياتىدا دېگۈدەك بەزى مەزگىلدە ئاز، يەنە بەزى مەزگىلدە كۆپ بولىدۇ. «نەچچە قېتىم بولۇشقا تېگىشلىك» دېگەندەك مەسىلىدىن ئېغىز ئاچقىلىق بولمايدۇ.


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
45172 ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە لەززەت
18851 ئەر - كىم ئايال - كىم
18538 خوتون قىلىشقا يارمايدىغان قىزلا
15186 ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كىچ
14838 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش
13587 ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
13001 شوخلا ئەرلەرنىڭ بالا تېپىش ئىقت
11610 ئەرلەر---جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم
8882 سۇزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ي
7430 ئەرلەر نەچچە ياشتا بالىلىق بولس
5883 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
1105 سۆزنەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .