• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


كاپسۇللۇق دورىلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
2042 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2017-11-07 يوللانغان ۋاقتى :

                            


1. قۇرۇق يۈتمەسلىك كېرەك. كاپسۇل ئىچىگە قاچىلانغان دورىلار ئادەتتە ئاشقازان ئۈچەي يولىنى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاسان پارلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىز بوشلىقىدىكى شۆلگەي ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىپ كېتىدۇ ياكى كېكىردەك ئىچكى دىۋارىغا دورا كۇكۇنلىرى بىلەن دورا دانچىلىرى ئاسان يىپىشىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە دورىلار بىردەك كاپسۇل ئىچىگە  قاچىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەزىم قىلىش يولى بىلەن نەپەسلىنىش يولىنى قوغداپ قالغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى دورا تەركىبلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كاپسۇللۇق دورىلارنى قۇرۇق يۈتكەندە، دورىنىڭ كېكىردەك يولىغا چاپلىشىۋېلىش تۈپەيلىدىن ئادەم  ئاسان قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتىدۇ، ناۋادا دورا قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تۇرۇپ قالسا، يەنە شىللىق پەردىلەرگە زىيان سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ ئىچكەندە، ئاۋۋال 50 گرام سۇ ئىچىپ ئېغىز بوشلۇقى بىلەن قىزىلئۆڭگەچ يولىنى نەمدىۋالغاندا،كاپسۇللۇق دورىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئاندىن 200 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ بىلەن دورىنى بىللە ئىچىۋەتسە بولىدۇ.

2. كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ قېپىنى سويىۋېتىپ ئىچمەسلىك كېرەك. بەزى دورىلار ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە ئاسان پارچىلىنىپ كېتىدۇ، كاپسۇل قېپىنى سويىۋېتىپ دورا ئىچكەندە دورىنىڭ تەسىر قىلىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان ئۈچەي يولىغا نىسبەتەن غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولغان دورىلارنىڭ كاپسۇل قېپىنى سويىۋىتىپ ئىچكەندە، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاستا پارچىلىنىدىغان، ئۈچەي يولىدا ئېرىيدىغان كاپسۇللۇق دورىلارنىڭمۇ كاپسۇل قېپىنى سويىۋىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا دورىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

3. قىزىق چاي بىلەن دورا ئىچىشكە بولمايدۇ. كاپسۇللۇق دورىلارنى قىزىق چاي بىلەن ئىچكەندە كاپسۇللۇق دورىلار ئاسان يۇمشاپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچ يولىغا چاپلىشىۋالىدىغان بولغاچقا، دورىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپسۇللۇق دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇ بىلەن بىللە ئىچىش كېرەك.


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
28425 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16567 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8773 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
7226 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
6999 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6770 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6690 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
6658 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
5572 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
5565 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5489 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5404 باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەي
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .