• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئەگەر دۇنيادا 100 ئادەم بولسا
3433 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئۇنۋېرسال يازمىلار تۈر تەۋەلىكى : 2017-10-22 يوللانغان ۋاقتى :

                            


 كومپيۇتېر. يەتتە ئادەمدە بار، 93 ئادەمدە يوق.

    ھاۋا. 68 ئادەم ساپ ھاۋادىن، 32 ئادەم بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىدۇ.

    ئېنېرگىيە. 20 ئادەم %80 ئېنېرگىيە، 80 ئادەم %20 ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ.

    ئېتىقاد. 33 ئادەم خىرىستىيان دىنىغا، 19 ئادەم ئىسلام دىنىغا، 13 ئادەم ھىندى دىنىغا، 6 ئادەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 24 ئادەم دىنغا ئىشەنمەيدۇ. بەش ئادەم پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ روھى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئەيدىز ۋىرۇسى. بىر ئادەمHIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، 99 ئادەم HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

    ۋەھىمە. 20 ئادەم ئۇرۇش، پارتلىتىش، يەر تەۋرەش، باسقۇنچىلىق ياكى قوراللىق تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ كەلگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشايدۇ. 80 ئادەم يۇقىرىقى ۋەھىمىلەردىن خالىي.

    ئوقۇش ئىقتىدارى. 86 ئادەمنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارى بار، 14 ئادەم ساۋاتسىز.

    بايلىق. ئالتە ئادەم پۈتكۈل بايلىقنىڭ %59 ىگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ (ھەممىسى ئامېرىكىدا). 20 ئادەم پۈتكۈل بايلىقنىڭ %2 ىگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ. 74 ئادەم قالغان %39 بايلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    سۇ. 83 ئادەم پاكىز بىخەتەر سۇ ئىچىدۇ، 17 ئادەم ئىچەلمەيدۇ.

    يېمەكلىك. 30 ئادەم كىيىم پۈتۈن، قورساق توق ياشايدۇ (بۇلارنىڭ ئىچىدە 15 ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىدۇ). 50 ئادەمنىڭ ئىشەنچلىك يېمەكلىك مەنبەسى بولمايدۇ، بەزىدە ئاچ قالىدۇ. 20 ئادەمگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان بولىدۇ.

    مائارىپ. بىر ئادەم ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، 99 ئادەم ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

    ئەركىنلىك. 52 ئادەم ئۆز خاھىشى بويىچە ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدۇ، 48 ئادەم پاراكەندىچىلىك، قامىلىش، جازالىنىش ياكى ئۆلۈم جازاسى قاتارلىقلارنىڭ ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى بويىچە ياشاشقا ئامالسىز قالىدۇ.

    جىنسىي ئىنتىلىش. ئون ئادەم ئوخشاش جىنىسلىققا، 90 ئادەم غەيرىي جىنىسقا ئىنتىلىدۇ.

 نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان


   مەنبە:    «تەڭرىتاغ تورى››

مەنبە:

شىنجاڭ گېزىتى  







  


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
15892 تۇخۇم ئېستىمال قېلىپ بەرسە ، چاچ
9912 يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى ت
9611 ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە؟
9426 تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەن
9039 ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى
7948 دوختۇر-سېستىرالارنىڭ سالاھىيەت
7762 ئادەم بولماق تەس
7146 مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوق
6789 دۈم يېتىپ ئۇخلاش گلاۋكومانى كەل
6744 قورساق سىلىش مودىمۇ ؟
5695 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئادەمگە
5014 2018 - يىللىق دوختۇرلۇق سالاھىيەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .