ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

​بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېمىسۇن دېسىڭىز ...
3955 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
بالىلار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2017-10-19 يوللانغان ۋاقتى :

                            


ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شەھىرىمىزدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان 1000چە ئوقۇغۇچىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق ئەھۋاللارنى بايقىدى: «بالىلاردا سۈت چىشىنى قۇرت يېيىش، يىرىڭداش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن، بۇنداق بولۇشىغا كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا داۋالىتىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قاراپلا قالماستىن، يەنە قايتا چىقىۋاتقان ئۆمۈرلۈك چىشىنى قۇرت يېيىش ئەھۋالىغىمۇ سەل قارايدىكەن.



دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىش ساغلاملىقى ئۆلچىمىنى چىشنىڭ پاكىز بولۇشى، دەپ كۆرسەتتى. ھازىر بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشكە سەۋەب بولىدىغان %90 ئامىلنىڭ ئېغىز چىشى ئوقۇرەكچىسىدە پەيدا بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان، ئەگەر چىش ئوقۇرەكچىسىنى ئېتىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتگۈل ئابدۇرېھىم مۇخبىرىمىز ئاينۇر مۇھەممەدنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بالىلارغا 6 ئايلىقتىن باشلاپ ئىككى يېرىم ياشقا كىرگۈچە 20 تال سۈت چىشى چىقىدۇ، ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە چىشلىرى ئالمىشىپ 28 تال ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ، 18 ياشتىن باشلاپ ئەقىل چىشى چىقىشقا باشلايدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئاغرىسا ياكى قۇرت يېسە، نۇرغۇن ئاتا-ئانا: ‹سۈت چىشى ئالمىشىپ كېتىدۇ، بۇنى داۋالىتىشقا پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت چىشى يىرىڭداپ كەتسە، قۇرت يېسە ياكى بالدۇر چۈشۈپ كەتسە، ئۆمۈرلۈك چىشنىڭ تەرتىپ بويىچە چىقىشى ۋە يېڭى چىقىۋاتقان ئۆمۈرلۈك چىشلارغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردا كىچىك چېغىدىن باشلاپ توغرا چىش چوتكىلاش ۋە چىش ئاسراش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بالىلار بىر ياش ۋاقتىدا پاختا پەلكۈچ بىلەن چىش ئەتراپىنى تازىلاپ، ئۆزى چوتكىلىغۇدەك بولغاندا قىلى يۇمشاق چوتكىلارنى ئېلىپ بەرسە بولىدۇ، بولۇپمۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش بەك مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ چىشىغا سۈرۈپ قويىدىغان فىتور ماددىلىق دورا بار، بۇ دورىنى ئالتە ئايدا بىر قېتىم سۈرۈپ بەرسە، بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



ياشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك چىشى چىقىدۇ، ئالدى بىلەن ئەڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ئېغىز چىشى ئالمىشىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنى سۈت چىشى، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلى دەل تاتلىق-تۈرۈمگە ئامراق مەزگىلى بولغاچقا، ئەگەر چىشىنى ياخشى چوتكىلىمىسا، چىش ئوقۇرەكچىلىرىگە كىرىۋالغان باكتېرىيەلەر چىرىپ چىشنى قۇرت يەيدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى چىش ئوقۇرەكچىلىرىنى ئېتىش، يەنى چىش ئوقۇرەكچىلىرىنىڭ يۈزىنى دورا سۇيۇقلۇقى بىلەن قاتۇرۇۋەتسە، بالىلارنىڭ چىشىنى ئۆتكۈنچى دەۋردە قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ئادەتتە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئالدىنقى ئېغىز چىش، تۇراقلىق ئېغىز چىش ۋە سۈت چىشىنىڭ چىشلەش يۈزىدە پەيدا بولىدىغان ئوقۇرەكچىلىرىگە ھەمدە تاماق قالدۇقلىرى كىرىۋېلىپ ئاسان چىقمايدىغان، قۇرت يېيىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى چىشلارغا قوللىنىلىدۇ.



ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈپ، ھەر قېتىمقى چوتكىلاش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئاز بولماسلىق ھەم چىش چوتكىلاش 

ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
10077 بوۋاقلارغا تۆۋەندىكى ئىچىملىكل
8799 بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام ب
8635 بالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(
7838 بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كىسەلل
7771 مەقەت پۇتەيلىكى (مەئىدۇمى مەقئە
7629 بالىلاردىكى قىزىل(ئىسكارلاتىنا
7604 بالىلاردىكى كىندىك ياللۇغى(ئلتى
6899 بالدۇر تۇغۇلۇش
6129 بالىلار پارالىچىنى داۋالاش
5599 سۈپەتسىز خۇش پۇراقلىق ئوقۇش قور
3955 ​بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېمىسۇ
2596 بالىنىڭ ئىچى سۈرگەندە دورا ئىشل
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .