• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


چاقچاقمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى
3853 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئۇنۋېرسال يازمىلار تۈر تەۋەلىكى : 2017-09-18 يوللانغان ۋاقتى :

                            
چاقچاقمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى 

كىشىلەر ئومۇمەن قىززىقچى ئادەم ئەقىللىق كېلىدۇ ، دەپ قارايدۇ ، بىراق مەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ قىززىقچىلىق قىلىشنى بىمەنىلىك دەپ ھېسابلايمەن ، شۇڭا سېنىڭمۇ باشقىلارغا كەلسە - كەلمەس چاقچاق قىلماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن ، 
چۈنكى بىز تۇرمۇشتا دائىم چەكتىن ئاشقان چاقچاق سەۋەبلىك ئارازلىشىۋاتقان ھەتتا ياقا سىقىشلارنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز ، ھەرقانداق ئىش لايىقىدا بولغىنى ياخشى ، چاقچاقمۇ شۇنداق ، چۈنكى چاقچىقىڭ سەل - پەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە باشقىلار سېنى قەستەن چىشىمغا تىگىۋاتىدۇ دەپ قالىدۇ ، چاقچاق قىلدىم دەپ ئاغزىڭنى بولىشىغا قويۇپ بەرسەڭ باشقىلار مېنى كەمسىتتى تېتىقسىزلىق قىلدى دەپ قارايدۇ ، دېمەك بۇ ئىككى خىل تونۇشنىڭ ھەممىسى نەپرەتكە سەۋەب بولىدۇ ، 
چاقچاقنىڭ يەنە بىر تۈرى بار مەن ئۇنى ئەقىل پاراسەت ئەمەس بەلكى باشقىلارنى قەستەن كۈلدۈرۈش دەپ قارايمەن ، مەسىلەن : دورامچىلىق مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا دورامچى - ئەڭ بىمەنە ئادەمدۇر ، دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئازدۇر كۆپتۈر كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرى بولىدۇ بەزىلەر كىشىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۈلكىگە دەستەك قىلىپ تۇرۇپ دورايدۇ ، ئۇنداق دورامچىلار ئۆزلىرىنى بەك ئەقىللىق ئادەم دەپ تونۇيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھۆرمەتكە ئەرزىمەس تەربىيسىز رەپ - رەپ ئادەملەردىندۇر، 
باشقىلارنىڭ غۇرىرىغا تىگىش ياخشى ئىش ئەمەس ، شۇڭا چاقچاق قىلىمەن دېسەڭ ئىمكانقەدەر ئۆزۈڭگە قارىتىپ چاقچاق قىل 
بولۇپمۇ ئۆتكۈر ھەزىللەردە تېخىمۇ شۇنداق ! 
ناۋادا چاقچىقىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك جىم تۇرىۋالماي ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغىن 
بۇنىڭ ئەكسىچە باشقىلارنىڭ ساڭا قىلغان چاقچىقى سەل - پەل ئۆتۈپ كېتىپ قالسا سەن ئۇنى پەقەت قىززىقچىلىق دەپلا بىلگىن ئۇنىڭسىزمۇ قارشى تەرەپ قىلغان چاقچىقى ئۈچۈن نومۇس قىلغان بولىدۇ ، بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە كۆكسى قارنىڭنى كەڭرى تۇت
ئوغلۇم سېنى ئادەمنى بىزار قىلدىغان سورۇنلاردا ئېستېداتىنى دانالىق ۋە ئەپچىللىك بىلەن نامايان قىلىشنى ئۆگەنسۇن دېگەن نىيەتتە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم دېگەنلىرىم بويىچە قىلالىساڭ ئەقىل ئىدرىكىڭدىن ھۆرمەت چەبدەسلىكىڭدىن ئالقىش تاپىسەن بۇنىڭ بىلەن ھۆرمەت ۋە ئالقىشنىڭ خاسىيتى ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ،
سەن ناھايىتى ئەقىللىق سۇڭا كۆپ تەرەپلەردىن ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭ بىراق ئېسىڭدە بولسۇن بىرىنچى ھەرگىز ماختانچاقلىق قىلما
باشقىلارنى مەسخرىگە قويما سۆز ھەركىتىڭ جايىدا بولسۇن سەن دېگەن ئېسىل بالىلاردىن ئوغلۇم شۇڭا ئارتۇقچىلىقلىرىڭنى ئىزچىل جارى قىلىپ يېتەرسىزلىكلىرىڭنى تۈزىتىپ قالتىس ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشۇڭغا تىلەكداشمەن

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
15818 تۇخۇم ئېستىمال قېلىپ بەرسە ، چاچ
9799 يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى ت
9553 ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە؟
9364 تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەن
8978 ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى
7842 دوختۇر-سېستىرالارنىڭ سالاھىيەت
7677 ئادەم بولماق تەس
7075 مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوق
6714 دۈم يېتىپ ئۇخلاش گلاۋكومانى كەل
6678 قورساق سىلىش مودىمۇ ؟
5507 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئادەمگە
4909 2018 - يىللىق دوختۇرلۇق سالاھىيەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .