ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كىتىش
8488 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
تاشقى كېسەللىكلەر تۈر تەۋەلىكى : 2015-04-04 يوللانغان ۋاقتى :

                            
بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كىتىش
تۇنۇش
ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يېرىلىپ ، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئەتراپقا سىرغىپ چىقىپ ئۇمۇرتقا ئارلىق نىرۋىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى بېسىمغا ئۇچىراپ ،كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسلىش سىزىمى بۇلۇش ، ھەركىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىراش ،تۈۋەنكى مۈچنىىڭ سىزىمى سۇس بۇلۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كوتۇرۇش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سىزىمى بۇلۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت .
بۇخىل كىسەللىك ئاساسەن ياشانغانلارداھەم ياشلاردا ،ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە،مىزاج جەھەتتىن ھۆل – سۇغۇق مىزاجدىكى كىشىلەردە،ئاساسەن نەم ، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان،ياشىغان شۇنداقلا كۆپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلاردا، ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلارداكۆپ يۈز بىرىدۇ.
دىئاگىنۇز ئاساسى
1)     تىپىك كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھاسى ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، توۋەنكى موچە سىقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولوش .
2)    بەل ئۇمۇرتقىسىنىCT ياكى MRIداتەكشۈرش نەتىجىسىگە ئاساسەن  .
غەرىب تىبابەت دىئاگىنۇز ئۆلچىمى :
غەرىپ تىبابىتىدىمۇ يەنىلا قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە يەنى بەل ئۇمۇرتقىسىنىCT ياكى MRIداتەكشۈرش نەتىجىسىگە ئاساسەن تىپىك كىلىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ.
كىسەللىك خارەكتىرى :
 بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كىتىش كىسەللىك كىسەللىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن جىددى تىپى ھەم سۇزۇلما تىپى دەپ ئىككى تۈرگە بۈلۈنىدۇ.
جىددى خارەكتىرلىك بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كىتىش كىسەلىكىنى داۋالاشتا بىماردا بەل ئۇمۇرتقا ساھەسى ئېچىشىپ ئاغىرىش ئەھۋاللىرى بۇلىدۇ، ئاغىرىقنىڭ خارەكتىرى كۈچلۈك بۇلىدۇ ، ئاغىرىش بەل ئۇمۇرتقىسىغا مەركەزلەشكەن بۇلىدۇ.داۋالاشتا ئالدى بىلەن دەسلەپكى 24 سائەت ئىچىدە ياللۇق قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۇخۇمنىڭ ئېقىدا بەل ئۇمۇرتقىسى تېڭىلىدۇ، بەل ئۇمۇرتقىسى يەڭگىل دەرىجىدە ئۇۋلىنىدۇ،بىماردىكى بەل ئۇمۇرتقا ساھەسىدىكى ئېچىشىپ ئاغىرىش يۇقىغاندىن كىيىن بەل ساھەسىگە ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلاربىلەن مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش،بەل ئۇمۇرتقىسىنى ئوۋلاش، لوڭقا قۇيۇش قاتارلىق فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر سۇزۇلما خارەكتىردىكى بولسا تۈۋەندىكى داۋالاش ئۇسۇلى بۇيىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
 سەۋەبى :
1.      خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرىشى يەنى سۇيۇق بەلغەم خىلىتى، سەۋدا خىلىتىنىڭ كۈپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن
2.     زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
3.     ھامىلدارلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى :
 كىسەل باشلانغاندا بەل ساھاسى تىلىپ  ئاغرىش كۆرۈلۈپ كىسەلنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجى كۈچۇيۇپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەركىتى يىنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بۇلىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بولۇپ ئىغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگىلەش ، سىزىمى توۋەنلەش ، ھەركىتى ئىغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .تۇمۇرى توم ئاستا سۇقىدۇ، تىل گېزى كۈپۈنچە ئاق رەڭلىك ،چوڭ-  كىچىك تەرىتى نورمال بۇلىدۇ.
دەرىجىگە بۆلۈنىشى :
1 . يىنىك دەرىجىدە : بەل ئاغرىش ، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە  تارقالمايدۇ، بەل ئۇمۇرتقىسىنىCT ياكى MRIداتەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا ئارلىق قىسمىدىكى تەخسىسى ئەسلىدىكى ئاق ھالەتتىن رەڭگى ئۆزگۈرۈپ قارىدىغان بۇلىدۇ  .
2 . ئۇتتۇرھال دەرىجە : بەل ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ئاغرىش بۇلۇپ ، بەل ئۇمۇرتقىسىنىCTياكى MRIداتەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى قارىدىغان بۇلۇپ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق مەلۇم دەرىجىدە سىرغىپ چىققان بۇلىدۇ .
3.ئېغىر دەرىجىدە :بەل ئاغرىش ، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ، ئىغىر دەرىجىدە ھەركىتى قىيىنلشىش بۇلۇپ،بەل ئۇمۇرتقىسىنىCT ياكى  MRIداتەكشۈرگەندە  ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى قارىدىغان شۇنداقلا   ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئەتراپقا كۈرىنەرلىك سىرغىپ چىققان بۇلىدۇ.
ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ سىرغىپ چىققان ئۇرنىغا ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە بۈلۈنىدۇ.
 1. ئوڭ – سولغا چىقىش تىپى :بەل ساھەسى ئاغىرىش بىلەن بىرگە قايسى تەرەپكە سىرغىپ چىققان بولسا شۇ تەرەپ تۈۋەنكى مۈچىدە كىسەللىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلىدۇ.
2.  مەركەزگە قاراپ چىقىش تىپى : دەسلەپ كىسەل قوزغالغان ۋاقىتتا بەل ساھەسىدە مەلۇم مەزگىل ئاغىرىپ،ئاغىرىش تۈۋەنكى مۈچىگە يۆتكۈلۈپ تۈۋەنكى مۈچە ئاغىرىش كۈچلۈك بۇلىدۇ.
3.        ئارلاش تىپى: ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئوڭ – سولغا ھەم مەركەزگە قاراپ يۆتكەلگەن بۇلىدۇ. ئاغىرىش ئۇرنى بەل ھەم تۈۋەنكى مۈچىدە ئوخشاشلا كۈچلۈك بۇلىدۇ.
ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ سىرغىپ چىقىپ، باسقان ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسان ئۈچ تۈرگە بۈلۈنىدۇ .
1.نىرىپنى بېسىش تىپى :بۇ كۆپرەك يۈزبىرىدىغان تىپى بۇلۇپ بەل ساھەسى تېلىپ ئاغىرىش بىلەن بىرگە تۈۋەنكى مۈچە يانپاشتىن ھۇشۇققىچە يىپ تارتىپ ئاغىرىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلىدۇ. ئالدىغا ئېڭىشكەندە ياكى ئولتۇرۇپ قوپقاندا تارتىشىپ ئاغىرىش سىزىمى كۈچلۈك بۇلىدۇ. 
2.قان تۇمۇرنى بېسىش تىپى:بەل ساھەسى ئاغىرىش بىلەن بىرگە تۈۋەنكى مۈچە قۇلۇشۇش ،مۇسكۇللار بۇشۇشۇپ كىتىش، تۈۋەنكى مۈچە ئېغىرلىق سىزىم بۇلۇش ئەھۋاللىرى بۇلىدۇ.
3. يۇلۇننى بېسىش تىپى : بەل ساھەسى ئاغىرىش بىلەن بىرگە تۈۋەنكى مۈچە كۈچسىزلىنىش ، ماڭغاندا  ئاندى –ساندا پاختىغا دەسسىۋالغاندەك سىزىم بۇلۇش ئەھۋاللىرى بۇلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى :
1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .
2 . قايسى خىل غەيرى تەبىئى  خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .
3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
5 . فىزىكىلق داۋالاش يەنىي بەلدىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، لوڭقا قويوش، لوڭقا سىرىش، دورىلىق لۈڭگە قۇيۇش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .
6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى :
1 .  بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۈرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ، بىر كۇندە ئۇچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ  بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
2 .  بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۇندە ئۇچ قىتىم ، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن  ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ . ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ، ئاغرىق توختىتىش، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن - كاپسۇلى سۆرۈنجان  كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 3 – 5 دانىغىچە ، مەجۇنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، مەخسۇس مەجۇنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ، ھەر  قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، زىمادى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ بەل ئۇمۇرتقا ساھاسىگە  سىرتىدىن تېڭىلىدۇ .
4 . فىزىكىلىق داۋالاش : 15 كۇننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ توۋەندىكى ئۇسۇللار بويچە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن  بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى .
نىرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئوتكونچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشىلاش، مەقسىتىدە ئۇۋلاپ داۋالاش ، يىڭنە سانچىپ داۋالاش ، لوڭقا قۇيۇش ۋە لوڭقا سىرىپ داۋالاش، دورولوق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ، ھوردىتىپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلدۇ .
5 . رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ھەزىمقىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ‹‹ داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە ،  ئەبرىشىم جەۋھىرى  كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى،  ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن ، شىپائى قەلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى  ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 10 - 7 گىرام غىچە ، مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى كۈندە ئۇچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن ›› قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ  .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
سوغوق ئۈتۈپكىتىشتىن ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن ، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىن، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كىرەك.
داۋالاش جەريانىدا :يەنى بەل قىسمىغا زىمات تاڭغاندا تىرىنى زىيادە قىچىشتۇرۇپ ، تىرىگە ئەسۋە چىقىپ قالسا زىمات تېڭىشنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ يەرلىك ئۇرۇننى گۈل مېيىدا مايلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قولدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا يەنى لوڭقا قۇيۇپ داۋالىغاندا لوڭقا قۇيغان ئۇرۇن زىيادە قىزىرىپ ، كۈكۈرۈش ئەھۋاللىرى كۈرۈلگەن بولسا نەچچە كۈن لوڭقا ۋە باشقا داۋالاشلارنى توختۇتۇش كىرەك. 
داۋالاش ئۇنۇمىگە باھا بىرىش ئولچىمى :
1.      ئۇيغۇرتىبابىتى كىلىنكىلىك ئالامىتى، بەدەن ئىپادىسىگە ئاساسەن داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش:
1)     ساقىيىش ئولچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كىسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان ، بەل ئۇمۇرتقا ھەركىتى تولوق ئەسلىگە كەلگەن بولسا .
2)    ياخشىلىنىش ئولچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن بەل ئۇمۇرتقا ساھاسىدىكى ۋە تۆۋەنكى مۆچىلەر ئاغرىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا .
3)     ساقايماسلىق ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا .
2.     قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش:
1) ساقىيىش ئۆلچىمى: بەل ئۇمۇرتقىسىنىCT ياكى MRIداتەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا ئارلىق قىسمىدىكى تەخسىسى ئەسلىدىكى ئاق ھالەتكە كەلگەن، سىرغىپ چىققان يادىرو سۇيۇقلۇقى بولمىغان بولسا.
2)ياخشىلىنىش ئۆلچىمى:بەل ئۇمۇرتقىسىنىCTياكىMRIداتەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يەنىلا قارا بۇلۇپ سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئەسلىدىكىسىدىن كۈرىنەرلىك ئازلىغان بولسا.
3)ساقايماسلىق ئۆلچمى: بەل ئۇمۇرتقىسىنى CT ياكى MRIداتەكشۈرگەندە نەتىجىسى ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ ئازراقمۇ ياخشىلىنىش بولمىغان بولسا.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
11523 «نىقرەس » كىچىك بوغۇملار ئاغرىق
11155 بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
10092 «مۇفاسىل» چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى
9770 بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش
8523 بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پ
8488 بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈر
8394 بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىس
7772 قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرتقا يال
6104 چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل )
5803 كىچىك بوغۇلار ئاغرىقى ( نۇقرەس)
5081 تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنىڭ
4926 ئولتىرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى (ئىرقۇن
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .