ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش
8438 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
تاشقى كېسەللىكلەر تۈر تەۋەلىكى : 2015-04-04 يوللانغان ۋاقتى :

                            
بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش
1.     تونۇش :
بويۇن ئۇمۇرتقىسى بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى ،بوغۇم ئۆسۈكچىسى ئارلىق ئالدى ئارقا تىك تارامۇش،سېرىق تارامۇش ،بىس ئۈستى ئارلىق تارامۇش قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئاناتومىيەلىك ۋە فىزولوگىيەلىك ئىقتىدار جەھەتتىن كۆكرەك بەل ئۇمۇرتقىسىغا قارىغاندا ھەركەت دائىرسى ھەركەت مىقدارى جەھەتتىن بىرقەدەر كۆپ بولغان ئورۇن لىكىن بويۇن ئۇمۇرتقىسى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بەل كۆكرەك ئۇمۇرتقىسىغا قارىغاندا ئاجىزراق بولغان ئورۇن بولۇپ مۇشۇنداق يۇقۇرى ھەركەت ئىقتىدارى ،مۇقۇملۇقنىڭ تۈۋەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەمدە بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ماسلىشىشى ھەم تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىيالماسلىق قاتارلىق ھەم ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش بويۇن ئۇمۇرتقىسىغا بېسىم چۈشۈرگۈچى ھەركەتلەرنى كۆپ ئېلىپ بېرىش قاتارلىق سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئىچكى تەرەپتىن غەيرى تەبى بەلغەم خىلتىنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىش ياكى غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۇپىيىشى بىلەن بويۇن ئۇمۇرتقىسىدا چىكىنىش يۇز بىرىش قاتارلىق ئىچكى تاشقى سەۋەپلەرنىڭ تەسىرقىلىشى نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلما ۋە ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھالقىلىق تالا يېرىلىپ يىلىك يادىروسى ئېقىپ چىقىۋىلىش سەۋەپلىك نىرىپ،قانتۇمۇر ،يۇلۇننى بېسىۋىلىش سەۋەپلىك كىلىنكىدا باش ئاغرىش ،باش قېيىش ،يۈرەك چالاڭغۇراش ،كۆزتورلىشىش،كۆز چىڭقىلىش ،يۇقارقى مۆچە سىزىمسىزلىنىش ،سىقىراپ ئاغرىش ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۈۋەنلەش ،ئۇيقۇسىزلىق ،بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۇتۇنلۇك بۇزلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىك .
2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :
1.3. دىئاگىنۇز قۇيۇش ۋە ئاساسى :
1)       بىمارنىڭ تىپىك بولغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا ھەم MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش ئەھۋالى بولسا دىئاگىۇنۇز مۇقۇمداشقا بولىدۇ.
2)      MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش ئەھۋالى بولۇپ لىكىن بىماردا كىسەللىك ئالامەتلىرى كۈرۈلمىگەن بولسا بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش دەپ دىئاگىنۇز مۇقۇمداشقا بولمايدۇ.
3)       بىمارنىڭ تىپىك بولغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا لىكىن MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولسا باشقا كىسەللىكلەر چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش دەپ دىئاگىنۇز مۇقۇمداشقا بولىدۇ.
2.3.        ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
25-50 ياشقىچە ۋە زەخمىلىنىش ، ھەم ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش تارىخى بارلاردا كۇپ كۈرۈلۈش بىلەن بىرگە قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سوڭەككە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يېشى، كەسپى، بەدەن ھالىتى، ياشاش مۇھىيتى، كىلمات ئامىللىرى، يىمەك- ئىچمەك ئادىتى، روھى- كەيپىياتى ، ئۇخلاش ، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ھالىتىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى، كەسپى ، ياشىغان موھىتى ، يىمەك – ئىچمەك ئادىتى ، زەخمىلىنىش تارىخى قاتارلىقلارقاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.
بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى غەيرى خادىمى ئەزاغا تەۋە بولۇپ، مىزاجى قورۇق- سوغۇق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارنىڭ مىزاجى كۆپىنچە ھۆل-سۇغۇق ياكى قۇرۇق-سۇغۇق بۇلىدۇ، مۇزاتەملىك بەلغەم خىلىتى ۋە تەمسىز بەلغەم خىلىتىدىكىلەردە بەدەندە سۇغۇقلۇق غالىپ كىلىدۇ، سەۋدا خىلىتىدىكلەردە قۇرۇقلۇق ۋە سۇغۇقلۇق غالىپ بۇلىدۇ، كېسەللىككە سەۋەب بولغۇچى غەيرىئى تەبىئى خىلىتلاردىن تەمسىز بەلغەم خىلىتى، ۋە مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ .
2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
بويۇن ئومرۇتقا ساھاسى ۋە ئىككى تاغاق ئوتترىسى تىلىپ ، ئغىرلىق بىلەن ئاغرىش ، قول سىقىراش ، باش كىينى ئاغرىش ، ئۇقۇسىزلىق ، كوپ چۇشكۇرۇش لىكىن ئۇنتۇپ قىلىش ، كەيپىياتى چىچىلاڭغۇ ، ئادەم خالىمايدىغان بولوپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن .
3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
MRI,CT ئاپىراتىدا تەكشۈرۇش نەتىجىسى بىلەن كىلنىك ئالامىتى بىرلەشتۇرلۇپ دىئاگىنۇز قويوشقا بولىدۇ .
4. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1) تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش
2) مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش
3) گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش
4) غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش
5. يۇرۇشكەن قىسىم باسقان ئۇرۇننىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئالتە تۈرگە بۈلىنىدۇ.
1)     بويون تىپلىق:
كوپ خىل بويون ئومورىتقا كىسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى بولوپ ، كوپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرىتقى زەخمە ، بويون مۇسكۇللىرى چارچاش مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويوپ يىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش ، بشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويون قىسمى قىتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويون ھەركىتى توسقونلوققا ئۇچرايدۇ. بويون مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ. ئوزى ئەينەككە قاراپ تەكشۇرگەندە كورونەرلىك ئىششىش ، قىزىرىش ئالامىتى كورولمەيدۇ. ئوزى تەكشۇرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .
2)    نېرىپ تىپلىق :
يۇرۇشكەن قىسىم  نېرىپنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مورە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئىچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويون ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى موچە كۇچسىز بولوش ، سىقىراش ، تۇتۇش كۇچى توۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
3)     يۇلۇن تىپلىق :
 يۇرۇشكەن قىسىم يۇلۇننى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر توۋەن موچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۇچسىز بولوش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر - توۋەن موچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ.
4)    ئومورىتقا ئارتىريەسى تىپلىق.
يۇرۇشكەن قىسىم ئومورىتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كوڭلى ئىلىشىش ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كوپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويون بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويون شۇخىل ھالەتتىن ئوزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كىلنىك ئالامىتى يوقولىدۇ.
5)     سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق:
يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كوپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويون ، يۇقۇر-توۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كورىلىدۇ)
6)ئارلاشما تىپلىق:
يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كىلىشى ئارلاشما تىپلىق بويون ئومورىتقا كىسەللىكى دىيلىدۇ.
 يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كىسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كورولىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.
3.    داۋالاش :
2.11. داۋالاش پىرىنىسپى:
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى - سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
3.11. داۋالاش ئۇسۇلى :
1.3.11. داۋالاش تەرتىۋى:
 دەسلەپتە مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىرگە ئاغىرىق پەسەيتىدىغان، توسالغۇلارنى ئىچىش رولى بولغان بىر قىسىم پىششىق دورىلارنى بىرگە بىرىش، سىرتتىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە بىر قىسىم فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئاندىن مۇسھىل بىرىش، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئاخىرىدا مۇسھىلدىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قارتا دورلىق ۋە دۇرىسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ، رەئىس ئەزالارنى، بۇرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتىدە شەربەت ۋە دۇرىلار بىرلىدۇ ، ئىچىدىن ئىچىدىغان دۇرىلارنىڭ تەرتىۋى چەكلەنمەيدۇ، مايلايدىغان دورىدىن بىر ياكى ئىككىسى تاللىنىپ باشتىن ئاياق ئىشلىتىلىدۇ.
1-   تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇش كىسىلى
1)      دىئالىكتىك ئانالىز :
تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا كۆپ مىقداردا سۇنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن زىيادە سۇغۇق، بۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇيۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ غەيرىئى تەبىئى خىلىتلار بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئالمىشىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش پائالىيتىنى سۇسلاشتۇرغانلىقتىن، بەدەندىن چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان كېرەكسىز ماددىلار ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى كەم شارائىتتا تولۇق چىقىپ كېتەلمەي ئەزا، توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قىلىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ۋە ئەتىراپتىكى پەي- مۇسكۇل، تارامۇشلارغا سىرغىپ چۇشۇپ، قۇۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىش نەتىجىسىدە بۇيۇن ئۇمۇرتقائارلىق تەخسىس ھالقىسىمان تالالىرىنى چۇرۇكلەشتۇرۇپ ھالقىسىمان تالانىڭ ئۇزۇلۇشى ۋە يىلىك يادىرۇسىنىڭ ئۇمۇرتقا كانىلىغا ئىقىپ چىقىشى بىلەن   شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2)     ئالامىتى:
بىمار خام سىمىز كىلىدۇ، بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپ،ئىغىزىدىن شۇلگەي ئاقىدۇ ، كۆز ئىقى ئاقۇش، تېلىدا ئاق گەز بۇلىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز، تۇمۇرى تۇم، ئاستا سالىدۇ، سۇيدۇك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاقۇش كېلىدۇ، بۇيۇن قىسمى ئاغرىش گەۋدىلىك بولىدۇ، كۆپۈنچە ھۆل- سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ . بۇيۇن ساھەسىى ئىغىر بۇلۇپ ، تىلىپ ئاغىرىيدۇ ، بۇلۇپمۇ ئەتتىگىنى ئۇرنىدىن تۇرغاندا ئاغىرىق كۇچلۇك بۇلىدۇ ، بەدەن ماغىدۇرسىز ، بۇيۇن ساھىسى سۇغۇق ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ ، تۇۋەنكى مۇچە ئاسان قۇلىشىدۇ .
3) داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
 دەسلەپتە تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى  10 - 15 كۈن بىرىلىدۇ.
 
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى3-5 كۈن بىرلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
 
 
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە :  مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش ، نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
 
 
قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،ئەرقى چوبىچىن       ،ئەرقى بەدىيان،قۇرسى نۇجاھ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا،ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى قوقىيا،قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى  ،
 
 
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن  تاللاپ بىرىلىدۇ .
 
 
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس ،پىننە گۇلقەنىتى ،گىرام قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، نارپىننە  ئىچىملىكى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ،
 
 
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە:
 مائۇل ئۇسۇل مۇفاسىل ھار ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ  مەخسۇس تەييارلاپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
قاننى قىززىتىش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، رەئىس ئەزالارنى نىرۋىنى قۇۋەتلەش مەخسەتتە توۋەندىكى پىششىق دورىلار بىرلىكتە تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
 
 
قۇرسى سوم ، ئىتتىرفىل ھامان ، ھەببى بەرەس، مۇنزىچ بەرەس ،شەربىتى بەرەس، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى نۇجاھ، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،
 
 
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى زەپە سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجنى زەپە كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)     پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىك غەلىز يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا مىۋە - چىۋە، سۇغۇق ئىچىملىك ، لازا- ئاچچىقسۇ دىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، كوك كەپتەر گوشى سۇيى ، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداشىتىن ، زىيادە تۇيۇنۇپ تاماق يىيىشتىن ، كوپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىدۇ.
2- مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىققان بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇش كىسىلىنى داۋالاش
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
  مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە كۇيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن شەككىللەنگەن بۇلۇپ قىيامى قۇيۇق ،قىرىق تەمگە كىرىپ قالىدۇ ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ بۇيۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، غەيرىئى تەبىئى خىلىتلار بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئالمىشىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش پائالىيتىنى سۇسلاشتۇرغانلىقتىن، بەدەندىن چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان كېرەكسىز ماددىلار ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى كەم شارائىتتا تولۇق چىقىپ كېتەلمەي ئەزا، توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قىلىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ۋە ئەتىراپتىكى پەي- مۇسكۇل، تارامۇشلارغا سىرغىپ چۇشۇپ، قۇۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىش نەتىجىسىدە بۇيۇن ئۇمۇرتقائارلىق تەخسىس ھالقىسىمان تالالىرىنى چۇرۇكلەشتۇرۇپ ھالقىسىمان تالانىڭ ئۇزۇلۇشى ۋە يىلىك يادىرۇسىنىڭ ئۇمۇرتقا كانىلىغا ئىقىپ چىقىشى بىلەن   شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2)   ئالامىتى :
بەدەندە بەلغەم خىلىتىغا سەۋدا خىلىتى ئارلاشقاننىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپرەك، چۇش كۆپ بولىدۇ ، بىمار سىمىزرەك كېلىدۇ، كۇز ئىقى كۆكۇش ئاق، تېلىدا ئاقۇش كۆك گەز بۇلىدۇ ، تۇمۇرى تۇم ، ئاستا ، سوغۇق ، ئاجىز، بوش، لەيلىمە سالىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز ياكى قىرتاق بۇلىدۇ، سۈيدۇكى ئاقۇش كېلىدۇ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ . بىمار خىيالچان بولىدۇ، ھەر دائىم ئۆزدىكى كېسىەللىكتىن غەم قىلىدۇ .بەل ساھەسى تىلىپ ئاغىرىش ،تۇۋەنكى مۇچە سىقىراپ ئاغىرىش ،ھەركىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بار .
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ – مۇسھىل بىلەن داۋالاش :
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى10-15 كۇن بىرىلىدۇ.
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-6 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
 
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ،توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش ئۇچۇن مەخسەتتە :  قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش ، نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
 
 
قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ،قۇرسى نۇجاھ، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،مىللىتىر قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، ئەرقى چوبىچىن،ئەرقى بەدىيان ،قۇرسى سۆرۈنجان،ھەببى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ، ھەببى ماتىدىل ھايات ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر  ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى ،قۇرسى قوقىيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،ە قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى.
 
 
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
 
 
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە  ئىچىملىكى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.
 
 
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
 
 
داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى ، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى.
 
 
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
3-گەجسىمان بەلغەم خىلتىدىن كىلىپ چىققان بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇش كىسىلىنى داۋالاش
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتىگە يۇقۇرى ھارارەتتىكى ئىسسقلىق تەسىرقىلىشى بىلەن   بەلغەم خىلىتى قىيامى قۇيۇلۇپ ،سۇيۇق ،ئىقىشچان خۇسۇسىيىتى يۇقۇلۇپ چۇكمىگە چۇشۇشىنى كۇرسىتىدۇ ، بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ بۇيۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، غەيرىئى تەبىئى خىلىتلار بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئالمىشىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش پائالىيتىنى سۇسلاشتۇرغانلىقتىن، بەدەندىن چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان كېرەكسىز ماددىلار ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى كەم شارائىتتا تولۇق چىقىپ كېتەلمەي ئەزا، توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قىلىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ۋە ئەتىراپتىكى پەي- مۇسكۇل، تارامۇشلارغا سىرغىپ چۇشۇپ، قۇۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىش نەتىجىسىدە بۇيۇن ئۇمۇرتقائارلىق تەخسىس ھالقىسىمان تالالىرىنى چۇرۇكلەشتۇرۇپ ھالقىسىمان تالانىڭ ئۇزۇلۇشى ۋە يىلىك يادىرۇسىنىڭ ئۇمۇرتقا كانىلىغا ئىقىپ چىقىشى بىلەن   شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2)   ئالامىتى :
 بۇيۇن قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش، كېسەللىك جەريانى جىددى، گەۋدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە، بەلغەم خىلىتىغا ئۆتكۈر ھارارەت تەسىر قىلغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇن ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، بەدەن تېرىلىرى قولغا ئىسسىقراق بىلىنىدۇ، كۆز ئېقى ساغۇچ ئاق ياكى كۆكۈش ، تېلىدا ئاق ساغۇچ گەز ياكى كۆكۈش گەز بولىدۇ ، سۈيدۈكى ساغۇچ دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بىلىنىدۇ ، تومۇرى ئاستا، لەيلىمە، قاتتىق، چۆڭقۇر سالىدۇ. ئسسىققا يولۇقسا ئاغرىق كۇچەيگەندەك ھىس قىلىدۇ ، كۆپۈنچە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .
3)    داۋالاش ئۇسۇلى  :
مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى10-20 كۇن بىرىلىدۇ.
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش ، نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
 
 
قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، قۇرسى نۇجاھ،ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،ئەرقى چوبىچىن،ئەرقى بەدىيان، قۇرسى سۆرۈنجان، مەتبۇخى ئەفتىيمۇن ،ھەببى سۆرۈنجان ،قۇرسى يەھيا، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى قوقىيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى.
 
 
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
 
 
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، نارپىننە ئىچىملىكى ،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.
 
 
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
11449 «نىقرەس » كىچىك بوغۇملار ئاغرىق
11098 بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
10027 «مۇفاسىل» چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى
9717 بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش
8438 بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پ
8421 بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈر
8330 بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىس
7713 قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرتقا يال
6041 چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل )
5741 كىچىك بوغۇلار ئاغرىقى ( نۇقرەس)
5036 تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنىڭ
4890 ئولتىرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى (ئىرقۇن
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .