بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ) نىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،بالىياتقۇ ئىچكى پەردەبەزلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ،كىلىنكىدا جىنسى يولدىن تەرتىپسىز قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار كېلىش،بەل،تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش بىلەن بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دەستۇرلىرىدا (سەرتانى رەھىم) دەپ ئاتىلىدۇ.
بالىياتقۇ راكى كۆپىنچە 50 ياشتىن ئاشقان ھەيز كېسىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئاياللاردا،ئاز قىسمى 50 ياشتىن تۈەن ئاياللاردا كۆرىلىدۇ.ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى بىر قەدەر تۈەن،تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا،ئاقىۋىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سەۋەبى:
1.كۆيگەن سەۋا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ،يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،تەبىئەت كۈچىنى ئاجزلاشتۇرىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندىكى شەكىللەندۈرگۈچى،پەيدا قىلغۇچى قۇۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز،ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈشنى پەيدا قىلىپ،ئاخىرىدا ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.بالىياتقۇدىكى باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بالىياتقۇ ياللۇغى،بالىياتقۇ يارىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى نەتىجىسىدە كېسەلنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۆسمە كېلىپ چىقىدۇ.
3.قوشنا ئەزالاردىكى ركنىڭ بالىياتقۇغا ئەسىر قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بالىياتقۇ بوينى راكى،تۇخۇمدان راكى،دوۋساق راكى قاتارلىقلاردىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىۋاستە ياكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە بالىياتقۇ راكى كېلىپ چىقىدۇ.
4.ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
5.باشقىلار:
زىيادە سېمىزئاياللار،دىئابىت كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار ۋە تۇغماس ئاياللاردا بۇ خىل راكىنىڭ كۆرۈلىشى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ،شۇڭا يۇقىرقى كېسەللىكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
كېسەللىك ئۆزگىرىشى:
بالىياتقۇ راكى ئىككى خىل ئۆسۈش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ.
1.يامراش تىپى: راك توقۇلمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ كۆپ قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ،ئىچكى پەردە تىۋىتى ياكى كۆپ ئورۇنلۇق مونچاق گۆشى ھالىتىگە كىرىدۇ،بۇ كۈلرەڭ،چۈرۈك بۇلۇپ،دائىم قاناپ چىرىيدۇ.دەسلەپتەمۇسكۇل قەۋىتىگە ناھايتى ئاز تاجاۋۇز قىلىدۇ.كېسەل تۆۋەنگە قاراپ تەرەققى قىلىپ بالىياتقۇ بوينى كانىلى،توسۇلۇپ قېلىپ،بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يىرىڭ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.چەكلىك تىپى:
راك توقۇلمىسى بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ بىر رايونى بىلەنلا چەكلىنىدۇ،كۆپىنچە بالىياتقۇ تېنى ۋە بالىياتقۇ بۇرجىكىگە جايلاشقا بولىدۇ.
بۇ كىچىك گۈلسەيسىمان ياكى تۈگۈنسىمان بولۇپ،گلسەيسىماننىڭ ئاقىۋىتى ياخشى تۈگۈنچىسىمان ئاقىۋىتى ناچارراق بولۇپ كۆپىنچە مۇسكۇل قەۋىتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ.
بۇ چاغدا بالىياتقۇ تەرتىپسىز يوغىنايدۇ.
بالىياتقۇ راكىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
بالىياتقۇ راكىنىڭ ئۆسۈش،تەرەققى قىلىشى ئۆسۈشى ئاستا،كۆچۈش كېيىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.
كىلىنكىلىق دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى:
بالىياتقۇ راكىنى خەلىقئارا ئاياللار كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
0-1 دەۋرى: گۇمانلىق راك ياكى ئەسلى ئورۇنلۇق راك.
1-2 دەۋرى: بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ‹ 8 سانتىمېتىر
1-3 دەۋرى: بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ‹ 8 سانتىمېتىر ھۈجەيرە ئىلمىلىك بۆلگەندە 0-1 دەۋر يەنى 3،2،1 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.
داۋمى تەپسىلاتى داۋاملىق يوللىنىدۇ......
|