ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى
11752 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2015-01-23 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى



كىسەللىك سەۋەبى:
1.        روھى-نىرۋا ئامىللىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2.       تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
3.        نەزلە سۇيۇقلۇقى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.
4.       تۈرلۈك فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
5.        ئاشقازان دىۋارىدىكى قان تۇمۇرلارغا قان قېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
1.  ئاغرىش بولىدۇ.ئاغرىش خاراكتىرى رېتىملىق ئاغرىيىدۇ. تاماق يىگەندىن كېيىن ئاغرىيىدۇ.
2.  قانلىق تەرەت كۆرىلىدۇ.
3.             ھەزىم بۇزۇلۇش ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.يەنى،قورساق كۆپۈش،ئىسىلىش،ئىشتىھاھ تۆۋەنلەش،ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.
4.  پەسىل خاراكتىرلىك قوزغىلىش بولىدۇ.
بەدەن بەلگىلىرى :
يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش،بەسقاندا ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىش،ئاشقازاننى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىش،ئېغىر بولغانلىرىدا ئورۇقلاش،قان ئازلىق كۆرىلىدۇ.
پـەرۋىش تەدبىرى:
1.    ئاغرىش بەك قاتتىق بولىدۇ.ھەزىم يولىنىڭ قانىشى قوشۇلۇپ كەلسە يېتىپ ئارام ئېلىش،بىمارغا روھى جەھەتتىكى پەرۋىشىنى يولغا قويۇپ،كېسەلىنىڭ غەم-ئەندىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ كىسەللىك ئالامىتىىنى يەڭگىللىتىش.
2.   ئوزۇقلۇق بىلەن پەرۋىش قىلىش:ئاز ھەم پات-پات تاماق يېيىش،ھەر قېتىملىق تاماقتا بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك،ھەر كۈنى 4قېتىمدىن5قېتىمغىچە غىزالىنىش،ئاشقازاننى زىيادە غىدىقلايدىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن،دورىلاردىن ساقلىنىش،تاماقتا ئۇن تامقىنى ئاساس قىلىش،ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلاردىن چەكلەش،قۇۋەتلىك،ئاسان سىڭىدىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.
3.   كىسەللىك ئەھۋالىنى كۈزىتىش:ئەگەر بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالسا،ۋاقتىدا دۇختۇرغا مەلۇم قىلىش لازىم.
4.   روھى جەھەتتىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىپ،كىسەلگە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق روھى-كەيپىياتنى تەڭشەش.ئەگەشمە كىسەللىكلەرگەدېققەت قىلىش.كىرگەن-چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىغا دېققەت قىلىش.چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە رەڭىگە دېققەت قىلىش،ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە،ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىش.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12823 قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋا
11752 ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـ
10746 ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا
9008 ئىچى سۇرۇش كېسەللىكى
8751 ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسس
8141 ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
8070 ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى كېسەللى
7417 ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنىڭ
6960 جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىك
6695 ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇ
6208 سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەلل
5053 ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .