ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
17542 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئاياللار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2015-01-21 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ئاق خۇن دىگەن نىمە؟ فىزىلوگىيىلىك ئاق خۇن بىلەن پاتولوگىيىلىك ئاق خۇننى قانداق پەرقىلەندۈرۈش كىرەك؟
فىزولوگىيىلىك ئەھۋال ئاستىدا جنسى يول دىۋارىدىكى قىل قان تومۇر، لىمفا كاناللىرىدىن سىرغىپ چىققان قان پىلازمىسى ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقى بىلەن بالىياتقۇ ئچكى پەردە بېزى، بالىياتقۇ بوينى بېزى، دەھلىز چوڭ بېزى، سۈيدۈك يولى يان بېزى قاتارلىقلار ئاجرىتىپ چىقارغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار جىنسى يولدىن تۆكۈلگەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىللىرى ۋە ئاز مىقتاردىكى ئەركىن ئاق قان ھۈجەيرىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ، جىنسى يولدا سۈت رەڭلىك، تۇخۇم ئېقىسىمان، سەل پۇرۇقى بولغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىدۇ. مانا بۇ سۇيۇقلۇق ئاق خۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق خۇن قىنسى يولنىڭ نەملىكىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى باكتىريەلەرنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بالىلىق مەزگىلدە جنسى ئەزالار تولوق يىتىلمىگەنلىكتىن، جنسى يولدا ئاجرالمىلار بولمايدۇ. ئاق خۇنمۇ كەلمەيدۇ. تۇخۇمدان يىتىلگەندىن كىيىن، ھەر ئايدا ئانىلىق ھورمون بىلەن پروگېستىننىڭ سەۋىسى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاق خۇننىڭ ئاز- كۆپلۈكىدىمۇ دەۋرىيلىك ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، ھەيىز مەزگىلىدە ئانىلىق ھورمون يۇقىرىلايدۇ. بالىياتقۇ بوينى بېزىنىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئاق خۇن تۇخۇم ئېقىغا ئوخشاش شىلىمشىق بولىدۇ، بولوپمۇ تۇخۇم چىقىش ئالدىدا بۇ خىل ئاجرالمىلار كۆپۆيۈپ، سىرىتقى جىنسى ئەزانى سىلىقلاشتۇرىدۇ. تۇخۇم چىقىپ بولغاندىن كىيىن، پروگېستىن كۆپىيىپ، بالياتقۇ بوينى شىلىمشىق ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاق خۇن سۈت رەڭلىك يېپىشقاق ھالەتتە بولىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئسسىق كۈنلەردە، جىسمانى پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ۋە جىنسى ھەۋەس قوزغالغاندا بۇ خىل ئاجرالمىلار كۆپىيىپ، ئاق خۇن كۆپىيىدۇ ھەم سىرىتقا ئېقىپ چىقىدۇ.
بەدەندە كىسەللىك پەيدا بولغاندا، ئاق خۇننىڭ خاراكتىرىدىمۇ ئۆزگۈرىش بولىدۇ. شۇڭا فىزولوگىيىلىك ئاق خۇن بىلەن پاتولوگىيىلىك ئاق خۇننى چوقۇم پەرقىلەندۈرۈش كىرەك. ئەگەر ئاق خۇننىڭ مىقتارى ئاز، سۈت رەڭلىك بولوپ، تۇخۇمنىڭ ئقىغا ئوخشىسا ھەم سەل پۇرىقى بار بولسا فىزولوگىيىلىك ئاق خۇنغا تەۋە بولىدۇ. بۇ نۇرمالنى ئەھۋال. ئەگەر ئاق خۇننىڭ مىقتارى كۆپ، رەڭگى سېرىق بولوپ، يىرىڭ ياكى قان ئارلاش كەلسە پاتولوگىيىلىك ئاق خۇن(كىسەللىك ئاق خۇن) غا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن؛ ئاق خۇننىڭ رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل سېرىق كۆپۈكسىمان بولوپ، سېسىق پۇرىسا ھەمدە سىرىتقى جىنسى ئەزا قىچىشىپ كۆيگەندەك ئاغرىسا ياكى جىنسى مۇناسىۋەت بولغاندا ئاغرىسا تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاق خۇن ئاقۇش كۈل رەڭ بولوپ، دۇپۇ تىرىپىغا ئوخشىسا، بەزىدە سېسىق پۇرىسا ھەمدە سىرىتقى جىنسى ئەزا قىچىشىپ كۆيگەندەك ئاغرىسا زەمبۇرۇغلۇق جىنسى يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاق خۇن شوگۈرۈچتەك ياكى يىرىڭدەك كەلسە، رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل بولسا، سېسىق پۇرىسا كۆپىنچە يىرىڭلىق باكتىريە بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سوزۇلما بالياتقۇ بوينى ياللۇغى، قىرىلاردىكى جىنسى يول ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ ئچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەردە كۆرىلىدۇ. بالياتقۇ بوينى ئېغىر دەرجىدە شەلۋەرەش، بالياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆشى، بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالياتقۇ بوينى راكى، قاتارلىقلاردا قان ئارلاش ئاق خۇن كىلىدۇ. بالياتقۇ بوينى راكى، بالياتقۇ تېنى راكى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راكى قاتارلىقلاردا ئاق خۇن سۇيۇق ياكى سۇدەك كىلىدۇ. قىسقىسى ئاق خۇندىكى بىنۇرمال بولغان ئۆزگۈرىشلەرنى ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزەنلىرىنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاق خۇندا ئۆزگۈرىش بولغان ھامان، ئۆز ۋاختىدا تەكشۈرتىپ، ۋاختىدا داۋالىنىشنى قولغا كەلتۈرىش بەكلام موھىمدۇر.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
22240 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
17542 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
16355 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
12596 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
11708 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
11383 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
10724 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
8504 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
8184 تۇغماسلىق (ئوقرە)
7987 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
7550 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
7295 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .