ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىگىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار توغىرىسىدا
8330 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
تاشقى كېسەللىكلەر تۈر تەۋەلىكى : 2015-01-16 يوللانغان ۋاقتى :

                            

بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىگىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار توغىرىسىدا


ئىنسانىيەت جەمىئىيتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان خەلىق تۇرمۇشى ئۈلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە ‹‹بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش››كىسەللىكى كۆپلىگەن خەلىق ئاممىسىنى بىئارام قىلماقتا،شۇڭلاشقا مەن بۇ كىسەللىككە قارىتا پەرۋىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى مۇھىم دەپ قارايمەن.
بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىگى:
 بويۇن ئومۇرىتقىسى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل چىكىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ ،تېخىمۇ ئىنىق قىلىپ ئىيتقاندا بويۇن ئومۇرىتقا ئارلىق تەخسىسى ،ئومۇرىتقا بوغۇمى ،كۆمۈرچەك، پەي-تارامۇش، مۇسكۇل قاتارلىقلارنىڭ چېكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگۈرۈشىدىن،يۇلۇن،نېرۋا،قان-تومۇر قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلىشى (مەسىلەن: بېسىش، غىدىقلاش،تەڭپۇڭلۇقنى يوقۇتۇش) غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ بولۇپمۇ غەيرى-تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىر قېلىشى) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قاتار كىلىنىك ئالامەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
     بۇ كىسەللىكنىڭ ئاساسلىق كىلىنىك ئىپادىلىرى:
   بويۇن ئەتىراپى ئېچىشىپ ئاغىرىش،ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچىراش،كۆپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىىق ئىچىشىپ ئاغىرىش ياكى تېلىپ ئاغىرىش،باشنى ھەركەتلەندۈرگەندە ئاغىرىش كۈچېيىش،بەزىدە ئاغىرىش غول تەرەپكە تارقىلىش، بويۇن قىسىمى قېتىش،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چېقىش،تۇتقاندا قاتتىق بىلىنىدۇ،باشنى ئاغىرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويۇن ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ،قىزىرىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.
   بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1.         پسىخىك پەرۋىش جەھەتتە: بىمارنىڭ مىزاجىغا ئاساسەن ھەر قايسى مىزاجدىكى بىمارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم پسىخىك (روھى)جەھەتتىكى پەرۋىش پىلانى تۈزۈپ،پەرۋىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇخىل كىسەللىك ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرىلگەچكە،بۇ كىسەللىك بىلەن ئاغىرغان بىمارلارنىڭ بويۇن ئەتىراپى ئېچىشىپ ئاغىرىش،بېشىنى مىدىرلىتالماسلىق،ئۇيقۇسى ئازىيىش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلگەچكە بىمار كىسىلىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ روھى جەھەتتىن جىددىيلىشىش،ئەنسىرەش،بىئارام بولۇش قاتارلىق پسىخىك مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كىسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، داۋالاش،پەرۋىش ئۇسۇلى،ئاقىۋىتى قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن بىمارغا چۈشەندۈرىمىز،ئۇلارغا كۆپرەك ئارام ئېلىش ۋە ھەركەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىق،كىسەلنى كۆپ ئويلىماسلىق، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق كىسەلدىن ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشنى تەۋىسىيە قىلىشىمىز لازىم.
2.      ئوزۇقلۇق پەرۋىش جەھەتتە:
 ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئوزۇقلۇق پەرۋىشى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغاچقا بىمارنىڭ پەرھىزگە دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن ساقىيىش ئۈنىمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل كىسەللىك بىلەن ئاغىرغان بىمارلارنى پەرۋىش قىلىشتا ئوزۇقلۇقنىڭ كىسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە پىرىنسىپىنى بىمارغا قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرغۇچى، قۇۋەتلىك قورىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى غەلىز غىزالاردىن ۋاقتىنچە پەرھىز قىلىپ،ئاسان سېڭىدىغان لەتىف غىزالار بىلەن تەرتىپلىك ،ۋاقتىدائوزۇقلىنىشنى تەۋىسىيە قېلىشىمىز لازىم.
 بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوزۇقلۇق پەرۋىشىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىش كىرەك.
ئاسان ھەزىم بولىدىغان لەتىف غىزالاردىن :ھەسەل سۈيى،نارىن چۆپ،باچكا گۆشى،چۆپ ئاش،پاقلان گۆشى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىشنى بۇيرۇپ،تەستە ھەزىم بولىدىغان يەللىك غىزالاردىن:قىيمىلىق تاماق،كالا گۆشى،سۈنئىي ئۇسۇلدا بىقىلغان توخۇ گۆشى، قېتىق،مانتا،خوشاڭ،لازا ئاچچىقسۇ،قوغۇن،شاپتۇل،سوغۇق ئىچىملىكلەر قاتارلىقلاردىن پەرھىز قېلىشنى تەكىتلىشىمىز كىرەك.
3.     بىمارغا قارىتا دورا پەرۋىشنى ئەتىراپلىق ئىشلەش لازىم.
بىمارغا قارىتا دورا پەرۋىشىنى ئەستايىدىل،ئەتىراپىلىق ئىشلەش،بولۇپمۇ مۇنزىچ،مۇسھىل دورىلىرىنى بەرگەندىن كىيىنكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەپسىلىي كۈزۈتۈش ۋە ئەستايىدىل خاتىرلەش،ئوزۇقلېنىش بىلەن دورا ئېچىش ۋاقتىنى بىمارغا چۈشەندۈرۈش،كاپسۇلى سۈرۈنجان قاتارلىق دورىلارنى ئىلمان قايناقسۇدا ئىچىش،مۇنزىچ-مۇسھىل،شەربەتلەرنى قايناقسۇدا ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش لازىم.
4. مۇنزىچ-مۇسھىل پەرۋىشى: بىمارغا مۇنزىچ(ماددا پۇشۇرغۇچى) بەرگەندە تۇسسىز مايسىز،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن خولۇپ ئاش،شوۋاگۇرۈچ،بېلىق شورپىسى قاتارلىق يېمەلىكلەرنى بېرىش،مۇۋاپىق مىقتاردا سەي-كۆكتاتلارنى ،مىۋە-چىۋىلەرنى بېرىش،خالتىلىق يېمەكلىكلەردىن چەكلەش،تاماقنى زىيادە ئىسسىق،زىيادە سوغۇق يىمەسلىك،مايدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن پولو.قاتلىما،گۆش نان،سىمىز گۆشنىڭ شورپىسى،مۇچ،ھاراق،قېتىق،سۈزمە،ئات گۆشى،راڭپىزا،لەڭپۇڭ،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كاۋاپ، تونۇ كاۋاپ قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەش.
مۇسھىل(سۈرگۈچى) بەرگندە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولغان يېمەكلىكلەر بىرىلىدۇ.مەسىلەن نارىن ،پالەك ئېشى،كەپتەر گۆشى شورپىسى،توخۇ گۆشى شورپىسى قاتارلىقلارنى بېرىش،سوغۇقلۇق ،غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن چەكلەش لازىم.
مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،زىيادە تويۇنۇپ يېمەسلىك ۋاقتىدا ئوزۇقلېنىش،تاماق يەپ بولۇپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئەتتىگەنلىك تاماق ۋاقتى: 7:00-6:30               چۈشلۈك تاماق ۋاقتى:12:30-11:30
 
كەچلىك تاماق ۋاقتى:18:30دىن بۇرۇن
5.         بىمار ئۈچۈن پاكىزە- ئازادە بولغان داۋالىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ، كىسەلخانا ياتاقلىرىنى قەرەرلىك دىزىنفىكسىيە قىلىپ،ياتاق مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ بىمارلارنى تېزراق كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش،بالىنىسىت تېمپىراتۇرىسى،نەملىكىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەپ سوغۇق ئۆتكۈزۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم ياردەم بىرىلىدۇ.
6.        بىمارنىڭ ھاياتلىق بەدەن بەلگۈلىرى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق كۈزىتىلىدۇ ۋە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرىلىدۇ.(بولۇپمۇ مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلارنى بەرگەن مەزگىلدىكى ھاياتلىق بەدەن بەلگىلىرى ئىنچىكە كۈزىتىلىپ تەپسىلىي خاتىرلىنىدۇ) بىنۇرمال ئەھۋاللار بايقالسا دەل ۋاقتىدا مەسئول دوختۇرغا دوكىلات قىلىنىدۇ
7.         تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە:
بويۇننىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاش،ئۇخلاشقا مۇۋاپىق ياستۇق تاللاش،بويۇننىڭ قاتتىق قايرىلىشىدىن ساقلىنىش،مۇۋاپىق تۈردە بەدەننى ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇشنى،تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشنى،كۆپ چارچىماسلىقنى تەۋىسىيە قىلىشىمىز لازىم.
8.فىزىكىلىق داۋالاش بۆلىمىدە داۋالاشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى پەرۋىش خىزمىتى ،دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار فىزىكىلىق داۋالاش بۆلىمىنىڭ ئورنى،خىزمەت ۋاقتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرلۈپ،پەرۋىش خىزمىتى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
9.     بالىنىستتىن چىقاندىن كىيىنكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ‹‹بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش››كىسەللىكىگە قارىتا ساۋاتلار چۈشەندۈرلۈپ،بالىنىشتتىن چىقىش ئالدىدىكى پەرۋىش،ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بىرلىدۇ، بالىنىستتىن چىققاندىن كىيىن بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
1)     ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش.كەيپىيتنى تەڭشەش،كىسىلىنى ئويلىماسلىق توغۇرىسىدا پسخىك (روھى) پەرۋىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
2)    ئوزۇقلۇق جەھەتتە پەرھىزگە دىققەت قېلىش تەپسىلىي چۈشەندۈرلىدۇ.
3)     قايتىش دورىلىرىنى ۋاقتىدا ،دوختۇر تاپشۇرقى بويىچە ئىچىش تەپسىلىي چۈشەندۈرلىدۇ.
4)    تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش،سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش،ئۇخلىغاندىكى يېتىش ھالىتىگە دىققەت قىلىش تەۋىسىيە قىلىنىدۇ.
5)     قەرەرلىك دوختۇرخانىغا كىلىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش تەۋىسىيە قىلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1.      ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسى نەزىرىيەلىرى ئىلىمى 2004-يىلى 2- نەشىرى.
2.     ئۇيغۇر تىبابىتى ئوزۇقلۇق شۇناسلىق ئىلىمى 2004-يىلى 2- نەشىرى.
3.     ئۇيغۇر تىبابىتى پەرۋىش ئاساسلىرى ئىلىمى

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
11449 «نىقرەس » كىچىك بوغۇملار ئاغرىق
11098 بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
10025 «مۇفاسىل» چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى
9717 بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش
8436 بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پ
8419 بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈر
8330 بويۇن ئومۇرىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىس
7711 قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرتقا يال
6041 چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل )
5741 كىچىك بوغۇلار ئاغرىقى ( نۇقرەس)
5036 تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنىڭ
4890 ئولتىرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى (ئىرقۇن
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .