ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى
10973 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2015-01-05 يوللانغان ۋاقتى :

                            
كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى


 1. پەللىنى بېسىش ئۇسۇلى: 

   ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىككى قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن چېكىمىزنى تۇتۇپ، نامسىز بارمىقىمىز بىلەن قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېسىپ، چىمچىلاق بارمىقىمىزنى قېشىمىزنىڭ يان تەرىپىدىكى سۈەنجۇ پەللىسىگە توغرىلاپ مۇۋاپىق ھالدا ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ بەرسەك، كۆز مۇسكۇللىرىمىزدىكى ھارغىنلىقنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. 

   2. سوغۇق سۇدا كۆزنى يۇيۇش ئۇسۇلى: 

   ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، كۆزنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بېرىش كېرەك. كۆزىمىزنى بىر مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە پاكىز سوغۇق سۇدا چىلاپ تۇرۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، قول بارمىقىمىز بىلەن كۆز ئەتراپىنى 30 قېتىمدەك يېنىك ئۇۋىلاپ بەرسەك بولىدۇ. 

   3. كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بېرىش: 

كۆزنى بىر يۇمۇپ بىر ئېچىشتەك كۆز چىمچىقلىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئالمىسىنى ئوڭ – سول، يۇقىرى – تۆۋەن ھەم سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۆلىنىشى بويىچە ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

   4.كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى: 

   يۈزنى يۇيغاندا، ئاۋۋال لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، كۆزنى بوش يۇمۇپ، پېشانە بىلەن كۆز چانىقى ئەتراپىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، كۆزدىكى قان تومۇرلارنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىكار قالغان ۋاقىتلاردا قول ئالقىنىمىزنى سۈركەپ ئىسسىتىپ ئىككى كۆزىمىزنى بىر مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك دەرىجىدە بېسىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. 

   5. قەرەللىك ھالدا يىراققا قاراپ بېرىش ئۇسۇلى: 

   ھەر كۈنى ئەتىگەندە يىراق جايلاردىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ بەرسەك كۆزىمىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا زور پايدىسى بولىدۇ ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
36687 قۇلاق ئېقىش
11642 بۇرۇن ياللۇغىنى يەرلىك ئۇسۇلدا
10973 كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئا
9982 13-كۆزگە ئاق چۈشۈش ( بەيازۇلئەين
9723 كۆز ياشاڭغۇراشنى يەرلىك ئۇسۇلدا
8536 12-كۆزگە پەردە چۈشۈش (سۇبۇل )كېس
7127 14-كۆز قۇتۇرى ( جەرەبۇلئەين )كېسە
6569 11-كۆز قەۋەت پەردىلىرى يىرىڭلىق ج
5213 5-كۆز تۇتاشتۇرغۇچى پەردىسى قىچىش
4917 ياش، ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرە
3709 8- كۆزدە قاناتچە گۆش ئۆسۈش (زۈفرە
3463 10-كۆز تۇتاشتۇرغۇچى پەردىسىگە مۇ
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .