• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
13587 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
جىنسىيەت بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-12-22 يوللانغان ۋاقتى :

                            

ئاتا مىراس نەسىھەتلەر

ﺋﻮﻏﻠﯘم!
ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا - ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ - ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل - ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻞ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﺎﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﻪن؛
دوﺳﺘﯘڭ ﺋﺎزاﺑلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ دوﺳﺘﯘڭ ﺧﯘﺷﺎﻟلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻦ؛
ﺋﯚز ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﯔ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮل؛
ﺋﻪﺗﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪن ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪن ﺋﻪﻣﻪس؛
ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎردەم ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺳﯘﻧﻐﯩﻦ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلار دەل ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﯖﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻳﻐﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻤﻪ،«ئﺎﻟﺘﯘن ﺳﺎپ ﺑﻮﻟﻤﺎس، ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎدەم (ﺑﻮﻟﻤﺎس)» دﯦﮕﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺗﯘت؛
ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜڭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﺋﻪڭ ﺧﯩﺮە ﻳﯘﻟﺘﯘزﻣﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘدا ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚزﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪۇ؛ﮬﺎﻣﺎن ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮل.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺎڭ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﭘﺴﺎﻗلا ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﻪن.
مەنبە: خانىم قىزلار دەستۇرى.


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
45171 ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە لەززەت
18851 ئەر - كىم ئايال - كىم
18538 خوتون قىلىشقا يارمايدىغان قىزلا
15186 ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كىچ
14838 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش
13587 ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
13001 شوخلا ئەرلەرنىڭ بالا تېپىش ئىقت
11609 ئەرلەر---جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم
8882 سۇزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ي
7430 ئەرلەر نەچچە ياشتا بالىلىق بولس
5883 مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ
1105 سۆزنەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەت
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .