• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ...
8823 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ساغلاملىق بىلىملىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-12-22 يوللانغان ۋاقتى :

                            
  1. پۇت – قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھى ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش.

  يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تەرىپىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىمال شامالدارىش (سەكتە) نىڭ ئالامىتى بولۇشى ھەم چوڭ مېڭىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرى توسۇلغان ياكى يېرىلغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭ مېڭە ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن مەسىلە چىقسا، چوڭ مېڭىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى تەسىرگە ئۇچراپ يېرىم بەدەن پالەچلىنىدۇ، سۆزلەشتىنمۇ قالىدۇ. ئەگەر كىچىك قان تومۇرلاردىن مەسىلە چىقسا پۇت – قول ئۇيۇشۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ ئۈچ سائەت ئىچىدە داۋالاش ئېلىپ بارسا، ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  2 . مەيدىسى ئاغرىش ياكى ئارامسىزلىنىش، بېلەك، ئاستى – ئۈستى تاڭلاي، بويۇنلار ئاغرىش، تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىك.

  ئادەتتە يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا يەنە ئاغرىقسىز يۈرەك كېسىلىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تۇيۇقسىز باش قايىدۇ، يۈرەك سوقۇشى جىددىيلىشىدۇ، كۆڭۈل ئاينىيدۇ، ياندۇرىدۇ ۋە سوغۇق تەرلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  3 . پاقالچاق سىرقىراپ ئاغرىش، مەيدە ئاغرىش، نەپەس قىسىلىش ۋە قان تۈكۈرۈش.

  بۇ پۇت قىسمىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلاردىمۇ ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېتىش ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، بىر قىسىم قانلار پۇتتا تىنىپ قېلىپ قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، پاقالچەك ئىششىيدۇ، بۇ چاغدا ئەگەر تۇيۇقسىز مەيدە ئاغرىش ياكى نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ قان نۆكچىلىرىنىڭ پۇت قىسمىدىن ئايرىلىپ قان ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  4 . ئاغرىقسىز قان سېيىش.

  قان سېيىشنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى بۆرەككە تاش چۈشۈش، دوۋساق ياكى مەزى بېزى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئېغىرراقلىرى ئېھتىمال بۆرەك، سۈيدۈك نەيچىسى، دوۋساق ۋە مەزى بېزى قاتارلىق ئورۇنلاردا راكقا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. كېسەل ئەمدىلا باشلانغاندا، يەنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان چاغدا كىشىلەردە ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ. شۇڭا قان سىيىش كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  5 . زىققا كېسىلى ساقايماسلىق ئېغىرلاپمۇ كەتمەسلىك.

  زىققا كېسىلى قوزغالغاندا دائىم دېگۈدەك ھاسىراش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ياكى ياخشىلىنىپمۇ كەتمىسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئەگەر زىققا كېسىلى قوزغالغاندا داۋالاتمىسا، كۆكرەك مۇسكۇلى ئېغىر دەرىجىدە چارچىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

  6. ئەسەبىيلىشىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇش.

  بەزى ئادەملەر ئەسەبىيلەشكەندە، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى نېرۋىسىدا مەسىلە بار دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەم سورىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەسەبىيلىشىش ھەسرەت چېكىش، چارچاش، ھەممىگە ئېتىبارسىز سوغۇق قاراش، تەشۋىشلىنىش، ئۇخلاش ئادىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
28555 بۇ تۆت خىل يېمەكلىك جىگەردىكى زە
16654 پەمىدۇردىن يۈز چاپلىقى تەييارلا
8823 ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار
7278 تاماقتىن كېيىنلا قىلىشقا بولماي
7051 دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولماي
6828 يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمە
6766 زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇ
6711 ناشتا قىلماسلىقنىڭ «دەردى» ئاز
5668 بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغد
5628 ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىر
5553 ئادەم كۆپ ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا ھېر
5531 باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەي
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .