• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


بالىلار پارالىچىنى داۋالاش
6350 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
بالىلار كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-06-24 يوللانغان ۋاقتى :

                            

بالىلار پارالىچىنى داۋالاش

بۇ كېسەل بىر نەچچە ئايلىق ياكى بىر نەچچە ياشلىق بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ ،
سەۋەبى : بالىلاردا قىسمەن بويۇن قېتىش يۇلۇن ماددىلىرى ياللۇغلىنىش چىش چىقىش قورساقتا مەددە پەيدا بولۇش قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش بەل ئومۇرتقىلىرى زەخمىلنىش چېچەك قىزىل قاتارلىق كېسەللەر بىلەن ئاغرىپ ئاجىزلاش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ
ئالامەتلىرى : بۇ كېسەل تۇيۇقسىزلا باشلىنىدۇ بەزى بالىلار ئاخشامدا ساق يېتىپ سەھەردىلا بىر ياكى ھەر ئىككىلا پۇتى پالەچلىنىپ ھەركەت قىلالمايدۇ كېسەللەنگەن ئەزانىڭ تۇيغۇسىدا ئانچە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ لېكىن ئۇ ئۆسۈش جەھەتتە دەخلىگە ئۇچراپ كۈندىن كۈنگە ئورۇقلايدۇ قول پۇت غول ۋە بەل ئاغرىيدۇ
داۋالاش ئۇسۇلى : 1 - ئالدى بىلەن كېسەل قىلغۇچى ئامىلنى تۈگۈتىش لازىم كېسەل بالىلارنى تېنىچ ئارام ئالدۇرۇش زۆرۈر ئىچىنى يۇمشىتىش ئىچكى تاشقى تەرەپتىن ئۆتكۈر دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ئىسسىق سۇدا يۇيۇندۇرۇش ھىڭدىن 0.1 گرامنى مائۇل ھەسەل بىلەن ئېزىپ ئۈچۈرۈش ئىككى گرام ئۇدى سېلىبگە 25 گرام شىكەر قوشۇپ ئىچۈرۈش جويۇز ياكى ئاقىرقەرھانى يالغۇز ياكى ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ زەيتۇن يېغىدا سۈرۈپ ياغلاش لازىم
2 _ كېسەل يۈز بېرىپ ئاز بولغاندا تۆت كۈنگىچە سۇ ئورنىغا ھەسەل سۈيىدىن باشقا نەرسە بېرىشكە بولمايدۇ
3 - مۇنزىچ دورا بېرىلىدۇ ،  تەركىبى : بەدىيان يىلتىزى پوستى چىڭسەي يىلتىزى پوستى ئىزخىر يىلتىزى پوستى بىخ كەبىر بىخ سوس پىرسىياۋشان ئۈستىقۇددۇس ئارپىبەدىيان ئاقلەيلى ئۇرغى خۇببازى ئۇرغى گاۋزىبان ھىندى ھەربىرى بەش گرامدىن ئۇرۇقسىز ئۈزۈم توققۇز دانە پىشقان ئەنجۈز ئۈچ دانە  تەييارلىنىشى : مۇۋاپىق مىقداردىكى قايباق سۇغا بىر كېچە چىلاپ ئەتتىگەندە سۈزۈپ 25 گرام قەنت قېتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ  بۇ مۇنزىچنى توققۇز كۈنگىچە ئۈچۈرۈش تڭققۇزىنچى كۈنى يۇقىرىقى مۇنزىچقا توققۇز گرام سانا قېتىپ چىلاپ سۈزۈپ 60 گرام يانتاق شېكىرى 60 گرام خىيارشەنبەر 60 گرام گۈلقەنت يەتتە دانە بادام مېغىزىدىن قوشۇپ ئىچۈرۈش لازىم
4 - خىمىرى گاۋزىباندىن 12 گرامنى بىر دانە كۆمۈش ۋاراققا يۆگەپ يۇتۇش ئارقىاىن چىلاندىن بەش دانە قاپاق ئۇرۇغىنىڭ مېغىزىدىن ئۈچ گرامنى قايناق سۇغا دەملەپ چىقىرىلغان شىرنىسىگە ئۈچ مىللىلىتىر بېھى ئۇرۇغى لوئابى 25 گرام بىنەفشە شەربىتى قوشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ بۇ دورىنى ئىچىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ھەببى ئايارەنجتىن بالىلارنىڭ يېشىغا قاراپ 3 - 9 دانىغىچە يېتىش ئالدىدا بىرىلىدۇ
پىششىق دورىلاردىن : ھەببى ئازاراقى   مائۇلھەسەل   ئەبرىشىم شەربىتى   ئۈستىقۇددۇس شەربىتى   ماددەتۇل ھايات   داۋائىلمىشكى    رەيھان شەربىتى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
10311 بوۋاقلارغا تۆۋەندىكى ئىچىملىكل
8943 بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام ب
8873 بالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(
8033 بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كىسەلل
7898 مەقەت پۇتەيلىكى (مەئىدۇمى مەقئە
7825 بالىلاردىكى قىزىل(ئىسكارلاتىنا
7754 بالىلاردىكى كىندىك ياللۇغى(ئلتى
7142 بالدۇر تۇغۇلۇش
6350 بالىلار پارالىچىنى داۋالاش
5782 سۈپەتسىز خۇش پۇراقلىق ئوقۇش قور
4272 ​بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېمىسۇ
2815 بالىنىڭ ئىچى سۈرگەندە دورا ئىشل
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .