ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

دانخورەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
12022 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
تېرە كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
دانخورەك
تۇنۇشى:
دانخورەك تىرىگەتەۋە قوشۇمچە ئەز كىسەللىكى بولۇپ ياشلىق دەۋىردە كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل تۈك خالتىسى ۋە تىرە ماي بەزلىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغىدۇر.
  كىسەللىك سەۋەبى:
بۇزۇلغان قان خىلىتى بىلەن بۇ خاراتلاردىن پەيدا بولىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
قۇيۇق بەلغەم مادىسىدىن پەيدا بولىدۇ.
ھاراق، لازا، كالاگۆشى قاتارلىق ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلىپ، قاننى بۇزغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەر ھەم زىيادە تاتلىق مايلىق، غەليىز ھەم ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلشىتىدىن پەيدا بولىدۇ.
رۇھىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
باشقا ئامىللار: ھەزىم بۇزۇلۇش دائىمى قەۋزىيەت ، ھېيىز ۋە بۇۋاسىر بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.
تىرە تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
كەسىپ ئامىلى: ھەر خىل نىفىت مەسھۇلاتلىرى ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مايلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقۇچىلاردا كۆپ كۆرلىدۇ.
خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ
  كىلىنىك ئىپادىسى:
دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇندا تىرىق چوڭلىقىدا قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، نورمال تىرە تەكشىلىكىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. 1-2كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇچچىدا سېرىق رەڭگە مايىل توچكا پەيدا بولىدۇ. تۈۋى ئىنىق دەرىجىدە قىزىرىدۇ. سىقىسا سېرىققا مائىل سۈترەڭ ماي توچكىسى چىقىدۇ. بەد بۇي پۇراقلىق بولۇپ ئاغرىمايدۇ ياكى قىچىشمايدۇ، ئەگەر سىقمىسا 3-4كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دۆڭچە ئەسۋە چوڭىيىپ، نىگىزى قىزغۇچ، ئۇچى ئېقىش ھالەتكە ئۆزگۈرۈپ ، يەڭگىل دەرىجىدە قىچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. بىلىنەر-بىلىنمەس دەرىجىدە قىزىشىدۇ. ماي نوكچىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن داغ قالدۇرۇپ ساقىيىدۇ. ئەگەر سىقمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇچى قارامتۇللىشىپ قالىدۇ. ئەگەر قوشۇمچە يۇقۇملانسا ، يىرىڭلىق قاپارتما خالتىلىق ئىششىق چىقان قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن.
دىئاگىنوزى
پەيدا بولۇش ئۇرنى ۋە يېشى، سىققاندا سۈتسىمان ماددا چىقىش قاتتىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن دىئاگىنوز قويۇلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى
تۈك خالتا ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىمىز.  تېيىز كەلگەن تۈك خالتا خاراكتىرلىك يىرىڭلىق قاپارتما بولىدۇ. تۈركۈملەپ پەيدا بولىدۇ. بىرى-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. قاپارتمىلار ئوتتۇرسىدىن تۈك تىشىپ چىققان بولىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن تاتۇق قالمايدۇ. ھەر قانداق ياشتىكلەردە پەيدا بولىدۇ.
قىزىل تۇمشۇقتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. كۆپىنچە يۈزىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيدا بولىدۇ ھەمشە بۇرۇن ئۇچى ئىككى مەُزى پىشانە، ئىڭەك قاتارلىق قىسىملارغا ئۇرۇنلىشىدۇ. كىسەللەنگەن  ئۇرۇنلار قىزىرىپ قان تولىدۇ. قىلقان تۇمۇرلارنىڭ كېڭىيىشى ھەمىشە قۇشۇلۇپ كېلىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
كەسپىي خارەكتىرلىك دانخورەكتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەر ىىل مايلار بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ. ئەسۋىلەر كۆپىنچە جۇغلانما بولۇپ، تۈك خالتا ئېغىزىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى قوشۇلۇپ كىلىدۇ.
داۋالاش  
داۋالاش پىرىنسىپى :
ئالدى بىلەن قان ۋە بەلغەم ماددىسىنى قويۇقلاشتۇردىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراق كالا گۆشى، ھايۋانات مايلىرى، شىكەر ۋە شىرنىلىك ھۆل مىۋە چىۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كىسەللىك ماددسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ.
بۇزۇلغان قان بىلەن بەلغەم ماددىسىنى تازىلىغۇچى قان تازىلىغۇچى ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلار بىرىلدۇ.
سىرتىدىن مۇۋاپىق تارقاتقۇچى، تازىلىغۇچى، ئىششىق ياندۇرغۇچى دوىلار ئىشلىتىلىدۇ.
 داۋالاش تەدبىرى :
بۇزۇلغان قاندىن بولسا، تەڭشەش ئېلىپ  بىرىلىدۇ. قۇيۇق بەلغەمدىن بولسا، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ۋە مۇسھىللىرىدىن بىرىلىدۇ. ياكى بەلغەم مۇنزىچىغا قان تازىلىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرلىدۇ. بەلغەم ماددىسىنى تازىلاش ئۈچۈن ھەببى ئايارەچ، مەتبۇخ كۇربۇت بىرىلىدۇ. ياكى قارا ھېلىلە كابىلى، ئامىلە ھەر بىرىدىن 12گىرامدىن ، بادىيان، بىخ سۇس، شاھتەررە 12گىرامدىن چىلان30گىرامدىن كۇربۇت 9گرام ، قىزىل گۈل 20گىرام خيار شەنبەر 10گىرامدىن ئېلىپ شەربەت تەييارلاپ بېرىلىدۇ. قان تازىلىغۇچىلاردىن : قۇرسى شاھتەررە، چىلان شەربىتى، ئىتتىرفىل ، قۇرسى كىبرىت، ئىتتىرفىل چۆپىچىن ، مەتبۇخ ئەفتىمۇن مەجۇنى ئۆشبە قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.
سىرتىدىن : لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ، تۆۋەندىكى دورىلاردىن تاللاپ زىماد قىلسا بولىدۇ. 1.چۈچۈكبۇيا يىلىتزى، ۋە يۇپۇرمىقىنى قاينىنىپ ئىسسىق پېتى چېپىش.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12022 دانخورەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بو
10551 يەلتاشما كېسەللىكىنىڭ پەيدا ب
9916 ھۆل تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ پەي
8998 تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇ
8958 باش تەمرەتكىسى كېسەللىكىنىڭ پە
8756 تېرىنىڭ قۇشۇمچە ئەزالىرى ۋە تېر
8081 كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ كېسەللىك
8067 تېرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك رولى
6974 تېرىنىڭ تۈزۈلۈشى كېسەللىكىنىڭ پ
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .