ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

يۆتەل كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
12831 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
نەپەس يولى كېسەللىكىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
 يۆتەل
 يۆتەل-كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرى ،ئۆپكە ۋە ئۆپكە پەردىلىرىنىڭ ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەردىن قوغدىنىش ئۆزىنى ساقلاش يەنى غەيرى تەبىئى ماددىلارنى ئۆزىدىن چەتلەشتۇرۇش ھەيدەپ چىقىرىش ئۇچۇن قىلغان تەبىئى ھەركىتىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇستەقىل بىر كېسەللىك ئەمەس، يۆتەلنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۇرى كۆپ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ.
يۆتەلنىڭ سەۋەبلىرى ئۇچ چوڭ تۇرگە بۆلىنىدۇ.
1)خلىتسىز سەۋەبدىن مىزاجنىڭ بوزۇلىشى (سوئى مىزاج)دىن كېلىپ چىقىدۇ.
2)ئەزالاردا يۇز بەرگەن ئىششىق،جاراھەت ۋە يارىلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
3)نەپەس ئەزالىرىغا يات نەرسىلەرنىڭ كېرىپ قېلىشى مەسىلەن:سوغۇق شامال،بۇس،تۇتۇن،چاڭ-تۇزاڭلار ياكى دىققەتسىزلىكتىن سۇ ۋە تاماق مادىدلارنىڭ كانايغا كېتىپ قېلىشى قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مۇھىم ئەزا ۋە قوشنا ئەزالارنىڭ مىزاج بوزۇلىشى تۇپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:زۇكامدىن مېڭە مىزاجى بوزۇلۇپ نەزلە سۇيى (مەيلى قىززىق ياكى سوغۇق)بولسۇن كاناي ۋە ئۆپكىگە چۇشسە يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. قىزىل ئوڭگەچ،ئاشقازان،جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىر قىسىم كېسەللىكلىرىدە كېسەللىك ئىللىتى ئۆپكە ياكى ئۇنىڭ پەردىلىرىنى غىدىقلاپ يۆتەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. كاناي ،شاخچە كاناي ئۆپكە ۋە ئۆپكىنى قاپلاپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ كېسەللىكلىرىدىنمۇ يۆتەل پەيدا بولىدۇ، ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بەزى يۇرەك كېسەللىكلىرىددىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇمۇمەن ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەپلىرى:ئەسبابى بادى(دەسلەپكى سەەب)، ئەسبابى ۋاسلى(يەتكۇزگۇچى سەۋەب)، ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەندىكى سەۋەب)دەپ ئۇچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
مىزاجى سوغۇقتىن ئۆزگەرگەن كىشىنىڭ ئۆپكىگە تاشقىرىدىن سوغوق شامال كېرىپ تەسىرى قىلىشى ياكى مىزاج ئىسسىق بولغان كېشىنىڭ ئۆپكە ساھەسىگە ئىسسىق بىر نەرسە تەسىر قىلىش تۇتۇن، بوس،چاڭ-توزاڭ ياكى ھاۋاغا ئارىلاشقان ئىسسىق سېسىق نەرسىلەرنڭ زەھەرلىك گازلارنىڭ تەسىر قىلىشى قاتارلىقلار ئەسبابى بادى (دەسلەپكى سەۋەپ) بولىدۇ.
بەدەننىڭ ئۆزىدە بولغان سەۋەپلەر مەسىلەن:سازەج (خىلىتسىز)ياكى ماددا خىلىتلىق بولسۇن مىزاقى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ تەبىئى غەيرى تەبىئىگە ئۆزگىرىش قاتارلىقلار ئەسسابى ۋاسىلە (يتكۇزگۇچى ۋاستە)بولىدۇ. سوئى مىزاج سازەج ھار (ماددىسىز ئىسسىقتىن بوزۇلۇش)ياكى سوئىل مىزاج سازەج بارىد(ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلۇش)سوئى مىزاج ھار ماددىي(ماددىلىق ئىسسىقتىن بوزۇلۇش)سوئى مىزاج ماددى بارىد(ماددىلىق سوغۇقتىن بوزۇلۇش)دىگەنلەرگە ئوخشاش مىڭىدىن كەلگەن نەزلە سۇيى ئۆپكە،كاناي،قىزىل ئوڭگەچ،ئاشقازان قاتارلىق ئۆپكە بىلەن يېقىن ئەزالارغا چۇشۇش سەۋەبى بىلەن بۇ ئەزالاردا ئىششىق جاراھەت پەيدا قىلسا بۇمۇ ئەسبابى ۋاسىلە(يەتكۇزگۇچى ۋاستە)قاتارىغا كېرىدۇ. ئەسبابى ۋاسىلە سەۋدادىن كەمرەك ئۇچرايدۇ.
بەدەندە بولغان ئەسبابى ۋاسىلە سەۋەپلەرنىڭ ئۆتۇشى ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەن سەۋەب)بولىدۇ. مەسىلەن:جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمار داۋالاش ئارقىلىق ساقايغان،لىكىن جىگەر كېسەللىكلىرىگە قارىتا بېرىلگەن دورىلار ئۆپكىگە يامان تەسىر كۆرسىتىپ يۆتەلنى پەيدا قىلغان، مانا بۇ ئەسبابى سابىقە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلەن:كېزىك،تەپ،ۋابا قاتارلىقلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.
يۆتەل ئادەتتە قورۇق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل (بەلغەملىك يۆتەل)دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
قايسى سەۋەپتىن بولسۇن بەلغەم ياكى باشقا سۇيۇقلۇق كەلمىسە قۇرۇق يۆتەل دىيلىدۇ، قۇرۇق يۆتەل كۆپۇنچە قۇرۇق ئىسسىق قۇرۇق سوغۇق (ماددىلىق ياكى ماددىسىز)كېسەللىكلەردە كۆرىلىدۇ. يۆتەلگەندە بەلغەم-كۇچلۇكرەك سۇيۇقلۇق ياكى يېرىڭلىق خەپرۇك كەلسە ھۆل يۆتەل دىيلىدۇ. ھۆل يۆتەل كۆپۇنچە ھۆل ئىسسىق ياكى ھۆل سوغۇق (ماددىلىق ياكى ماددىسىز)كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.



شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
16592 بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەرۋ
12831 يۆتەل كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇ
11409 ئۆپكە توبىركىليۇزى
11284 كانايچە زىققا كېسەللىكى سەۋەبى
8891 ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغ
7681 سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يال
7564 ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغى
7404 سوزۇلما كاناي ياللۇغى كېسەللىك
7295 خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
5761 كۆكرەك پەردە ياللۇغى
4200 خەتەرسىز غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .