• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
9357 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
نەپەس يولى كېسەللىكىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
 تۇنۇش
ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى-بۇ كېسەللىك بىر قەدەر تىز باشلىنىپ ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدىغان،كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىشتىن يەرلىك ئورۇندا قىزىش،شەلۋەرەش،سۇلۇق ئىششىق بولىدىغان ،كېلىنكىدا قىزىرىش،يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك.
سەۋەبى
سوغۇق ئۆتۇپ قېلىش،تەكرار زۇكام بولۇش،نەزلە سۇيۇقلۇقىنىڭ كاناي كانايچىلارغا قويۇلىشى،غەيرى تەبىئى قان خىلتىنىڭ ۋە غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىرى قىلىشى،فېزىكا،خېمىيلىك ماددىلار ۋە چاڭ-توزاڭ،ئىس-تۇتۇەكلەرنىڭ كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشىى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
كېسەللىك بىر قەدەر تىز ھەم جىددى باشلىنىدۇ، بىردىنلا قىزىرىپ،جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ، قاتتىق يۆتىلدۇ، قىزىتمىسى تۇراقلىق قىزىتما ھالىتىدە داۋاملىشىپ قىزىتمىسى ℃39-℃38 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. دەسلەپتە غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل ياكى ئاق كۆپۇكلۇك بەلغەملىك يۆتەل بولىدۇ. بىر قىسىملىرىدا ساغۇچ يېرىڭلىق بەلغەم ھەتتا قانلىق بەلغەممۇ بولىدۇ. بىراق قانلىق بەلغەم كۆپ كۆرۇلمەيدۇ. تۆش سۆڭەك كەينىدە ئېچىشش بولىدۇ. بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، سۇغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدۇ، ئېغىرلىرىدا ھاسىراش،دەم سىقىلىش بولىدۇ، تىڭشاپ تەكشۇرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئۇچۇق(نورمال)بولىدۇ. كانايچىلاردىن ھۆل ياكى قۇرۇق خېرىپ ئاڭلىنىدۇ. خېرىپ ئورنى مۇقىم بولمايدۇ، يۆتەل توختىغاندىن كېيىن خېرىپ ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ.
ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى:
ئۆتكۇر كاناي ياللۇغىنى ۋاقتىدا ھەم ئۇزۇل كېسىل داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تۇلۇق ساقىيدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەم داۋالاشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاندا سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى،ئۆپكە ياللۇغى،كانايچە كېڭىيىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
 داۋالاش پىرىنسىپى :
كېسەللىككە قارىتا ئىششىق ياندۇرۇش،نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش،قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
17147 بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەرۋ
13333 يۆتەل كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇ
11977 ئۆپكە توبىركىليۇزى
11799 كانايچە زىققا كېسەللىكى سەۋەبى
9357 ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغ
8108 سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يال
7972 ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغى
7785 سوزۇلما كاناي ياللۇغى كېسەللىك
7707 خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
6176 كۆكرەك پەردە ياللۇغى
4472 خەتەرسىز غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .