ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

سوزۇلما كاناي ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
7405 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
نەپەس يولى كېسەللىكىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            

سوزۇلما كاناي ياللۇغى
 تۇنۇش
سوزۇلما كاناي ياللۇغى-كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىدە ئاستا خاراكتېرلىك خاس ئالاھىدە بولمىغان ياللۇغلىنىش بولۇپ كېلىنكىدا تەكرار قوزغىلىدىغان يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش ۋە ھاسىراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس سېستىما كېسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ ھەر قاندا كېشىلەردە پەيدا بولۇپ قىش پەسلىدە ئەڭ كۆپ قوزغىلىدۇ.
سەۋەبى
سوزۇلما كاناي ياللۇغىنىڭ نەق كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بەدەندە ھۆللۇكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە تەكرار يۇقۇملىنىشى غەيرى تەبىئى ھۆللۇك زىيادە ئارتىپ كېتىپ نەپەس يولىرىنى غىدىقلاش بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
قۇرۇقلۇقنىڭ ئارتىپ كېتىشى:ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كېتىش بولۇپمۇ كاناي ۋە كانايچىلاردا قۇرۇقلۇق ئارتىپ كەتكەندە كانايچەشىلللىق پەردىلەردىكى سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكلىقى مىكروقان تۇمۇرلاردىكى قان ۋە ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى تۆۋەنلەپ،يەرلىك ئورۇنننىڭ تەبىئى كۇچى ئاجىزلاپ يات ماددىلارنىڭ تازلىنىشى توسقۇلۇققا ئۇچرايدۇ.
تاماكا چىكىش:تاماكا چىكىشنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، تاماكا چەككۇچىلەردە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ بولۇش نىسبىتى چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 2ھەسسە كۆپ كۆرىلىدىكەن. ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆت ھەسسىدىن كۆپ ئىكەن، تاماكا چىكىش نۆۋەتتە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى پۇتۇن دۇنيا جامائەتچىلىك تەرپىدىن مۇئەييەنلەشتۇرۇلمەكتە.
ئىرسىيەت ئامىلى %7-3 بىمارنىڭ ئائىلە جەمەت تارىخى بارلىقىنى مەلۇم بولغان. ھىسسىيات ئامىلى:زىيادە سەزگۇرلۇك رىئاكسىيسى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئامىللار زىيادە سەزگۇرلۇك بەدەن تىپىغا ئىگە كىشىلەر بىلەن نەپەس يولى ئارلىق ئۇچراشقاندا كانايچىلاردا سىپازمىلىنىش،زەخمىلىنىش ۋە ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
كېسەل قوزغاتقۇچى ئامىللار
مۇھىتنىڭ بولغۇنىشى ۋە تىپمىرارىنىڭ ئۆزگىرىشى مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ،قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، يۇقۇملىنىش زۇكام،يۇقۇملۇق زۇكام،ئۆپكە ياللۇغى،بۇرۇن يان كاۋاك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بولۇپمۇ ۋىتامىن A,C  نىڭ كەمچىل بولىشى، غىدىقلاش خۇسۇسىيتىنىڭ ۋە يېپىشقاق شىرلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،بىر قىسىم ئىسسىق،سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش،پاراسىمپاتىك نىرۋىنىڭ قوزغىلىشى زىيادە ئارتىپ كېتىش،كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىدا تەشەننۇج پەيدا قىلىپ ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى كۇچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلارنىڭ مىزاجى تەتۇر تاناسىپ بولۇپ تەبىئەت كۇچىنىڭ تەدرىجى ئاجىزلىشىشى بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشى،تەرەققى قىلىشى ئاستا،كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇپ بىر يىلدىن بىر نەچچە يىلغىچە ھەتتا ئون نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، تەكرار قوزغىلىدۇ، قوزغاتقۇچى ئامىللارغا يۇلۇققان ھامان كېسەللىك دەرھال قوزغايدۇ. تەكرار قوزغالغاندا ئالامەتلەر بىر قەدەر روشەن بولۇپ ئۆتكۇر كاناي ياللۇغىدىكى ئالامەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قىشتا كۆپرەك قوزغىلىپ يازدا ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىگىدىن يەڭگىللەيدۇ. كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلەردىكى ياللۇغلىنىش ئۇچچىدىكى ئاجرالما ماددىلارنىڭ كانايچىلارنى غىدىقلىشىدىن يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ، يۆتەل ئەتىگەندە ۋە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۇچلۇك بولۇپ كۇندۇزى يەڭگىللەيدۇ، دەسلەپتە قۇرۇق يۆتەل بىلەن باشلاپ كېسەللىك ترەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلغەمنىڭ يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
يۆتىلىش:كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىسىدىكى ياللۇغلىنىش ئۇچىدىكى ئاجرالما ماددىلارنىڭ كانايچىلارنى غىدىقلىشىدىن يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. يۆتەل ئەتىگەندە ۋە ئۇخلاشنىڭ ئالددىدا كۇچلۇك بولۇپ كۇندۇزى يەڭگىللەيدۇ. دەسلەپتە قۇرۇق يۆتەل بىلەن باشلىنىپ كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلغەملىك يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
بەلغەم تۇكۇرۇش:يۆتىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن دەسلەپتە ئاق كۆپۇكلۇك بەلغەم تۇكۇرۇش بىلەن كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىششى ۋە داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يېرىڭلىق بەلغەملىك يۆتەل پەيدا بولىدۇ. بەلغەمنىڭ رەڭگى تەدرىجى كۆك رەڭگە ياكى سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم بىمارلاردا قاتتىق ئۇيۇل يېرىڭلىق بەلغەم كېلىدۇ. بەلغەمنىڭ مىقدارى ئەتىگەندە ئۇرۇندىن تۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولىدۇ.
ھاسىراش:سۇزۇلما كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۇلىشى ناتايىن پەقەت ھەسساسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھاسىراش تىپىدىكى سۇزۇلما كاناي ياللۇغىدا كۆرۇلىدۇ. سوغۇق ھاۋا ۋە ئۆتكۇر پۇراقلىق مۇھىتتا ھاسىراش بىر قەدەر تىپىك بولىدۇ.
بەدەن بەلگىسى
يەڭگىل بولغاندا ئېنىق بەدەن بەلگىسى كۆرۇلمەيدۇ، بىر قەدەر تىپىك بولغانلىرىدا ئۆپكە تىگىدىن تىڭشاپ تەكشۇرگەندە ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىپ، بەزىلىرىدە سۇناي تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، كۆكرەك شەكلى تۇڭ كۆكرەك شەكلىگە كېرىپ قالدۇ(زىيادە ئېغىرلاردا)قۇۋۋۇرغا ئارلىقلىرى كېڭيىدۇ.
ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى:
سۇزۇلما خاراكتېرلىك كاناي يالۇغىنى ياخشى داۋالىمىغاندا تۆۋەندىكى ئىككىلەمچى كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، سوزۇلما كاناي ياللۇغى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت (5-10يىل)يوقىلىش نەتىجىسىدە ئۆپكە پۇۋەكچىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ قالدۇق ھاۋا مىقدارى تەدرىجى ئېشىپ مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆپكە مەنبەلىك يۇرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولۇپ تەدرىجى ئېغىرلىشىپ نەتىجىدە ئۆپكە يۇرەك قان ئايلىنىش ياخشى بولماي بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش،مىزاجنى تەڭشەش،ياللۇغ قايتۇرۇش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى
http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=23

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
16592 بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەرۋ
12831 يۆتەل كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇ
11410 ئۆپكە توبىركىليۇزى
11284 كانايچە زىققا كېسەللىكى سەۋەبى
8892 ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغ
7681 سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يال
7564 ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغى
7405 سوزۇلما كاناي ياللۇغى كېسەللىك
7295 خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
5761 كۆكرەك پەردە ياللۇغى
4200 خەتەرسىز غەيرى تەبىئى نەپەسلىنى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .