ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش
6963 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى
تونۇش:
ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جىگەر بىۋاستە زەخمىلىنىپ ياكى باشقا ئەزالەردىكى كېسەللىك جاراسىملىرى قان ئېقىمى ئارقىلىق جىگەرگە تاجاۋۇز قىلىپ جىگەردە چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان يىرىڭلىق ئىششىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ كىلنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى قۇرساق قىسمى ئاغرىش ،قىزىش ، توڭۇپ تىتىرەش، ئىشتاھاسى تۇتۇلۇش، قۇرساق كۈپۈش، جىگەر چوڭيىش، قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك
سەۋەبى:
1.    ھەر خىل جىگر ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن
2.    ئۇپۇنەتلەنگەن قان خلىتىنىڭ تەسىرىدىن
3.    قاننىڭ قۇيۇلىشىدىن
4.    سەپرانىڭ كۈپۈيىشىدىن
5.    ھەرخىل سىرىتقى زەخمىلىنىشلەردىن
ئالامىتى:
ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى قۇرساق ساھەسى ئاغرىيدۇ، باسقاندا چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئاغرىش كۈچۈيدۇ ئاغرىش ئوڭ تەرەپ تاغاق قىسمىغا تارقىلىدۇ يۇقۇرى قىزىتما بولۇپ تپڭۇپ تىترەيدۇ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ ھەزىم بۇزۇلىدۇ، قۇرساق كۈپۈدۇ، قەۋزيەت بولىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، ئورۇقلايدۇ، يەڭگىل دەرجىدە سېرىقلىق چۈشۈدۇ،جىگەر يۇغۇنايدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇبىمار ئوڭ بېقىنى بېسىپ ياتالمايدۇ
     دىئاگىنۇز ئاساسى:
1.    كېسەللىپ تارىخىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ
2.    تىپىك كىلنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۇزى بىكىتىلىدۇ
3.    لابراتوريەلىك تەكشۈرۈش: قىزىلقان ھۈجەيرىسى ۋە ھىموگىلوبىن سانى ئازلايدۇ
4.    رېنتىگىندە تەكشۈرگەندە: ئوڭ تەرەپ دىئاپراگىما يۇقۇرى كۈتۈرلۈپ ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ
5.    جىگەرنى پونكىتسىيە قىلىپ يىرىڭ ئالغاندا ساغۇچ ئاق رەڭلىك يىرىڭ تارتىلىپ چىقىدۇ
6.    بىتىپلىق ئۇلتۇرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈلىدۇ
ئالامىتى:
يىرىڭلىق جاراھەت ئېغىز ئېلىپ قۇرساق پەردىسىگە تەسىر قىلسا قۇرساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ھەتتا ئۈلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق ئۆت يوللىرغا تەسىر قىلسا تەرەت يوللىرى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ ئەگەر يىرىڭلىىق جاراھەت قىزىلئۆڭگەچكە تەسىر قىلسا قەي ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق قۇرساق پەردىسىنىڭ سىرتىغا ئېغىز ئالسا قۇرساق دىۋاردا ئاقما پەيدا بولىدۇ
دااۋلاش پىرىنسىپى:
1.    جىگەر ياللۇغى تەسىردىن كېلىپ چىققان بپلسا جىگەر ياللۇغىغا قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ
2.    مىزاج بۇزلۇشتىن بولغان بولسا مىزاجنى تەڭشەشكە چارە قىلىنىدۇ
3.  ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش توسالغۇلارنى ئېچىش ھارارەت پەسەيتىش جاراھەتنى ئېغىز ئالدۇرۇش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ .
4.    ئەگەر كېسەللىك جىددى بولسا ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ
  داۋالاش ئۇسۇلى:
قاننىڭ قۇيلۇشىدىن بولغان بولسا قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلاردىن چىلان شەربىتى، ئالقات شەربىتى، ئەينالۇ شەربىتى، تەمىرھىندى شەربىتى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ
قاننىڭ ئۇپۇنەتلىنىشىدن بولغان بولسا قان تازلىغۇچى دورىلار بېرلىدۇ مەسلەن: قۇرسى شاھتەررە، ئىتىرپىل شاھتەررە، ئىتىرپىل چۆبىچىن، مەتبۇخى ھېلىيلە، مەتبۇخى شاھتەررە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ .
سەپرانىڭ كۈپۈيۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرانىڭ مۇنزىچىغا قان تازلىغۇچى ياللۇغ قايتۇرغۇچى ئىششىق قايتۇرغۇچى دورىلارنى قېتىپ مۇنزىچ تەيارلاپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن تەنقىيە قىلىنىدۇ .
ئاخىردا ياللۇغ قايترۇش ئىششىق قايتۇرۇش ھارارەت پەسەيتىش توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىدى بىلەن دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ مەسلەن: ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە ،ئەرقى نىلۇپەر، شەربىتى ئۆشبە ، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ .
ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن جاراھەت يۈزنى پۈتتۈرۈش مەقسىدى بىلەن ئارپا سۈيى قەن سۈيى، ياكى سىركەنجىۋىل سۈيى بىلەن يۇيۇلىدۇ .
ئاخىردا كېسەللىكل ئەھۋالى ياىشىلانغاندىن كېيىن جىگەر ۋە ئومۇمى بەدەننى كۇچلاندۇرغۇچى تەبىئەتنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن مەجۇنى دەبدىلۋەرد، جاۋارىش ئامىيلە، ئامىيلە نۇشۇدارى، مەجۇنى داۋائىلمشكى قاتارلىقلا ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.    تەستە ھەزىم بولدىغان غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ
2.    ئاسان ھەزىم بولدىغان تەتىپ ئوزۇقلۇقلار بېرىلىدۇ
3.    كۆپ ھەركەت قىلىشتىن ئېغىر جىسمىنى ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش كېرەك
يەڭگىل ھەركەت قىلىش روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش



شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12824 قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋا
11753 ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـ
10747 ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا
9009 ئىچى سۇرۇش كېسەللىكى
8752 ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسس
8142 ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
8071 ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى كېسەللى
7418 ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنىڭ
6963 جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىك
6695 ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇ
6208 سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەلل
5053 ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .