ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش
12824 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش
قەۋزىيەت ناھايتى تونۇشلۇق بولغان ھەزىم قىلىش سىستىما ئالامىتىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ  بۇنىڭغا بولغان چۇشەنچىسى خىلمۇخىل .بولۇپمۇ بىمارلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ قەبزىيەتكە بولغان چۇشەنچىسىدە مەلۇم پەرىقلەر بولۇپ، چوڭ تەرەت قىتىم سانى ئازلاش، تەرەت قىلىش قىينلىشش، (تەرەتتىن قورقۇش، ) چوڭ تەرەت قاتتىق ھەم چىڭ كىلىش قاتارلىقلار ئادەتتە قەبزىيەتلىك دەپ تونۇلىدۇ. بۇنىڭغا باھا بىرىشتە شۇ كىشىنىڭ تەرەت قىلىش ئادىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ئۇزۇن ۋاقىت كۇزۇتۇپ ئاندىن ھۆكۇم قىلىش كىرەك .كىشىلەرنىڭ تەرەت قىلش ئادىتى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىرگۇر پا ساغلام كىشىلەرنىڭ سىتاستىكىسىدا ئىنقلنشىچە كۇندە بىرقىتىم تەرەت قىلىدىغانلار %60 ،بىركۇندە بىر نەچچەقىتىم قىلىدىغانلار %30،بىرنەچچە كۇندە بىرقىتىم تەرەت قىلىدىغانلار %10 نى ئىگەللەيدىكەن ،شۇڭا قەبزىيەتكە ھۆكۇم قىلشتا كىشىلەرنىڭ تەرەت قىلىش ئادىتى جەھەتتىكى پەىقلەرگە قاراپ بىكىتىش كىرەك .ئۇنداقتا قەبزىيەتلىك دىگەن نىمە ؟قەبزىيەتلىك چوڭ تەرەتنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالىدىن قىتىم سانى ۋە مىقدارى كۆرىنەرلىك ئازىلاپ قاتتىق ھەم قويۇق كىلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدا چوڭ تەرەت 2-3كۇندە بىرقىتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىتتا كىلىدۇ. قەبزىيەتلىك كىشىلەر توپىدا ناھايتى كۆپ بولۇپ تەخمىنەن %20كىشىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قەبزىيەتلىك بار.بۇ ئاياللاردا ۋە ياشانغانلاردا بىرقەدەركۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇندىن باشقا يازغۇچى ،تەھرىرلەردە ئەقلي ئەمگەكنى كۆپ قىلغۇچىلاردىمۇكۆپ ئۇچرايدۇ. قەبزىيەتلىكنى چۇشۇنىش دىن ئاۋال چوڭ تەرەتنىڭ قانداق ھاسىل بولدىغانلىقىنى ۋە قانداق چىقىرلدىغانلىقىنى چۇشۇنۇش كىرەك.چوڭ تەرەتنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە چقىرلىش جەريانى 2باسقۇچ ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ.
بىرىنجى باسقۇچ: سۇمۇرلۇشتىن ئىشىپ قالغان تەرەت ماددىلىرى تۇز ئۇچەيگە كىرىپ، كەرىش ئارقىلىق تەرەت  رېفلىكىسنى  پەيدا قىلىدۇ.
 ئىككنجى باسقۇچ: چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرلىش باسقۇچى بولۇپ، تەرەت ماددىلىرى تۇز ئۇچەيگە كەپلىشىپ، تەرەت قىلىش تۇيغىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ، تەرەتنىڭ چىقىرلىشى چوڭ مىڭە پوستلاق ماددىسى ۋە بەل قۇيمىچاق ئىچكى نېر ۋىسىنىڭ تەڭششىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، تۇز ئۇچەينىڭ قىسقىرشى ،مەقەت قورىغۇچى مۇسكۇلىنىڭ بوششى، قوساق مۇسكۇلى ۋە دىئافراگمىنىڭ قىسقىرشى نەتىجىسىدە چوڭ تەرەت ئورۇنلىنىدۇ. تۇرى :قەبزىيەتنىڭ تۇرلەرگە بۆلۇنىشى كۆپ خىل بولۇپ پەيدا بولۇش جەريانى ،خاراكتىرى ۋەئورنىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
1.  كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 2تۇرگە بۆلىنىدۇ.
①ئادەتلىنىش خاراكتىرلىك قەبزىيەت ②دائىملىق قەبزىيەت
2. كىسەللىك خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن :
①ئەزا خاراكتىرلىك قەبزىيەت :بۇ ئىككىلەمچى يۇزبىرىدۇ. ئۇچەي مەقەت كىسەللىكلىرى ،راك ئوسمە ،مۇسكۇل كۇچسىزلىنىش، ئىكى ئاجاراتما ،دورا ئامىلى ...
②فۇنكىسىيە خاراكتىرلىك قەبزىيەت : ئۇچەينىڭ فىزولۇگىيەلىك پائاليتىدە ئكزگىرىش يۇزبىرىپ، تەرەت تەرەت چىقىش ئازلايدۇ. بۇ بەلكىم تەرەتكە ئولتۇرغاندا قورۇغىچى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
3.  تەرەت قىتشمىسىنىڭ تۇرۇپ قىلىش ئورننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن
①  بوغماق ئۇچەي خاراكتىرلىك قەبزىيەت :تەرەت قالدۇقىنىڭ بوغماق ئۇچەيدە يۇرىششى ئاجىزلاش خاراكتىرلىك قەبزىيەت بولۇپ، بوغماق ئۇچەينىڭ قىسقىراشچانلىقىنىڭ ئاجىزلىششىدىن ،ئاستىلىشىپ قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بىسىمنى ئۆلچىگەندە بوغماق ئۇچەينىڭ ئىچكى بىسىمى تۆۋە ن چىقىدۇ. بەلكىم ئۇچەي نېرۋا مۇسكۇل نېرۋا چىگىشلىرىنىڭ قالايمىغانلىششدىن كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.بۇ ئەڭ جىق ئۇچرايدۇ.
②تۇز ئۇچەي خاراكتىرلىك قەبزىيەت : بۇنىڭدا تەرەت تۇز ئۇچەيگە زىيادە يىغىلىپ، چىڭقىلىپ، كەپلىشىپ كىتىشىدىن چوڭ ئۇچەي قىسقىرالماي كىلىپ چىقىدۇ. تەرەت قىلىش قىينلىشش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


كىسەللىك سەۋەبى :

1.  ئۇچەيگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ. ئۇچەي ھەركىتى ئاجىزلاش، ياكى پالەچلىنىش ،ئۇچەيدە ھۆللۇك مىقدارى كىمىيش، قۇلۇنجى ،قۇۋىتى ماسىكە ئىشش ..
2.  يىمەك ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى: ئىغىر تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، تاماقنى ئاز ييش، يىرىك چايناش، چاي ئۇسۇزلۇقنى ئاز ئىچىش، ھورۇنلۇق ،جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماسلىق ۋاختىدا تەرت قىلماسلىق كەمەرنى زىيادە چىڭ باغلاش
3. بىرقىسىم كىسەكللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. سوزۇلما ھەزىم بۇزۇلۇش، بوۋاسىر، زىيادە سىمزلىك، جىگەر خىزمىتى تۆۋەنلەش، قوساق،دىئافراگما  مۇسكۇللرى كۇچسىزلىنىش ،ئوزۇقلۇق يىتشمەسلىك، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ئۇندىن باشقا ئاتروفىن ،مورفىننى كۆپ ئىچىش 
كىلنكىلىق ئىپادىسى : چوڭ تەرەت ناھايتى قاتتىق قۇرۇق بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقتتا بىرقىتىم كىلىدۇ. تەرەت قىلغاندا زىيادە كۇچىنىدۇ. تەرەت قىلغاندا زىيادە كۇچۇنشتىن مەقەت ئاغىرىش، يىرىلىش، بوۋاسىر، ھەتتا قاناش كىلىپ چىقىدۇ. بوغماق ئۇچەي سىپازمىلىنشتىن كىلىپ چىققان بولسا تەرەت قوي مايىقىدەك كىلىدۇ. قەبزىيەت  ئۇزۇن داۋاملاشقۇچىلاردا قوساق ئىسىلىش ئىشتىھا سىزلىق كۆڭۇل ئىلشش ئىغىزسسق پۇراش  قاتارلىق ئالامەتلار كۆرۇلىدۇ. ماغدۇرسىزلىق  باش قيش، باش ئاغىرىش، زىھنى ئاجىزلاش قاتارلق ئومومى بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ. قوساقنى باسقاندا ئاغىرىش بولىدۇ.بەزىدە قان بىسىم يۇقىرى ،قان تومۇرقاتقان بىمارلاردا بىرقىسىم خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مومكىن

  .دىئاگنۇز قويۇش : قەبزىيەتكە دىئاگىنۇز قويۇشتا دوختۇر ئالدى بىلەن قەبزىيەتلىكنىڭ ئالاھىدلىكىنى ئىنقلاش كىرەك .يەنى تەرەتنىڭ قىتىم سانى ، مىقدارى ،قىينلىق دەرىجىسى ،قاتتىقلىقى قاتارلىقلارنى ئىنقلاپ  كىسەللىك سەۋەبى ،كىلنىكىلىق ئىپادىلىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھۆكۇم قىلىشى كىرەك .ئۇنىڭدىن كىين تۆۋەندىكى تەكشۇرۇشلەرنى ئىلىپ بارسا بولىدۇ. ①چوڭ تەرەتنى تەكشۇرۇش :چوڭ تەرەتنىڭ شەكلى ،چوڭ كىچىكلىكى ،قاتتىقلىق دەرىجىسى ،قان يىرىڭ بار يوقلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۇرۇش كىرەك ②تۇز ئۇچەيگە قول سىلىپ تەكشۇرۇش :بوۋاسىر تۇز ئۇچەي راكى تۇز ئۇچەي تارىيش، تەرەت كەپلىشش بار يوقلىقى قاتارلىقلار تەكشۇرلىدۇ. ③ئۇچەي ئەينىكى ؤة×نۇرىدا تەكشۇرۇش. ئۇچەيدە چاپلىشش، كىسەلىك بار يوقلىقى ،ئورنىنى بىللگىلى بولىدۇ. ×نۇرىدا تەكشۇرۇشنىڭ ئاشقازان ئۇچەينىڭ لۆمۇلدىمە ھەركىنتىنى ئىنقلاشتا مەلۇم قىممتى بار.
ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش
①ۋاختىدا تەرەت قىلشقا ئادەتلىنىش تۇرمۇشنى تەرتىپكە سىلىش
②يىمەك ئىچمىكىنى تەڭشەش، ينىى تاماقنىڭ قويۇق سۇيۇقلىقى ،تۇرى ،مىقدارى،قاتارلىقلارغا تەڭ ئىتىبار بىرىش، مىۋە چىۋە لەرنى كۆپرەك ئىسىتىمال قىلىش قوغۇن تاۋۇز، ئۇرۇك شاپتۇل، كۆتات شورپىسى، سۇت قىتق
②  بەدەن چىنقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش يۇگىرىش توپ ئويناش، سەيلە ساياھەت،

داۋالاش پىرىنسىپى :ئۇچەي خىزمىتىنى ياخشىلاش ،سىلىقلاشتۇرۇش، سۇرۇش پىرىنسىپى بويچە دورا ئىشلىتىدۇ.
⑴بىنەپشە 7گىرام ،بىخسۇس 7گىرام.پۇنۇس خىيارشەنبەر 36گىرام ،ئۇرۇقى ئىلنغان ئۇزۇم 9دانە، ئەنجىر قىقى 5دامە بادام يىغى 12م ل زاراڭزا مىغىز 10گىرام كاشكاپ قىلىپ ئىچىدۇ.
⑵ھەببى مۇلەييىن بىرىلىدۇ يەنى :سانا 36گىرام ،ئامىلە 12،كۇدە ئۇرۇقى 24گىرام،قارا ھىلىلە 12گىرام ،ھىلىلە زەرت پوستى 12گىرام ،ھىلىلە كابىلى پوستى 20گىرام مۇقەل 24گىرام مۇقەلنى ئىرىتىپ ئارىلاشتۇۇپ كۇدە سۇيىنىڭ قىيامى بىلەن يۇغۇرۇپ كۇمۇلاچ قىلىنىدۇ. قەبزىيەتىنى بوشۇتۇش ،يۇمشۇتۇش ۋە بوۋاسىر نى داۋالاش تەسىرى بار. ئۇندىن باشقا ئىلمان كىر سوپۇنى سۇيىگە ئاق مۇمدىن 2گىرام سىلىپ كىلزما قىلسا بولىدۇ. شىپايى      مۇلەييىن مەقەتكە سىلىنىدۇ.  مۇرەككەپ دورىلاردىن :مەجۇنى سانا ،ھەببى مۇلەييىن ،ھەببى رەۋەن ،مەجۇنى خىيارشەنبەر، ھەببى تەنكار، مەتبۇ خى ئەپتىمۇن قاترلىق دورىلار بىرىلىدۇ.
 تۆۋەندىكى ئاددى چارىلارنىڭ ئۆنۇمى ياخشى :
1.ھەركۇنى ئاخشىمى ئاپتاۋى گۇلقەنت ،ئەتتىگىنى ھەسىل نى قايناق سۇ بىلەن ئىچسە بولىدۇ.
2.ھىلىلىنى يۇمشاق سوقۇپ، بادام يىغى ياكى كالايىغىدا ياغلاپ يىگۇزۇش، ھىلىلە مىرابباسى بىرىشمۇ پايدىلىق .
3.قارا كۇنجۇت 30گىرام ،ياڭاق مىغىزى 60گىرام ئىلىپ سوقۇپ، كۇندە ئىلمان سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
4.ياڭيونى مايدا پىشۇرۇپ، يىسە سوزۇلما قەبزىيەتكە پايدىلىق
5.ھەركۇنى قايناقسۇغا ئاچچىقسۇ تىمتىپ ئىچىشنى داۋام قىلسا قەبزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6.قوساقىنى ئوۋلاپ بىرىش ناھايتى پايدىلىق


شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12824 قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋا
11752 ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـ
10746 ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا
9008 ئىچى سۇرۇش كېسەللىكى
8751 ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسس
8141 ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
8070 ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى كېسەللى
7417 ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنىڭ
6960 جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىك
6695 ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇ
6208 سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەلل
5053 ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .