ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئىھ
8063 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-05-09 يوللانغان ۋاقتى :

                            

تاجىسىمان، يۈرەك كېسىلى، ياشانغانلار،

 

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان كۈز ۋە قىش پەسلىدە شەھەر ئاھالىسى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملانمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: سوغۇق ھاۋا ئاسانلا قان تومۇر تارىيىش، تارتىشىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناچار بولۇپ، ھاۋانىڭ تۇراقسىز بولۇشى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى تېخىمۇ ئاسان قوزغىتىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، سوغۇق ئېقىمنىڭ كىرىشى بىلەنلا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ئاغرىقلار قېلىن كىيىنىشى، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 15 – 18 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىشى، سىرتقا چىققاندا سوغۇق ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىقى، شامالغا قارشى ماڭماسلىقى كېرەك.

ئۇنىڭدىن سىرت يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولۇشى، كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇشى، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، ھەددىدىن ئارتۇق ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىشى ھەم ئۇزاق ئولتۇرۇۋالماسلىقى، يېتىۋالماسلىقى، كەيپىياتىنى ياخشى ساقلاپ، بەك ھاياجانلىنىپ ياكى قايغۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىشنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، تاماكىنى قەتئىي تاشلىشى كېرەك.

تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
32688 ئىككى قا پقاقلىق كىلاپان تارىيى
14498 مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكى بارلار
11405 يۈرەك رېتىمسىزلىغى كېسەللىكى پە
10992 ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى
8099 رېماتېزىم خاراكتىرلىك يۈرەك كىل
8063 كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈر
7576 يۈرەك قېپى ياللۇغى كېسەللىكى سە
6750 ئائۇرتا كىلا پان تۇلۇق يىپىلالم
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .