ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەللىكى سەۋەبى ۋە داۋالاس ئۇسۇلى
6238 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى كېسەللىكلىرى تۈر تەۋەلىكى : 2014-10-29 يوللانغان ۋاقتى :

                            
سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى
نۆۋەتتە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %80-%90دە بۇخىل سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى بارلىقى سىتاستىكا قىلنغان .
كىسەللىك خاراكتىرى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن :
1)   ئۇزە قەۋەتلىك ئاشقازان ياللۇغى
2)   يىگىلەش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى←بەزىلەردە راكقا ئۆزگۇرۇپ كىتىدۇ. 
3)   قىلنلاش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپ 3تۇرگە بۆلىنىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى ۋە ميخانىزىمى :
1. ئۆتكۇر خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى دەسلەپ قوزغالغاندا ئونىڭغا مۇناسىپ چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەل تۆكۇس داۋالاش ئىلىپ بارمىغاندا كىلىپ چىقىدۇ.
2. فىزىكا خىميەلىك ئامللارۋە يىمەك ئىچمەك ئادىتى ياخشى بولماسلىق .
زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىش، ئاچچىق چۇچۇك ۋە زىيادەئىسسىق سوغۇق يىمەك-ئىچمەكەرنى ئىستىمال قىلشقا ئادەتلىنىش، قىنق چاي ،قويۇق قەھۋە ،يۇقرى گىرادۇسلۇق ھاراق، قاتارلىقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددت ئىچىش،تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.
3. ئۆت ۋە 12 بارماق ئۇچەي توسۇلۇش ۋە تەتۇر ئىىقىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئاشقازان ئىستىرخاسى بولغاندا ئاشقازان چىقىش ئىغىزى بوشاپ،ئاشقازاننى قىسمەن كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيسى قاتارلىقلاردائاسانلا12بارماق ئۇچەي سۇيۇقلىقى ئۆت سۇيۇقلىقى قاتارلىقلار ئاشقازان تەرەپكە قۇيۇلۇپ يەرلىك ئورۇننى ياللۇغلاندۇرىدۇ.
4. ئاشقازان سوۋۇپ كىتىش ۋە غەيرى تەبئى بەلغەم خىلتىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
5. باشقا ئامىللار :
روھى جىددىلىك،ئاغىرىق پەسەيتكۇچى ،رىماتىزمغا قارشى دورىلار، سۇيدۇك ھەيدىگۇچى ، تاش پارچىلىغۇچى ۋە سۇر گۇدورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىش. ئۇندىن باشقا قىرىلىق سەۋەبىدىنمۇ كىلىپ چىقىدۇ.
كىلنكىلىق ئىپادىسى :
سوزۇلما خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كىسەللىك جەريانى ناھايتى ئۇزۇن بولۇپ تەكرار قوزغۇلىدۇ. باشتىن ئاخىر ھەزىم بۇزۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. قوساق ئىسىلش، كۆڭۇل ئىشىش قۇسۇش، ئاچچىقسۇ ياندۇرىدۇ. ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، ئىغىر لىرىدا قاناش بولىدۇ. بۇ ئالامەتلار ئۇزۇن داۋاملاشقۇچىلاردا بىمارنىڭ چىرايى تاتىرىش، ئاسان چارچاش بەدەن ئىغىرلىقى تۆۋەنلەش ،ئورۇقلاش ،قان ئازلىق، قاتارلىق ئالامەتلاركۆرۇلىدۇ.يۇقرى قوساق قىسمىنى باسقاندا كەڭ دائىرلىك ئاغىرىدۇ. ئاغىرىش نوختىسى ئىنىق بولمايدۇ. تىلداقويۇق  گەز ئىپادىلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا تىل ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.
بەدەن بەلگىسى :
يۇقىرى قورساق قىسمىنى باسقاندا  ئاغرىش بولىدۇ. بىرقىسىم كېسەللەردە تىل ياللۇغى ، قان ئازلىق ۋە جۈدەش كىلىپ چىقىدۇ.
دىئاگىنۇز قويۇش ئۆلچىمى :
1)   تىپىك كىلنىكىلىق ئىپادىسى :
2)ئاشقازان ئەينىكى ۋە تېرىك توقۇلما ئىلىپ تەكشۇرۇش :ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۇرگەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسى قان تولۇش سۇلۇق ئىششق بولۇپ، گۇللۇكسىمان قىزىل ئارىلاش ئۆزگۇرەيدۇ. يىگىلەش خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا شىللىق پەردە ئاقۇش ياكى كۈلۈرەڭ كۆرۈنىدۇ.يېرىلغان قورۇقچىلار ئىنچىكىرەپ قالىدۇ .شىللىق پەردە تېگىدىكى قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. زورۇل بولسا يەرلىك ئورۇندىن تېرىكتوقۇلما ئىلپ ئانالىز قىلىنىدۇ.
3)رېنتېگىندە تەكشۇرۇش :ناھايتى كەڭ كۆلەمدە كۆرۇلىدۇ. ياللۇغ ئورنىنىڭ دىۋارى ئەتراپ توقۇلمىد ىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ قالىدۇ. تەكشىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ.
4)   ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى ئانالىز قىلىش : يۈزەكى ئاشقازان ياللۇغىدا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجىرالمىسى نورمال بولىدۇ. سوزۇلما يىگىلەش خارەكتىلىك ئاشقازان ياللۇغىدا ئاشقازان كىسلاتاسى كۈرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىدۇ.
سىلشتۇرما دىئاگنۇز :
1)  ئاشقازان 12بارماق ئۇچەي يارىسى:بۇنىڭدا ئاغىرىش تەرتىپلىك دەۋرىلىك بولىدۇ ،ئاغىرىش يىمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
2)  ئومومى بەدەنلىك ئالامەتلىرى ناھايتى ئىغىر ئۆتىدۇ. ئىغىرىش كۇچلۇك بولىدۇ.قانايدۇ.
3)   سوزۇلما ئۆت ياللۇغى
ئالدىنى ئىلىش  داۋالاش :
داۋالاش پىرىنسىپى :
 ئاشقازاننى تازلاش ياللۇغ قايتۇرش،كىسەللىك ماددىسىنى تەنقىيە قىلىش،ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى قوغداش ، ئاشقازاننى قىززىتىش پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:غەيرى تەبئى بەلغەم خىلتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا :غەيرى تەبئى بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچ مۇسھىلى بىرىلىدۇ .
 ئاشقازان قىززىتقۇچى ھەزىمنى ياخشىلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن جاۋارىش كومۇنى ، جاۋارىش  ئەنبەر ،بۇزورى شەربىتى،مائول ھەسەل ،مەجۇنى نانىخۇا،جاۋارىشى مىشكى ،جاۋارىش ئامىلە،داۋائى مشكى ،پىننە گۇلقەنتى قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.
چايلىغى ئۇچۇن : قارمۇچ   16گىرام  زەنجىۋىل   12گىرام قەلەمپۇر  5گىرام  زىرە   10گىرام   لچىندانە  10گىرام پىننە  8 گىرام قاقىلە8 گىرام   جويىز  3  گىرام سىرىق چىچەك  8 گىرام   يالپۇز  5   گىرام قارا ھىلىلە  12 گىرام ئاشقازاننى قىزىتىش ،ھەزىمنى  ياخشىلاش تەسىرى بار.بۇ چايلىقنىڭ يۇمشاق قىسمى تامىقىغا سىپىپ يىسىمۇ بولىدۇ.تۆۋەندىكى ئاددى چارىلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
1)     نۇقۇت سۇيىگە دارچىن،فىل-فىل زىرە قىتىپ ئۇچكۇزۇش ،ئارپا سۇيى ،ئارپا ئىشى ئىچكۇزۇش ،قاتارلىقلارمۇ ياخشى ئۇنۇم قىلىدۇ.
2)     بىر سەر كۇنجۇت يىغىنى بىر چىنە يىلمان سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ،ئىچكۇزسە قۇستۇرۇش ۋە زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
3)     يىرىم جىڭ چۇچۇك بويىنى قۇرۇتۇپ ،تالقانلاپ 1×3×10گىرام ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ياللۇغىغا ناھايىتى پايدىلىق.
4)     ئانار يۇپۇرمىقى بىلەن تاجىگۇل يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۇيىنى ئىچشنى  داۋام قىلسا ئاشقازان ياللۇغىغا ناھايتى پايدىلىق .
5)ئانار ئۇرۇقى50گىرام يالپۇز 30گىرام،ئۇرۇك يىلىمى 30گىرام ،تالقاندىن بىر چىمدىمدىن 3ۋاخ ئىچسە كۆڭۇل ئىلىشىش قۇسۇشقا پايدىلىق .(يارىغا بىرىمىز
6) 50دانە ياڭاق مىغىزىنى قورۇپ ،120گىرام قاراشىكەر ،120گىرام ئاق شىكەر،60گىرام سىرىق مۇم.20دانە چوڭ چىلان (چىلان ئۇرۇقىدىن ئايرىپ قورىلىدۇ)دورىلارنى سۇقۇپ تالقانلاپ ھەسەل بىلەن خىر قىلىپ 15گىرامىدن يىيىشنى ئادەت قىلسا ئۇنۇمى ئىنتايىن ياخشى
ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاشتا دىققات قىلىدىغان ئىشلار:
1) كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنىق ئايرىپ ،سەۋەبىنى يۇقىتىش كىرەك.
2)تامىقىنى تەرتىپكە سىلىش ،يۇمشاق سىڭىشلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىال قىلش ،ئاز-ئازدىن كۆپ قىتىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش،ھەمەك نان ،قيماشورپىسى ،تۇخۇم شەربىتى
3)ھاراق شارابنى قەتئى چەكلەش
4)بىمارنىڭ داۋالاشقا بولغان ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۇرۇپ ،روھى كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش ئۇزۇل كىسىل ئاخىرغىچە داۋالاشقا بەرداشلىق بىرىش
 5)ئاشقازاندا ئەگەر چوڭ قاناش كۇرۇلسە دارھال قان توختتىش چارىسىنى قىلش كىرەك.زورۇل بولسا ۋاختىدا ئوپراتسىيە قىلىش كىرەك



شىنجاڭ خوتەن تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
دورا تەتقىقات مەركىزى
تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
12862 قەۋزىيەت كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋا
11804 ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـ
10786 ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا
9047 ئىچى سۇرۇش كېسەللىكى
8778 ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسس
8186 ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
8099 ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى كېسەللى
7449 ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنىڭ
6996 جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىك
6729 ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇ
6238 سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى كېسەلل
5083 ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇر
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .