ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

  

جىگەر سانجىقى (جىگەر ئۆت تاش كىسەللىكى)
16239 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئىچكى كېسەللىكلەر تۈر تەۋەلىكى : 2014-05-09 يوللانغان ۋاقتى :

                            

جىگەر سانجىقى ( جىگەر- ئۆت تاش كىسەللىكى )


سەۋەبى :

 جىگەر بىلەن ئۆت يولى ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا بولۇشتىن ، جىگەردە غەيري سەپرا قېتىپ تاش پەيدا بولسا ، جىگەر ئىچى ئۆت تېشى كېسىلى دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۆت خالتىسدىكى غەيرىي سەپرا خىلتىنىڭ قۇيۇقلىشىپ قېتىشىدىن ئۆتتە تاش پەيدا بولسا ئۆت تېشى كىسىلى دېيىلىدۇ. بۇ تاشلار پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى مايلىق گۆش، تۇخۇملارنى قورۇپ يېيىشتىن ياكى ھوردا پۇشۇرۇپ يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، جىسمانى ھەرىكەت بىلەن كۆپ شۇغۇنلانماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ تاشلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك ، رەڭگى قارا ، يېشىل، كۈلرەڭ ۋە داشقال رەڭ بولىدۇ.

ئالامىتى

 ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىلار ئارىسىدا تۇيۇقسىز ئاغرىش پەيدا بولۇپ، ئاغرىق ئاشقازان ئۇدۇلىغا ھەم ئوڭ تەرەپ تاغاق ساھەسىگە تارايدۇ. كېسەل ھەرىكەت قىلالمايدۇ، كۆڭلى ئيىنىدۇ، ھۆ تۇتىدۇ، بەزىدە سېرىق سۇ يانىدۇ، قورساق ئېسىلىدۇ، ھېق تۇتىدۇ، زەردە قاينايدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ، ئاچچىق بۇلۇپ كىتىدۇ، تاش ئۆت يولىغا كەپلىشىپ قالسا ، كېسەل قاتتىق بىئارام بولۇپ ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. تاش جىگەرنىڭ ئۆزىدە بولسا تۇتقاقلىق بولمايدۇ. جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق ، تېلىش، يەڭگىل زىڭىلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆتتىك تاش ئۆتنىڭ غول نەيچىسىدە تۇرۇپ قاسا كىسەلنىڭ بەدەنگە سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئېغىرراق ئۆتىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى :

 ئالدى بىلەن ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەببى شىپا ياكى ھەببى تەرياق بىرىش، سىرىتتىن خەشخاش پوستىنى سوقۇپ جىگەر ساھەسىگە چېپىش كېرەك. ئاغرىق پەسەيگەندى كىيىن تاش ئېرىتىدىغان دورىلارنى بېرىش لازىم .بۇنىڭ ئۈچۈن مەجۈنى ۋەرد، شارابى بۇزۇرى ، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى پۆدىنە بىرىش، جاۋارش جالىنوس، ھەببى رەۋەن، سىفوفى ھەجىرۇل يەھۇت بىرىش، يەنە ئىسكەنجىبىل ئۇنناپ، ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى بەرسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ. ئەگەر تاش جىگەردە بولسا جاۋارىش نانخا، سىفوفى ھەجىرۇليەھۇت، سىكەنجىبىل، ئەفسەنتىن، مۇرەككەپ ئەرەقى كاسىن، جاۋارىش زەر ئۇنى بىرىش ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.

ئۇزۇقلۇق جەھەتتە غەيرى سەپىرا خىلتىنى تەڭشىگۈچى تاماقلاردىن كەپتەر شورۇپسى، سەۋزە، تۇرۇپ، كەرەپشە، موگو سېلىنغان شورىپا بىرلىدۇ. قوي گۈشى، تۇخۇم، كالا گۈشى قاتارلىقلاردىن پەرىز قىلىندۇ.



تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
19272 قاندىكى ماينىڭ پەيدا بولۇش سەۋە
17042 قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ سەۋەبلى
16239 جىگەر سانجىقى (جىگەر ئۆت تاش كىس
12717 يۇرەك سانجىقى سەۋەبلىرى ۋە داۋا
9804 يۇرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى ۋە د
9576 ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى
7471 يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىك
7323 ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بە
7009 يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .