• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


مەرۋايىت
3458 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئۇيغۇر تىبابىتى ئوت - چۆپ دورىلىرى تۈر تەۋەلىكى : تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى مەنبە :



مەرۋايىت    珍珠

ئۇيغۇرچە نامى مەرۋايىت
ئەرەبچە نامى لوئلۇ
ئىنگلىزچە pearl
تونۇش

مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ


خەنزۇچە ئاتىلىشى 珍珠
پارسچە نامى مەرۋارىد
ئوردۇچە نامى موتى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق سوغۇقمەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،


مەرۋايىت بولسا مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، تۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قاننى تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.


چۈشەندۈرۈشى 

مەرۋايىت بولسا ھايۋان مەنبەلىك دورابۇلۇپ،مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بۇنىڭ بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك بولۇپ، كىچىكى كۆكنار ئۇرۇقىدىنمۇ ئۇششاقراق، چوڭى قۇشقاچ تۇخۇمۇدىنمۇ چوڭراق، بەزىسى كەپتەر تۇخۇمىدەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىلدىكىسى بەك ئاز ئۇچرايدۇ، بەزىسى 12 گرام چوڭلۇقىدا بولىدۇ. تەبىئىي مەرۋايىتبى يىل بويى يىغىۋالغىلى بولىدۇ، 12-ئاي مەزگىلى ئەڭ ياخشى مەزگىل، دېڭىز ئىچىدىن سۈزۈۋېلىنغان قۇلۇلىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن يېرىپ مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. ئاندىن مەرۋايىت بىلەن سەدەپ ئايرىم پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، مەرۋايىتنى ئىشقارلىق سۇ بىلەن يۇيۇپ لايلىرىنى چىقىرىپ پاكىز سۇ بىلەن چايقىلىدۇ. رەخت بىلەن ئوراپ دۇفۇ ياكى پۇرچاق سۈتى بىلەن ەخمىنەن ئىككى سائەت قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ يۇيۇلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىن، بەھرەيىن، ئومان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

سۈپىتىنى ئېنىقلاش

بۇنىڭ ياخشىسى ئاق، ساپ، پارقىراق، يۇمىلاق، سىلىق بولغىنىدۇر، بۇخىلدىكىسى بەھرەيىن، ھورمۇز، ئومان قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھورموزدىن چىقىدىغىنى بەھرەيىندىن چىقىدىغىنىدىن ياخشىراق، بۇنىڭدىن قالسا تۇخۇم شەكلىدە كېلىدىغانلىرى بولۇپ، باشقا شەكىللىرى ئاق، پارقىراق بولىدۇ، ئادەتتە مەرۋايىت ئۈچ خىل بولىدۇ، 1-خىلى سېرىق، 2-خىلى قارا، 3-خىلى تۇتۇق بولۇپ، بەك ئۇششاق بولغىنى ناچار ھېسابلىنىدۇ. 

خۇسۇسىيتى

يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى ئېچىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، تۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قاننى تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

مەرۋايىتتىن ئايرىۋېلىنغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەندىن ئايرىلغان توشقان ئۈچىيىگە قارىتا تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. مەرۋايىتنىڭ سۆڭەك ئۆسمىسىنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. مەرۋايىت 2 گرام، قىزىلگۈل، ئاق سەندەل 10 گرامدىن، گاۋزىبان 15 گرام، ناۋات 15 گرام. سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. سۈرمە بىلەن مەرۋايىتنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ كۈندە بىر قېتىم كۆزگە تارتسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

3. سەدەب بىلەن مەرۋايىتنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سالايە قىلىپ، ئىسپىغۇل لوئابىغا ئارىلاشتۇرۇپ، تېرىدىكى داغلارغا كۈندە بىر قېتىم چاپسا داغنى چۈشۈرىدۇ.

4. ئەنجىباھار، ئاقاقىيا 5 گرامدىن، ئانارگۈلى3 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى، مەرۋايىت 2 گرامدىن. سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

جىسمى

مىقدارى

1 ~ 2 گرام.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، كەتىرا

ئورۇنباسارى

بىخ مارجان، زۇمرەت، سەدەپ

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

خېمىرى مەرۋايىت،قۇرۇسى مەرۋايىت.سۇپۇپى ھېقىق، ھەببى ھېقىق، سۇنۇنى ھېقىق، داۋائىي مىشكى.


كېسەللىك مىسالى

يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، جۇنۇن، ۋەسۋەسىچىلىك، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، قانلىق ئىچى سۈرۈش، بوۋاسىر، ھەيز كۆپ كېلىش، قىزىل، چېچەك، داغ، يىرىڭلىق جاراھەت، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.

يىڭى يوللانغان تەۋسىيەلىك يازمىلار
ئاۋات دورىلار
ئاۋات يازمىلار
12674 دانخورەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بو
11236 يەلتاشما كېسەللىكىنىڭ پەيدا ب
10471 ھۆل تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ پەي
9561 تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇ
9514 باش تەمرەتكىسى كېسەللىكىنىڭ پە
9267 تېرىنىڭ قۇشۇمچە ئەزالىرى ۋە تېر
8592 كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ كېسەللىك
8523 تېرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك رولى
7454 تېرىنىڭ تۈزۈلۈشى كېسەللىكىنىڭ پ
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .